15-16-سېنتەبىر ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشىدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
21-سېنتەبىردە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان «خەۋەرتۈرك» تە تونۇلغان تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى فاتىھ ئالتايلى ئەپەندىنىڭ «تېكە تەك» پروگراممىسىغا چىققان «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ قانداق مۇسۇلمانلىق؟ بۇ قانداق تۈركلىك؟ ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى سورىدىمۇ؟ مەن 2009-يىلى خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغاندا، ئايروپىلانىم بىلەن قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىگە قونغاندىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن مەدەنىي شەكىلدە سۆزلەشتۇق، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بوزۇلمىدى».
ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئۇ يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ھازىرقىدىن يەڭگىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ھازىرقىنىڭ ئوندىن بىرىچىلىك بار ئىدى. ھازىر خىتاي ۋابانى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆيىگە قامال قىلىپ، ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا خەلقئارادا ئىنكاس قايتۇرغانلار بار، لېكىن ئەنقەرە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلار قانداقمۇ مىللەتچى، قانداقمۇ دىندار بولسۇن؟».
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
«سائادەت» پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇقادىر قارادۇمان ئەپەندىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىدىن تۈرك مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نومۇس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئىدارە قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى ئەڭ چوڭ ئەيىبدۇر. شۇڭا بىز خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىمىز دەپ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئىپپىتىگە تېگىۋاتقان خىتايغا كۆز يۇمۇپ تۇرالمايمىز. دۆلىتىمىزنى باشقۇرۇۋاتقانلار خىتايدىن ئەمەس، ئاللادىن قورقۇشى كېرەك. زور كۈچكە ئىگە بولغان ئاللادۇر. شۇڭا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شى جىنپىڭ بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىشى كېرەك ئىدى. بۇنى قىلمىدى. بىز بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز».
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئەسلىدە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، شى جىنپىڭدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىشى كېرەكلىكىنى، ئەپسۇس بۇنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقانلارنىڭ سۈكۈتىنى بۇزۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا 5 دۆلەت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىندى. پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇشۇ دوكلاتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شى جىنپىڭغا بۇ مەسىلىنى دېيىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى بۇنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. بۇنى ئەيىبلەيمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ مەسىلىنى قورقماي خىتاينىڭ ئالدىغا قويىدىغان ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن».
«ياخشى» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى ۋە «سائادەت» پارتىيەلىرى تۈركىيەدە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردۇر.