خىتاينىڭ شىۋېتسارىيە دە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى شىۋېتسارىيە نى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى چەكلەش ئېقىمىغا ئەگەشمەسلىكىنى، ئەگەر خىتايغا جازا يۈرگۈزگەن تەقدىردە شىۋېتسارىيە نىڭ ئېغىر كۈنگە قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شىۋېتسارىيە دە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋاڭ شىتىڭ شىۋېتسارىيە نىڭ بىر تاراتقۇسىغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، شىۋېتسارىيە نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارىغا بويسۇنۇپ، خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەكلەشتىن يىراق تۇرۇشىنى، بولمىسا خىتاي بىلەن شىۋېتسارىيە نىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۆتكەن يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشقا ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا جاۋابكار بولغان خىتاي ئەمەلدالىرىغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، 1989-يىلدىكى «تيەنئەنمېن باستۇرۇشى»دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ئىقتىسادىي جازاسى ئىكەن.
خىتاي ئەلچىسى شىۋېتسارىيە نى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە شۇنىڭغا قارىتا سىياسەت تۈزىدىغان ھەر قانداق كىشى دوست دۆلەتكە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە قوشۇلمايدۇ. ئەگەر شىۋېتسارىيە خىتايغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزسە، ۋەزىيەت كونترول قىلغۇسىز دەرىجىدە يامانلىشىپ كېتىدۇ، خىتاي بىلەن شىۋېتسارىيە نىڭ مۇناسىۋىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ» دېگەن.
ھىندىستاننىڭ «بارات خەۋەرلىرى» (The Bharat Express News) تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەلچىسىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى تۇنجى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس ئىكەن. 2021-يىل 3-ئايدا شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغاندا ۋاڭ شىتىڭ ئۇنى ئەيبلەپ، «خىتايغا قارا سۈركەلدى» دېگەن ھەمدە خىتاي ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرنى «يالغان، ساختا» دەپ تۇرۇۋالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋېتسارىيە نى تەكرار ئەيبلىشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدا نېمە سەۋەبلەر بار؟ دۇنياغا داڭلىق شىۋېتسارىيە بانكىسىنىڭ بۇنىڭدا رولى بارمۇ؟
ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئىقتىسادشۇناس، دوكتور قەيسەر مىجىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شىۋېتسارىيە بانكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە چىرىكلىككە چاپان ياپىدىغان تەرەپلىرى ھەققىدە توختالدى.
شىۋېتسارىيە بانكىسى دۇنيانىڭ مەشھۇر پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىدىن بىرى بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نۇرغۇن شەخسىي بايلىقىنىڭ شۇ يەردە ساقلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇمانلار مەۋجۇت. ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى رايموند كو (Raymond Kuo) بۇ خىل گەپلەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش تەسلىكىنى، ئەمما خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەقىقەتەن شىۋېتسارىيە بانكىسىدىن ھېساب ئېچىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەر يىلى چەت ئەلگە 50 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل يۆتكىشىنى چەكلەيدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋانكوۋېر، نيۇ-يورك قاتارلىق شەھەرلەردىن ئۆي سېتىۋېلىىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. شىۋىتسارىيەنىڭ بانكا سىستېمىسى بەكمۇ سىرلىق، چۈنكى ئۇلار مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قائىدىسى ۋە ئۇسۇللىرى ناھايىتى چىڭ. شۇڭا ئۇ بانكا خىتايلار ھېساب ئېچىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاساسلىق بانكا ھېسابلىنىدۇ».
دوكتور قەيسەر مىجىت خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي بايلىرىنىڭ شىۋېتسارىيە بانكىسىدا مىلياردلاپ پۇلى بارلىقى ھەققىدىكى پەرەزنىڭ توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى بولغان پەرەز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ئەلچىسىنىڭ شىۋېتسارىيە نى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا شىۋېتسارىيە بانكىسىدىن باشقا سودا-تىجارەت، دۆلەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇيتېرس ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شىۋېتسارىيە كوممۇنىست خىتاينى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت بولۇشىغا ئەگىشىپ، خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن. نەتىجىدە خىتاي، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىن قالسا، شىۋېتسارىيە نىڭ ئۈچىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. شىۋېتسارىيە بىلەن خىتاينىڭ 2014-يىل 7-ئايدا ئىمزالىغان ئەركىن سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت بۇ يىل ئۆزلىرىنىڭ پاي چەك ۋە سودا بىرلەشمە سۇپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شىۋېتسارىيە تېخى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشنى قارار قىلمىغان. ئەمما شىۋېتسارىيە نىڭ ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە مەسئۇل ئەمەلدارى بۇ يىل 7-ئايدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان شىۋېتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بېرىدىغان ھەر قانداق جازا تەدبىرىنى ئىجرا قىلىدۇ» دېگەن.
رايموند كو بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شىۋېتسارىيە نىڭ بۇ جاكارنامىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ‹ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا، ئىقتىسادىي جازا تەدبىرى قوللىنىمىز› دېگەن قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە شىۋېتسارىيە نىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، خىتايمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. شىۋىتسارىيەنىڭ ئىقتىسادى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە باغلىنىپ كەتكەن. شىۋېتسارىيە بىتەرەپ مەيداندا تۇرىمەن دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە باغلىق تەرەپتە تۇرىدۇ. شۇڭا شىۋېتسارىيە نىڭ ئىقتىسادىي جازا بېرىش قارارىمۇ خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىغا باغلىق بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، ئەمما پاكىت شۇكى، شىۋېتسارىيە نىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكىنى ئەيبلىشى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ».
ئۆتكەن يىل شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغاندا، كونكرېت سىياسەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى جاكارلىمىغان ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقتىمۇ شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئاشكارا ئىپادىلىگەن.
دوكتور قەيسەر مىجىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسارىيە گەرچە تەيۋەن مەسىلىسىدە ياۋروپاغا ئەگەشسىمۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشنى خالىمايدىكەن. ئەمما سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە باشقىچە پوزىتسىيە تۇتۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
شىۋېتسارىيە نىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرى ئىگنازىيو كاساسىس (Ignazio Cassassis) شىۋېتسارىيە نىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىنى چۈشەندۈرگەندە: «سىياسىي جەھەتتە خىتاي يەنىلا مۇستەبىتلىككە قاراپ مېڭىۋاتقان بىر پارتىيەلىك تۈزۈمدىكى دۆلەت» دېگەن ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.