سېرىكجان بىلاشئوغلى: «شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشىم ھەقلىق كۈرەش يولىدىن چېكىنگىنىمنى كۆرسەتمەيدۇ»

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا 5 ئايدىن ئۇزۇن مىرزا قاماققا ئېلىنغان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ يېتەكچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۈستىدىن 16-ئاۋغۇست ئالمۇتادا سوت ئېچىلىپ، ئۇ، 7 يىلغىچە خىتايغا قارشى سۆز ھەرىكەت قىلماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇنچە شەرتلەر ئاستىدا قويۇپ بېرىلدى.

بىر قىسىم قازاق پائالىيەتچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر بىلاشئوغلىنىڭ يۇقىرىقى شەرتلەرنى قوبۇل قىلىش بىلەن «ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇش» دېگەندەك جىنايەتلەر بېكىتىلىپ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىمۇ مەتبۇئاتلاردا بەلگىلىك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال، داڭلىق قازاق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېرىكجاننىڭ ئۆز پائالىيەتلىرىنى توختىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ ھەقتە سېرىكجان بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.