پاسپورت مەسىلىسى سەئۇدىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ كېلەچىكىدە ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بەرمەسلىكى پاسپورت قەرەلى توشۇپ كەتكەن ياكى توشۇپ كېتىش ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارغا زور كاشىلا پەيدا قىلىپ، ئوقۇش، تىجارەت، تىرىكچىلىك ۋە چەتئەلگە چىقىش ئىشلىرىدا زور قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، پاسپورت قەرەلىنىڭ توشۇپ كېتىپ، ھۆججەتسىز قېلىشتەك بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىسىز قېلىپ، كېلەچىكى ئېنىقسىزلىققا مەھكۇم بولۇشتەك خەۋپنى تۇغدۇرماقتىكەن.

مەزكۇر مەسىلە فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. مەزكۇر ئاگېنتلىق 27‏-يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە سەئۇدىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل «مۇمكىنسىز تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. بىز 28‏-يانۋار كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بەزى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پاسپورت مەسىلىسىدىكى قىيىنچىلىقىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئىگىلىدۇق. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانىسى پاسپورت يېڭىلاشقا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئاق پاسپورت بېرىدىكەن. بۇ پاسپورت پەقەت خىتايغا قايتىپ كېتىشكىلا يارايدىكەن. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار پائالىيەتچىلەر، خىتايغا قايتىپ بارغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى لاگېرلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بەرمەسلىك ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇرلاشتىكى بىر خىل ئىستراتېگىيە» ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ سەئۇدىدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بەرمىگەچكە ئۇيغۇرلار ئامالسىز تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېتىپ بارماقتىكەن. ئۇ، 28‏-يانۋار رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ھازىر تولىسى تۈركىيەگە كېتىۋاتىدۇ. بۇ يەردىن تۈركىستانغا بارالماي تولىسى تۈركىيەگە كېتىپ بارىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئازراق چىڭايتىپ قويدى، ئوتتۇرۇمنى، بىر ئادەمنى مانچە پۇل تۆلەيسەن ھەر ئايدا، دەپ. شۇڭا، بۇ يەردە بالىلىرى جىق ئادەملەر بۇ يەردە تۇرالماي تۈركىيەگە كېتىپ بارىدۇ، ھازىر. ‏ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە پاسپورتىنى يېڭىلاپ بەرمەيدىكەن.»

ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇش، تىجارەت، ئىشلەمچىلىك ياكى باشقا تىرىكچىلىك بىلەن ياشاۋاتقان قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى مەلۇم ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 28‏-يانۋار كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ سەئۇدىدىكى ئەلچىخانىسى 2017‏-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاپ بېرىشنى توختاتقان. 2018‏-يىلغا كەلگەندە تۇغۇلغان بالىلارغىمۇ پاسپورت بەرمىگەن. ئۇ، سەئۇدىدىكى يۇقىرىقى ئوقۇغۇچى، ئەسلى سەئۇدىدا بىرەر يۈزدەك بالا ئوقۇيدىغانلىقى، لېكىن خىتاينىڭ پاسپورت بېرىشنى توختىتىشى بىلەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاشلاپ، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق بىر سىياسىي پائالىيەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى، ئۇلارنىڭ سەئۇدى قانۇنى ۋە خىتايغا ئالاقىدار نازۇك تېمىلارغا ئىزچىل ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ يەردە بىر نۇقتا بار شۇنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك. بۇ يەردە بۆلگۈنچىلىكنى ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقىنى يوق. ئوتتۇرا-شەرق ۋە ئەرەب دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھېچقاچان بۆلگۈنچىلىك قىلغان ئەمەس. بۆلگۈنچىلىكنى كىم قىلىۋاتىدۇ، دېگەندە، بۆلگۈنچىلىكنى بۇ يەردە خىتاينىڭ ئۆزى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۆلگۈنچىلىك قىلمىسا نېمىشقا بىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان ئوقۇغۇچىغا، مەسىلەن: بىر جۇڭگولۇق دەيلى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار بار، شېۋە بار، ئۇيغۇر بار، ئەمما نېمىشقا ئۇيغۇرغا يېڭىلانمايدۇ؟، بۇ پاسپورت. نېمىشقا بىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مەسىلەن، ئۇيغۇرغا يېڭىلانمايدۇ؟، تۇڭگانغا يېڭىلىنىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە ھەقىقىي بۆلگۈنچىلىكنى جۇڭگو تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇنىڭغا پۇقرالىق سالاھىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسا ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك.»

يۇقىرىقى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەئۇدىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، سەئۇدىدىكى ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ سۇنغان. بىز مۇناسىۋەت بىلەن 28‏-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ سەئۇدىدىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، لېكىن ئەلچىخانا تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. يۇقىرىقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەكتۇپتا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنىلا تەلەپ قىلغان. ئۇ مەزكۇر مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدا بىز ھېچقانداق بۆلگۈنچىلىكنى تەشەببۇس قىلمىدۇق. خىتاينىڭ سىياسىتىگە ئارىلاشقان ئىشىمىزمۇ يوق. پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقىنى. . . . . . . . ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنداشلىرىغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىنى قىلسۇن، دېدۇق. ئۇنىڭدا ھېچنەرسە تەلەپ قىلمىدۇق. پەقەتلا خىتايلارغا، تۇڭگانلارغا بەرگەن نەرسىنى بىزگىمۇ بەرسۇن، چىرايلىق ئوقۇشىمىزنى ئوقۇۋالايلى، دېگەن تەلەپنىلا سۇندۇق. بىز ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تەلەپ سۇنمىدۇق.»

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ژۇرنالىست ۋە دىنىي زات سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىتاي پاسپورتى بىلەن ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئازىيىپ كەتكەن. ئۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كەتكەنلىكى ياكى تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھازىر پاسپورت مەسىلىسىدىكى ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىققا سەئۇدىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 28‏-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇ مەسىلە تېز ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھازىرغا قەدەر قانچىلىك ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. سىراجىددىن ئەپەندى، 28‏-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، توقۇنۇش بولغان رايونلار بىلەن ياكى چەكلەنگەن بەزى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئەمما خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن كونكرېت كىشىلەر ھەققىدە ھېچقانداق بىر خەۋەر يوقلىغىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادە بىن سالمان ئۆتكەن يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاتالمىش «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇققا» قارشى يولغا قويۇپ كەلگەن تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ «تېررورلۇققا» بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىش ھوقۇقى بار» دېگەنىدى. بىراق بىن سالماننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قامىشى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ، خىتاي «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە بۇ سۆزلەرنى قىلىشى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.