مۇتەخەسسىسلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان «تېررورلۇققا قارشى مانېۋىرى» غا ئىنكاس قايتۇردى
2024.07.24
خىتاي ۋەزىيىتى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىتتىپاقداشلىرىغا قوبۇل قىلغۇزۇش، يەنى ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، سودا ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ئۇزۇن مۇددەت كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «2024-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى» نى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق ساقچى ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى خىتايدا تۇنجى قېتىم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، «تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى يوقىتىش» قاتارلىق مەخسۇس مەشىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن: «2024-يىللىق ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش نامىدىكى بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى يېقىندا خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى».
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، «بۇ مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەق مەيدان ھەرىكىتى» دېيىلگەن. بۇ قېتىملىق مانېۋىرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ۋەكىللىرى بىرلىكتە كۆزەتكەن
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تېررورلۇق تەھدىتى ھەمىشە باشقا دۆلەتلەرگە يامراپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئەڭ يېڭى شەكىلدىكى مانېۋىرنى ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا بىرونېۋىك ماشىنىلار، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون)، ھەتتا قىرغۇچى قوراللار ئورنىتىلغان ماشىنا ئادەملەر قوللىنىلغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىكىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان «2024-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى» ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ باشتىن-ئاخىرى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› نى باھانە قىلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللىنىپ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرغان ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئەتراپىدىكى ھىندىستان، پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان شىنجاڭغا، يەنى شەرقى تۈركىستانغا چاقىردى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدۇر. مانا بۇ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن قاراڭغۇ تەرىپى. كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى قوللاش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن قاراڭغۇ ۋە رەزىل قىلمىشتۇر. مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە بىر يەرگە جەم بولۇشى پۈتۈنلەي ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش» .
خىتايدىكى ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇتەخەسسىسى لى ۋېي خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» گە مۇنداق دېگەن: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىر قانچە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن، ئەمما ئۇلار ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق مانېۋىرلار بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر تېررورلۇق ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتكە قارىتا ئورتاق تونۇشقا ئىگە. ئوتتۇرا، جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەر خىل مەنبەلەردىكى تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە».
خىتاي ئادۋوكات ۋە سىياسىي ئانالىزچى تېڭ بياۋ (滕彪) خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇتەخەسسىسى لى ۋېينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزم دۇنياۋى مەسىلە، ئۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، خىتاي ئىچىدىكى تېررورلۇق تەھدىتىنى مۇبالىغە قىلىۋاتىدۇ. ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ‹ئاشقۇنلۇق› ۋە ‹بۆلگۈنچىلىك› خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باھانىسىدۇر. خىتاي ھازىرقى سىياسىي تۈزۈمىنى ۋە بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت سىستېمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ».
ئۇنداقتا، خىتاي دەۋاتقاندەك تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كېتىش تەھلىكىسى زادى قانچىلىك؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىكى ئىقتىدارى ۋە ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئېھتىياجى بارمۇ؟ ياكى بۇ بىر ئوچۇم مۇستەبىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۇرۇنۇشىمۇ؟
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار بۇ تەشكىلاتنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولدى. خەلقئارادا بۇرۇن شەكىللەنگەن تېررورىزم ئۇقۇمى، تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش ۋە سىياسەت ھازىر ئۆزگەردى. مەسىلەن، ئامېرىكا ھازىر ئەڭ چوڭ تەھدىتىنى تېررورىزمدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ۋە رۇسىيەدىن كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھېلىھەم تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ۋەتەن ئىچى سىرتىدا زەربە بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ‹2024-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى› نى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئۆزىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدىكى ئۈستۈنلۈك ۋە رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈندۇر».
دوكتور ئاندېرس كور بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى: «تەيۋەن خىتاي ئۈچۈن مۇھىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا ۋە ئېنېرگىيەمۇ خىتاي ئۈچۈن بەك مۇھىم دەپ قارايمەن. مەنچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدا ‹تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر› ئۆتكۈزۈشى، ھازىرقى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق يۆنىلىشكە ئۆزگەرتىش ئۈچۈندۇر. بىز بۇ مانېۋىردىن ئۇلارنىڭ غەربنىڭ ئەخلاق مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، خىتاي بىلەن ئىتتىپاقلىشالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز».