ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېڭىچە تۈس ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش تاشقى دۇنياغا سىستېمىلىق ھالدا مەلۇم بولغىلى خېلى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا تۈركۈملەپ سېتىش بولۇۋاتقانلىقى بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتتا تولۇق ئەكس ئەتتى.
يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى لا تروبى ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئاسىيا مەركىزى بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاخباراتچىلار بىلەن بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. پۈتۈن دۇنيا تاجسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن نورمال يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋاتقان بولغاچقا بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىمۇ تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
ئالدى بىلەن ئاسىيا مەركىزىنىڭ دىرېكتورى بېك ستراتىڭ خانىم سۆز ئېلىپ ئاپتورلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان كىشىلەر لاگېرلارغا قامالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە بىرەر سىستېمىلىق ئەمگەكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى، «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يېڭى ئىلگىرىلەش بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى دوكلاتتا قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى سوئالنى مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرىغا سۇندى.
بۇ قېتىمقى دوكلاتنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىلىرىنىڭ بىرى، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىكىي شيۇجوڭ شۈ بۇ توغرىسىدا ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ ئىرقچىلىق سىياسىتىنى چىقىش قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نامىدا «تېررورچىلار» دەپ قارىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك «خۇراپىي، ئەسەبىي، قالاق، نامرات» دەپ تامغا ئۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى «ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن ئۇلارنى مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىن يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىشى بىلەن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋە «دېھقانلارنى بېيىتىش» نامىدا لاگېر مەھبۇسلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى، ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار داۋاملىق بېكىنمە شەكىللىك ياتاق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نازارەت ۋە مەھكۇملۇق ھالىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ۋىكىينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا خىتايچە ئۆگىنىش ۋە سىياسىي جەھەتتە مېڭىسىدىكى خەتەرلىك ئىدىيەلەرنى تازىلاشتىن خالاس بولالمىغان. ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا ماھىيەتتە گۆرۈدىكى كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن «زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمى» شەكلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پائالىيىتىدە 2019-يىلىغىچە ئاز دېگەندىمۇ 80 مىڭ ئىشچى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن.
ۋىكىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل پائالىيەتلەرنى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ياردەم تۈرلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارىغا «سىياسىي جەھەتتە ياردەم بېرىش» نامىدا ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قوشۇنى ئۈچۈن مىڭلاپ خىتاي كادىرلىرىنى ئەۋەتىش؛ «تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش» نامىدا چىراي تونۇش، ئاۋاز تونۇش ۋە نازارەت تېخنىكىئىسى دېگەندەك زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرىدىغان شىركەتلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە پايدىلىق بولغان بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ھەمدە ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ «مائارىپىغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا يۈزلەپ مىڭلاپ خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئەۋەتىش، بۇلار ئارقىلىق يەسلى يېشىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە خىتايچە تىل ۋە كوڭزىچە ئىدىيەلەرنى ئۆگىتىش بولۇپ كەلگەن. 2019-يىلىغا كەلگەندە بولسا بۇ خىل «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» چاقىرىقىنىڭ ئەڭ يېڭى شەكلى ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا توپ-توپى بىلەن ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ ئىچكىرىگە يۆتكەش شەكلىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بۇ خىل «زامانىۋى قۇللار» شەكلىدە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە ھاسىل بولۇۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمى دەل خەلقئارادا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق ماركىلارغا چېتىلىدىغانلىقى بولدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بېيجىڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئاننا فىفىلد بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە دەل مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.
ئاننانىڭ ئالاھىدە مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن خىتايدا تۇرۇپ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، چىڭداۋدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولغان نىكې شىركىتى مۇشۇ تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ ئىشلەتكەن. ئەمما بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىسپاتلارنى يىغىش ئۈچۈن ئانناغا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈشنىڭ ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە پاراكەندىچىلىكى، چەتئەللىكلەر بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قامىشى دېگەنلەر تۈپەيلىدىن ئۇ نىشاننى ئۆزگەرتىپ چىڭداۋغا بارغان. نىكې شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىغا بارغاندا ئاننانىڭ كۆرگىنى تىكەنلىك سىم توسۇق بىلەن قاشالانغان زاۋۇت قورۇسى، بۇ جاينىڭ زاۋۇتقا ئەمەس، بەلكى تۈرمىگىلا ئوخشايدىغانلىقى، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە يېزىقتىكى چوڭ خەتلىك شوئارلار ئاستىدا قوراللىق ساقچىلارنىڭ پوست تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ بىرلا ئىشىكتىن چىراي تونۇش، بارماق ئىزىنى بېسىش دېگەندەك شەكىللەردە تىزىملىتىپ كىرىپ چىقىۋاتقانلىقى، ئۇلار ئاشكارا ھالدا ھەربىيچە باشقۇرۇلۇۋاتقان قورۇدا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئايرىم ياتاق بىناسىدا تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشى مېنى قىلىنغان ھالدا تۇرۇۋاتقانلىقى بولغان.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ يەنە بىرى «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، لا تروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى جېيمىس لېيبولد ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى بۇ ھەرىكەتنى باشلىشىغا يېتەكچى نوپۇزغا ئىگە بىر تۈركۈم خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ، جۈملىدىن ما روڭ، خۇ ئەنگاڭ، خۇ ليەنخې قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى» نىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۈلگە قىلغانلىقى، بۇ خىل ۋاقتى ئۆتكەن سىياسەتلەرنى ئەمدى ئىسلاھ قىلمىغاندا ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتكە ئوخشاش جايلارنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدا ۋەزخانلىق قىلىشىنىڭ زور تەسىرى بولغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنى ئويلاشقان شى جىنپىڭنىڭ «چېگرا رايونلار» نى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ زىچ باغلايدىغان يېڭى چارىلەر ئۈچۈن ئىزدەنگەنلىكى، نەتىجىدە تېزلا دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى»، مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ئۇسۇللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
رىياسەتچى بۇ مەسىلىگە سوئال قويۇپ بەزىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھادىسىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقاندا لاگېرغا قامالغان مىليونلىغان كىشىنىڭ تەقدىرى يېقىن كەلگۈسىدە قانداق بولۇشى مۇمكىن، دەپ سورىدى. جېيمىس لېيبولد بۇنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك بىر «سىياسىي ئويۇن» ئىكەنلىكىنى، مەيلى ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى سوۋېت دەۋرىدىكى گۇلاگ سىستېمىسى بولسۇن ۋە ياكى يېقىنقى مەزگىلدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرى بولسۇن بۇلارنىڭ بىردەك قانلىق تارىخ بولۇپ يېزىلغان ۋەقەلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا «قالاق»، «ئەسەبىي»، «تېررورچى» دېگەندەك بارلىق سەلبىي ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئاستا سۈرەتلىك «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.
0:00 / 0:00