قاغىلىقتا تېپىۋېلىنغان 3 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېردىن ئۆيىگە قايتالمىغان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە قاغىلىق ناھىيىلىك قاتناش ساقچىلىرى بىر ۋىدېيولۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ يولدا ئېزىپ قالغان 3 بالىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ۋە ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتلىرىگە ياخشى قاراش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ئۈچ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قاغىلىقتىكى بىر لاگېردا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۆيلىرىگە قايتىدىغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆتكەن ھەپتە رۇخسەت بېرىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۆيىگە قايتالمىغان. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن قايتقان ئۈچ بالىسى كوچىدا قېلىپ، يولدا ئېزىپ قالغان ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ھەپتە تورلاردا تارقالغان بىر ۋىدېيولۇق ئۇقتۇرۇشتا قاغىلىق ناھىيەىسىدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ يولدا ئېزىپ قالغان 3 كىچىك بالىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياقىسىدىن تېپىۋالغانلىقى ۋە ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوبدان قارشى تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى. ئۇقتۇرۇشتىكى كۆرۈنۈشتە ئۈچ كىچىك بالىنىڭ قورققىنىدىن يىغلىغان ئاۋازى ۋە ساقچىلارنىڭ يول ياقىسىدىن ئۇلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى توپلاۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن.

بىز ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى، يەنى 3 بالىنىڭ كوچىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن قاغىلىق ناھىيسىگە تېلېفون قىلدۇق. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بۇ بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلىدە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بىر لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئەمما تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاغىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىكى خادىملار بۇ بالىلارنىڭ كىملىكى ۋە ئاتا-ئانىسىلا ئەمەس، بەلكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى.

ناھىيەلىك مۇپەتتىش ئىدارىسىدىكى بىر خادىمدىن يولدىن تېپىۋېلىنغان 3 بالىنىڭ لاگېردىكى ئوقۇتقۇچى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىلگىرى مۇشۇ ئىدراىنىڭ خىزمەتچىسى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ئىدارە لاگېردا ئىشلەيدىغان بىرسىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۈچ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردا خىزمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ھەپتىدە بىر قېتىملا ئۆيگە قايتىدىغانلىقى ئۈچۈن بالىلار مەكتەپتىن ئادەتتە ھەپتە ئىچىدە چوڭ دادىسى ۋە چوڭ ئانىسى تەرىپىدىن، پەقەت ھەپتە ئاخىرىدىلا ئاتا-ناىسى تەرىپىدىن ئۆيىگە ئېېلىپ كېلىنىدىكەن. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى لاگېردىكى ئۇشتۇمتۇت بىر خىزمەت جىددىيلىكى سەۋەبىدىن بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېردىن ئايرىلالمىغان. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز قالغان بالىلارنىڭ بوۋا-مومىسى بالىلارنى ئالغىلى مەكتەپكە بارمىغان. باشلانغۇچ ۋە يەسلىدە ئوقۇيدىغان بۇ ئۈچ بالا ئادىتى بويىچە 17‏-ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە يەسلى ئالدىدا توپلىنىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەكىتىشىنى كۈتكەن. ئەمما ئاتا-ئانىسى كەلمىگەندىن كېيىن ئۆيلىرىگە ئۆزلىرى مېڭىپ قايتىشقا مەجبۇر بولغان ۋە يولدا ئېزىپ قالغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى بۇ بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ تۇرغۇن ئىكەنلىكى ۋە قاغىلىقتىكى بىر لاگېردا ئىشلەيدىغانلىقى، ئانىسىنىڭ بولسا بىر ئاھالىلەر رايونىدا ئىشلەيدىغانلىقى ۋە نۆۋەتتە قەشقەر شەھىرىدىكى بىر لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاغىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر خادىم بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. ناھىيەلىك مۇپەتتىش ئىدارىسىدىكى يەنە بىر خادىم تېپىۋېلىنغان 3 بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئارزىگۈل ئىكەنلىكى ۋە باشقا ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يەنە خادىملار ۋە ئاھالىلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن بۇ بالىلاردىن بىرىنىڭ قاغىلىق بازار ئىچى 7‏-كەنت يەسلىسىدە ئوقۇيدىغانلىقى، بۇ يەسلىدىن 3-4 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئۇلارنىڭ دادىسى ئىشلەيدىغان لاگېر بارلىقى، بالىلارنى دادىسى ئالغىلى كەلمىگەندىن كېيىن ئۆزلىرى ئەنە شۇ لاگېرغا قاراپ كېتىۋېتىپ، يولدىن ئېزىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئىلگىرى قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى لاگېردا يالغۇز ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ نەزەربەنت ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ لاگېر قوروسىدىن خالىغان ۋاقىتتا چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.