ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان بويىدىكى 28 دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي بىخەتەرلىك مەجلىسى بولغان «شاڭرىلا مۇنبىرى» 2002-يىلىدىن بۇيان سىنگاپوردىكى «شاڭرىلا مېھمانخانىسى» دا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۇنبەرنىڭ نامى شۇ مېھمانخانا نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 2023-يىللىق مۇنبەرگە دۇنيادىكى 50 كە يېقىن دۆلەتكە ۋاكالىتەن 600 دىن كۆپرەك ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان بولۇپ، بۇنى ھەقىقەتەنمۇ بىر قېتىملىق چوڭ خەلقئارا سۆھبەت مۇنبىرى، دېيىش مۇمكىن. بۇ يىلقى مۇنبەر 2-ئىيۇندا باشلانغاندىن تارتىپ تاكى 4-ئىيۇندا ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دائىر مەسىلىلەر ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا يىغىننىڭ مەركىزىي تېمىلىرىدىن بولدى. يەنە كېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتلەر باشقا رايونلاردىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگىمۇ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا دۇنيانىڭ كۆزى مۇشۇ مۇنبەردە قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تىكىلگەنىدى.
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس (Anthony Albanese) 2-ئىيۇن كۈنى بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەندىمۇ بۇ ھالنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى «سۆھبەت ھەققىدىكى تەقەززالىق نۆۋەتتە بارغانسېرى روشەن بولماقتا. چۈنكى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان بەزى ھەرىكەتلەر ھەمدە بۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر بولغان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى، شۇنىڭدەك دۇنيانى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن» دېگەن قۇرلار دەل ئاشۇ خىل رېئاللىققا قارىتا ئېيتىلغانىدى. گەرچە يېقىندا خىتاي تەرەپ ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى تەرەپ مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى ۋە سۆھبەتلىشىشى ھەققىدىكى تەكلىپنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى «شاڭرىلا مۇنبىرى» دە بۇ ھال كۆرۈنۈشكە بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئائۇستىن (Lloyd Austin) ۋە خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ يىغىن زالىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى للويد ئائۇستىن زىياپەتتىن كېيىن لى شاڭفۇ بىلەن قىسقا سۆھبەتتە بولغان.
گېنېرال للويىد ئائۇستىن 3-ئىيۇندا يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئاددىي مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە تەيۋەن ئۈچۈن پارتلىغان ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى بەكمۇ ئېغىر ھەمدە «ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدە بولىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە «ھازىرقى زىددىيەت قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا تۇرۇۋاتقىنى يوق، ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغىنىمۇ يوق. ھازىرقى ۋەزىيەتتە زىددىيەت سوزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىز ھېچبولمىغاندا مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ قالغىنىمىز تۈزۈك» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ خەلقئارا سودا يولى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ جايدا توقۇنۇش ئەۋج ئالسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتى نۇرغۇن ساھەنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ» دېدى.
شۇ قېتىملىق قىسقىغىنە ئۇچرىشىشتىن كېيىن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ ئۆزىگە بېرىلگەن سۆز نۆۋىتىدە «بىز قارشىلىشىشتىن كۆرە سۆھبەتلىشىش كۆپ ئەۋزەل، دەپ قارايمىز» دېگەن مەزمۇندىكى بايانلىرىنى شەرھلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ تاپشۇرغان كۆرسەتمىلەرنى ئورۇنلاۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلغاچ «رەئىس شى جىنپىڭ قارشىلىشىشتىن سۆھبەت ئەلا، ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشتىن شېرىكلىشىش ئەلا، نۆل ئاقىۋەتتىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نەپ ئېلىشى ئەلا، دەپ قارايدۇ» دېدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك تەقرىزى» ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورچىسى جېيمىس كرابترىي (James Crabtree) بۇنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان پىكىر ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى مەزگىللەردە قايتىدىن سۆھبەتلىشىش ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى يۈزتۇرانە ئۇچراشقاندا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە بۇنىڭ نۆۋەتتىكى دەرىجىسىگە ھازىرچە بىرنەرسە دېگىلى بولمىسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ۋاقتىنچە توقۇنۇشتىن كۆرە سۆھبەتكە بەكرەك مايىللىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ يىلقى يىغىندىمۇ ئۇنچە راۋان مەنزىرىنى نامايان قىلمىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن يىلقى (شاڭرىلا) يىغىنىدىن بۇيانلا ئانچە راۋان بولۇپ باقمىغان. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتىدە بۇنىڭدا قىسمەن ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن ئالساق، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق قوماندان ۋاڭ يى يېقىندا كۆرۈشۈپ مەخسۇس سۆھبەتتە بولدى. ھالبۇكى، بۇ يەردىكى مەسىلە زادى بۇ ئىككى دۆلەت نۆۋەتتىكى توقۇنۇشقا تولغان گادىرماچ ۋەزىيەتتىن چىقىپ تىنچلىق بويىچە ئىش كۆرۈشكە باراۋەر قەدەم ئالالامدۇ-يوق، دېگەن نۇقتىغا مەركەزلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يېقىن كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئايرىم ئۇچراشسا بۇ خىل توقۇنۇش ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىققا ئايلىنىشىغا بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى شاڭرىلا مۇنبىرى جەريانىدا رەسمىي يىغىندىن باشقا يەنە مۇتلەق يېپىق شەكىلدىكى كۆپلىگەن ئايرىم ئۇچرىشىشلار بولدى. بۇلاردا قانداق مەسىلە مۇھاكىمە قىلىندى؟ بىز بۇنى بىلمەيمىز. بىزگە مەلۇم بولغىنى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەردە ھەر ئىككى تەرەپ ھازىرچە توقۇنۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى».
دەرۋەقە سۆز ئارىلىقىدا لى شاڭفۇ «بەزى دۆلەتلەر» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن ھالدا ئۇلارنىڭ قانۇن ۋە خەلقئارا تەرتىپ مەسىلىسىدە «ئۆزىنىڭ قائىدە-قانۇنلىرىنى باشقىلارغا تېڭىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى» نى ئەيىبلىگەن. شۇنىڭدەك «قوش ئۆلچەم ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىر قىسىم ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقى» نى تىلغا ئالغان. گەرچە ئۇ نامىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ ئۇ ئېيتىۋاتقان «بەزىلەر» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغانلىقى ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى «بەزىلەر ھەربىي بازىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ھەربىي يۈكسىلىشنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ؛ شۇنداقلا دۈشمەن ياساپ چىقىپ توقۇنۇش پەيدا قىلىۋاتىدۇ، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىش، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش دېگەنلەر ئۇلارنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى» دېگەن جۈملىلەردىن مەلۇم بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ «بەزىلەر ئۆزى خالىغان يوسۇندا باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ. تەيۋەن مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىز ئۈچۈن يادرونىڭ يادروسى بولغان مەسىلىدۇر. بىز ئىزچىل خەلقئارا مەسىلىلەرنى توقۇنۇش يولى بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ماداراچىلىق ۋە سۆزلىشىش يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا ھازىر سۆھبەتلىشىش توقۇنۇشۇشتىن ئەلا» دېگەن. ۋاشىنگتوندىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ رەئىسلىكىدىكى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا ئىش كۆرىدىغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان لى شاڭفۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىردەك شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى يەتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ بۇ خىل قىسمەن ھالدىكى مەۋقە ئۆزگەرتىپ «تىنچلىقنى ھىمايە قىلغۇچى» قىياپىتىگە كىرىۋېلىشىنى «ۋاقتىنچە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشقا ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش ھىيلىسى» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەمما لى شاڭفۇنىڭ شاڭرىلا مۇنبىرىدىكى بۇ سۆزلىرىنى بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلەر قارشى ئالمىغانلىقى مەلۇم. تەيۋەندىكى «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن مۇدىرى شېن مىڭشى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ : «رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەمدە ھەربىي قوماندانلار خىرىسلارغا قارىتا قاتتىق مەيداننى ئىپادىلىشى لازىم ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شاڭرىلا مۇنبىرىدە <يۇمشاق باش> لىق قىلدى. باشقىلار ئاسانلا بۇنى ئاجىزلىق، دەپ قارايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «شاڭرىلا مۇنبىرى» گە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەربىي ساھەنىڭ قوماندانلىرى، مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، شۇنىڭدەك سودىگەرلەر ۋە ئانالىزچىلار ئىشتىراك قىلىدىغان بولسىمۇ، سىياسىي تۈزۈمدىكى ئالاھىدىلىك تۈپەيلىدىن بۇ مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر كۆپىنچە ھالدا شۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەلمەكتە.