قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى توقايېفنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى زاكىرجان قۇزىيېف قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ سېنات ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.
يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېفنىڭ پەرمانىغا بېنائەن، قازاقىستان پارلامېنتى سېناتىنىڭ يېڭى ئەزالىرى تەيىنلەنگەن ۋە سايلاپ چىقىلغان. دۆلەت رەھبىرىنىڭ قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىدىن بەلگىلىگەن سېنات ئەزالىرى ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى زاكىرجان قۇزىيېفمۇ بار.
قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە پارلامېنت مەملىكەتنىڭ قانۇن چىقىرىش رولىنى ئاتقۇرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئورگانى بولۇپ، ئۇ ئىككى پالاتادىن، يەنى سېنات ۋە ئالىي كېڭەشتىن تەشكىل تاپقان. سېناتتا 50 ئەزا بولۇپ، ئۇلاردىن 10 نەپىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىدىن 5 ۋەكىل پرېزىدېنت تەرىپىدىن بىۋاسىتە تەيىنلىنىدۇ، قالغانلىرى يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئەزالىققا سايلىنىدۇ. قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى مەملىكەتتە ياشاۋاتقان 100دىن ئوشۇق مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان چوڭ تەشكىلاتتۇر.
قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ سېنات ئەزالىقىغا ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ بەلگىلىنىشى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا، بولۇپمۇ مەتبۇئات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىماقتا.

ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى، زاكىرجان قۇزىيېفنىڭ پارلامېنت سېناتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ بەلگىلىنىشىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن زاكىرجاننىڭ ھەقىقىي مەنىدە دانىشمەنلىك پىكرىنىڭ بار ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە چوڭ ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە ئۇيغۇر يىگىتى. ئۇنى سايلىغان ۋاقىتتا خەلقىمىز ھەممىسى ئويغىنىپ، ناھايىتى خۇرسەن بولدى. خەلقىمىزنىڭ مىللىيەتلىك قەدىرىيىتىنى يوقۇرى كۆتىرىشتە بۇ بىر چوڭ بەرىكەت، بىزگە كەلگەن بىر ئامەت بولدى. ئۇ بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىزنى، يازغۇچىلىرىمىزنى ناھايتى قەدىرلەيدىغان ئىچكى بىر كىشى. ئۇنىڭ قازاقىستان پارلامېنتىدىكى سېناتتا خەلقىمىزنىڭ بەخىت-سائادىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.»
ئەخمەتجان ھاشىرى يەنە زاكىرجان قۇزىيېفنىڭ بوش ياتقان يەرلەرنى خەلققە بېرىش، بولۇپمۇ دېھقانلارنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋەتلەشكە ئوخشاش تەشەببۇسلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ زاكىرجان قۇزىيېفنى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۆيۈنىدىغان ھەم شۇ يۆنىلىشتە كۆپلىگەن خەيىر-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلغان شەخس سۈپىتىدە تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يېقىندا بولۇپ ئۆتكەن سېنات سايلىمىدا بەش مىللەت ۋەكىلىنىڭ قاتارىدا زاكىرجان قۇزىيېف ئەزا بولۇپ سايلاندى. مانا بۇمۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتچانلىقىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى بولسا كېرەك. بىز زاكىرجان قۇزىيېفقا سېناتتىكى ئورنى مۇبارەك بولسۇن دەيمىز! ئۇنىڭ كېلەچەكتە مۇستەقىل قازاقىستانغا، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىگە، قازاقىستاندىكى 130 مىللەتكە، يەنى ئۇيغۇر خەلقىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلىمىز. زاكىرجانغا ئۇتۇق تىلەيمىز.»
ئېرشات ئەسمەتوف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تەرەققىياتىغا ۋە قازاقىستاننىڭ گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى پالاتالىرىغا سايلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلىشتىن تاشقىرى يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، زاكىرجان قۇزىيېف 1969-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالمۇتا قۇرۇلۇش تېخنىكومىنى تاماملىغان. ئۇ ئەمگەك پائالىيىتىنى ياغاچچى بولۇپ باشلاپ، چوڭ شىركەتنىڭ پرېزىدېنتى دەرىجىسىگىچە يەتكەن. زاكىرجان قۇزىيېف كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن، مەملىكەت دائىرىسىدە كەڭ تونۇلغان بىر تىجارەتچى. ھازىر ئۇ قازاقىستاندىكى «ئۇنىۋېرسال» ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىن بىرلەشمىسىنى باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، قول ئاستىدا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىشلىمەكتىكەن.