سەئۇدى ئەرەبىستاندا ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلى، نۇرمۇھەممەد روزى، خەلچەم ئابدۇللاھ، بابۇرە مىرئەخمەت قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە 30-مارت كۈنى مەككەدە سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلگەن بۇخەلچەم ئابدۇللاھ 9-ئاپرېل كەچتە ئۆزى ۋە 13 ياشلىق قىزى بابۇرە مىرئەخمەتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ماشىنىدا بىر يەرگە ئېلىپ مېڭىلىۋاتقاندا ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىن كۆرۈنۈشى تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر سىن ئۇچۇرىدا بۇخەلچەم خانىم ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە يىغلىغان ھالدا نىدا قىلىپ، ئۆزى ۋە قىزى بابۇرە مىرئەھمەدنىڭ سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن رىيادقا ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇخەلچەم خانىم سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن نۇرمۇھەممەد روزىنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى ئىكەن. ئۇ 30-مارت مەككە ئەتراپىدا سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ياش ئەنۋەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلچەم ئابدۇللاھ ئەسلىدە ئىستانبۇلدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەتكەن ئىكەن. ئۇ سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئىقامەت (ئولتۇرۇشلۇق كىنىشكىسى) ۋىزىسى بىلەن قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان بىر ئايال بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىقامەتىنىڭ كېپىللىكى يولدىشى نۇرمۇھەممەد روزىنىڭ نامىدا بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.
بۇ ھەقتە ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ قىزى نۇرئىمانگۈل بىزگە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۇخەلچەم ئاچام نۇرمۇھەمەد ئاكىنىڭ بۇرۇنقى ئايالى، ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىقامەت كېپىللىكىنى ئايرىۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى ھېسابلىنىدىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇ تۇتۇلۇپ كەتتى. بولمىسا بۇخەلچەم ئاچىمىز قانۇنغا خىلاپ ھېچ قانداق ئىشى يوق، ئۇلار ناھەق تۇتۇلدى. تۆت نمەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق رامازان كۈنلىرىدە خىتايدەك بىر زالىم ھاكىمىيەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش خەۋپىگە دۈچ كېلىشى، ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. بىز پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن، سەئۇدىي ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن، تۆت نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ۋە ياكى بىخەتەر باشقا بىر دۆلەتكە قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
نۇرئىمانگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇر ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان جىددە شەھرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھرىگە يۆتكەلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ جىددە شەھرىدىكى تۈرمىدىن رىياد تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنىشىمۇ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى نۆۋەتتە خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار جامائىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 4-ئاپرىل كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «13 ياشلىق ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى، خىتاي بولمىغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتقان، باستۇرۇۋاتقان، قىيىن-قىستاققا ئېلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، خەلقئارالىق قانۇن-بەلگىلىمىلەراگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ھەرىكەتتۇر.»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لىن مالۇف (Lynn Maalouf) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇرلار ھازىر قاباھەتلىك زور تۇتقۇنغا ۋە لاگېرلاردىكى جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تۇتقۇندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش، ئۇلارنى قاراپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرگەنلىكتۇر،» دېگەن. ئۇلار يەنە سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرىشىغا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسى بولغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، 11-ئاپرىل دۈشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلى، نۇرمۇھەممەد روزى، خەلچەم ئابدۇللاھ، بابۇرە مىرئەخمەتنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلسۇن»، «ھەمدۇللا ۋەلىيگە ئەركىنلىك»، «نۇرمۇھەممەد روزىغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شۇئارلار توۋلىدى.
بىز سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلى قاتارلىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەمدۇللاھ ۋەلىنىڭ قىزى نۇرئىمانگۈل بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەمدۇللاھ ۋەلىنىڭ قىزى نۇرئىمانگۈل ھەمدۇللا دادىسى ھەمدۇللا ۋەلى قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بۈگۈن، يەنى 11-ئاپرىل كۈنى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانا ئالدىغا چىقىپ نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە دادىسى قاتارلىق تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماستىن تۈركىيە ۋە ياكى ئۈچۈنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرئىمانگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانا خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشپ، دادىسى توغرىسىدا سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە كونسولخانا ئىچىدىن بىر دىپلوماتىيە خادىمى چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېزىلغان تەلەپلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە ئىلتىماسنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ ھەمدۇللا ۋەلى قاتارلىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورالغان سوئاللارنىڭ ھېچ بىرىگە جاۋاپ بەرمەستىن تېزلا كىرىپ كەتكەن.
نۇرئىمانگۈل ۋە سىڭلىسى سۇمەييە 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، يەنى دادىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇلۇپ كېتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، تېلېفوندا سۆزلەشكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلار دادىسى بىلەن ھېچ قانداق شەكىلدە ئالاقە قىلالمىغان، ئۇلار دادىسىنى سېغىنىش ۋە دادىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىپ ياشاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
نۇرئىمانگۈل پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىدىن، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن دادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى.