شاھىتلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدىكى تور مۇھاكىمە يىغىنىدا پىكىر بايان قىلدى

0:00 / 0:00

ھەر قايسى ئەللەردىكى شاھىتلار ۋە تەتقىقاتچىلار د ئۇ ق ئورۇنلاشتۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدىكى تور مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

11-ئاينىڭ 12-كۈنى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى د ئۇ ق ھەر قايسى ئەللەردىكى بىر قىسىم شاھىتلار ۋە تەتقىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.

ئاممىغا ئوچۇق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر پېشقەدەم زىيالىيلىرى ۋە ئىنقىلابچىلىرىدىن غولامىدىن پاختا ئەپەندى تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى كېسەللىك سەۋەبىدىن قاتنىشالمىغان. ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن قازاقىستاندىكى رىزا سەمىدى، قەھرىمان غوجامبەردى، ئاۋسترالىيەدىكى ئەھمەت ئىگەمبەردى، سۆيۈنگۈل چانىشېف، ئامېرىكادىن دوكتور نەبىجان تۇرسۇن، تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىقلار يىغىنغا قاتنىشىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ ئۆتكەن. يىغىنغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت، دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان.

يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن. تۇنجى بولۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ شاھىتلىرىدىن ئاۋسترالىيەدىكى ئەھمەد ئىگەمبەردى ئەپەندى سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا ئۆزىنىڭ 1944-يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمىنى 1946-يىللىرى كۆرگەن چاغلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن.

«كۆز يېشىدا نەملەڭەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولغان ئاۋسترالىيەدىكى سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىمنىڭ بايانلىرىدىن كېيىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكادىكى تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.

يىغىندا يەنە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن رىزا سەمىدى ئەپەندىمۇ ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلغان. د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ھەم ئەينى چاغلاردىكى مىللىي ئارمىيە توغرىسىدا توختالغان.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ يىغىندا پىكىر بايان قىلىپ، 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان دەۋردىكى خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئىزھار قىلغان.

شاھىتلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قاتنىشىشىدىكى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ تور مۇھاكىمە يىغىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.