
يېقىندا خىتاينىڭ «شاڭخەي تىزىملىكى» دەپ ئاتالغان شاڭخەي ج خ ئىدارىسىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك بىر «تېررورلۇققا چېتىشلىق» كىشىلەر تىزىملىكى ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارادا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا» بولغان تونۇشى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغىدى. ئاۋسترالىيەدىكى خاكېرلار ئۆتكەن يىلى قولغا قولغا چۈشۈرگەن بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا چېتىشلىق» ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. مەزكۇر تىزىملىك يېقىندا ئاۋسترالىيەنىڭ ABC قانىلىدا ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، تىزىملىككە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7600 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ كىشىلەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇرۇشلۇق ئورنى، كىملىك نومۇرى، مىللىتى، جىنسىي ۋە مۇتلەق كوپ قىسمى «تېررورلۇققا چېتىشلىق»، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ تىزىملىك خاكېرلار ئۆتكەن يىلى قولغا چۈشۈرگەن شاڭخەي ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاتالمىش ئۇيغۇر «تېررورچىلىرى» غا ئائىت كۆزىتىش ئارخىپىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئۇنىڭغا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى سەرخىللىرىدىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە، 5-6 ياشلىق بالىلاردىن تارتىپ، 80 نەچچە ياشلىق پېشقەدەملەرگە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ، ھېچقاچان چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان ئۇيغۇرلارغىچە بولغان كەڭ ساھەلەردىكى شەخسلەر كىرگۈزۈلگەن.
2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى بولمىغان ئەركىن ئىبراھىم تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ تىزىملىككە «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ كىرگۈزۈلگەندىن سىرت، ئۇنىڭ قىزى بىلەن ئايالىمۇ «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ كىرگۈزۈلگەن.
ئەركىن ئىبراھىمنىڭ ھازىر ئامېرىكادىكى كالىفورنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئوغلى، «دولان ئۇيغۇر تائاملىرى» رېستورانىنىڭ ئىگىسى بۇغرا ئەركىن 20-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىنى «مەنتىقسىزلىق» دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ دادامنى تۇتۇشى مەنتىقسىزلىق، لوگىكىسىزلىق. چۈنكى، دادامنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوق، دادام ھۆكۈمەت نېمە، دېسە شۇنى قىلىدىغان ئادەم ئىدى. ئاپام بىلەن سىڭلىمنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويۇشى 2-قەدەمدە ئۇلارنىمۇ ئەكىرىپ كېتەمدۇ، قانداق قىلىدۇ، ئۇقمىدىم. مەن مۇشۇنداق ھالەتتە ھازىر».
بۇغرا ئەركىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆزىلا بۇ تىزىملىكتىكى 20-30 دەك ئادەمنى تونۇيدىكەن. بۇغرا ئەركىن: «ئۇ تىزىملىك قارىسام كونسۇل كوچىسىدىن 17-ئوتتۇرىنىڭ ئۇدۇلى، ياشلار باغچىسىنىڭ ئالدى، ئۇزۇن كوچا بارغۇ، جىدىيىغىچە بولغان ‹چېڭباۋ خۇايۈەن›، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى، شۇ يەرلەردىكىلەرمۇ بار ئىكەن. قارىسام شۇ ئۇزۇن كوچىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ. مەن ئۆزۈم ساۋاقداشلىرىم بولۇپ ئالدى-كەينى 20-30 دەك ئادەمنى تونۇيدىكەنمەن».
تىزىملىكتىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «تېررورلۇققا چېتىشلىق»، ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسمى «قالايمىقانچىلىق تېرىش» ياكى «باشقىلار» بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ، سايباغ رايونلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار تىزىملىكتىكى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا يەنە چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. ھازىرغا قەدەر بىز بۇ تىزىملىكتىكى ئامېرىكىدا ياشايدىغان بىر قانچە كىشىنى بايقىدۇق.
ئۇلاردىن ھازىر ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق بىر يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىزىملىكنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى، بىراق تىزىملىكتە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاشۇنداقراق گەپنى ئاڭلىدىم، ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى، ئاشۇنداقراق خەۋەر كەلدى. لېكىن تېخى ئۇ تىزىملىكنى ئۆزۈم كۆرگىدەك بولمىدىم، ئۇ تىزىملىك تېخى ئاشكارا ئەمەستۇ، دەسلەپتە ھەيران قالغانتىم، لېكىن ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى شۇ تىزىملىككە چىقارغاندىن كېيىن، شۇنچىلىك ئىشلارنى قىلىۋەتسىمۇ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى نورمال ئىشتەك كېتىۋاتسا، ئايالدىن، بالا-چاقىدىن ئايرىلىپ قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ ئىشلار كىچىك ئىشتەك بىلىنىدىكەن».
ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلىنىشى بىلەن تەڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى تىجارەت بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە بارغانىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چۆڭ تۇتقۇندا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلغانىدى. «شاڭخەي تىزىملىكى» دە بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ خاراكتېرلەندۈرۈلگەنلىكىگە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بەلگىلىك ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە شەخسلەر ئىكەنلىكى مەلۇم.
ئەركىن ئىبراھىم ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئايالى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى بولغان، ئۇنىڭ ئۆزى 2007-يىلى «ئۆگەن نەشرىياتچىلىق شىركىتى» قۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتىنى بېيىتىش رولىنى ئوينىغان بىر نەشرىياتچىدۇر. بىراق بۇغرا ئەركىن، ھازىر بۇ نەشرىياتنىڭ دادىسى بىلەن تەڭ 4 خادىمىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىزىملىكتىكى ھەممىدىن ھەيران قالارلىق ئىسىملارنىڭ بىرى، رادىئويىمىزنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرەنىڭ 81 ياشلىق دادىسى، پېشقەدەم ئارخېئولوگ ئابدۇقېيۇم خوجىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا گۈلچېھرەنى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. ھازىر ئۇنىڭ دادىسىنىڭمۇ «تېررورلۇق» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
بۇ تىزىملىككە يەنە تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غوپۇر، ئازاد سۇلتان، ۋەلى بارات قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سابىق مۇدىرلىرىنىڭ، ياسىن زىلال، ئابدۇراخمان ئەبەيگە ئوخشاش يازغۇچى، شائىر، نەشرىياتچىلارنىڭ، ئادىل مىجىت، خۇرشىدە تۇردى، ئابدۇراخمان ئايۇپ، جۈرئەت ۋايىت، گۈلزار تومۇردەك داڭلىق مۇزىكانت، سەنئەتچىلەرنىڭ، ھەتتا ئاتىللا تۇرسۇن، ئەقىدە ئىسىملىك 2014-يىلى تۇغۇلغان 7 ياشلىق بالىلارنىڭمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم.
ئانالىزچىلار، بۇ تىزىملىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» ئۇقۇمىنىڭ قانچىلىك مۈجمەل ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىكەنلىكى، «تېررورلۇق» ئۇقۇمىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قانداق سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر 21-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى ئەڭ نۇقتىلىق مەسىلە، ئۇيغۇرلار گۇناھسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە زورلاپ جىنايەت ئارتىلغان ھەم تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇنىڭ ئىچىدە بالىلار بولامدۇ، چوڭلار بولامدۇ،بۇنى پەرق ئېتىشكە ئۈلگۈرمەي شۇلارنىمۇ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغىنىغا قارىغاندىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتقۇننىڭ ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن».
ئاسىيا ئۇيغۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە خىتاي ئېيتقان «ئۇنداق ئادەملەرنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» ئىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تىزىملىكنى كېچىككەندە 2018-يىلى تۈزۈلگەن،دەپ بېكىتىشكە بولىدىكەن. تىزىملىكنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر، قىسمەن قازاق ياكى قىرغىزلاردىن بولۇپ 2014-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان 337 نەپەر بالا «تېررورلۇققا چېتىشلىق»دېيىلگەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 9 بالا 2016-يىلى، بىر بالا 2017-يىلى تۇغۇلغانىكەن.