«شاڭخەي تىزىملىكى» دىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

0:00 / 0:00

تۆت بالىنىڭ دادىسى بولغان 59 ياشلىق شاۋكەت ئابدۇللا 2016-يىلدىن بېرى ئوغۇل-قىز ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ، ئائىلىسىدىكى 17 جان بىلەن تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر دېھقان تىجارەتچى ئىدى. تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھرىدە ياشاۋاتان شاۋكەت 2016-يىلى 8-ئايدا، يەنى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1-قول ھۆكۈمدارلىق ئورنىغا ئولتۇرۇپ، چوڭ تۇتقۇننى باشلاشنىڭ ئالدىدا چەت ئەلدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك ئىزدەپ تۈركىيەگە قەدەم باسقان. بىراق ھېچقاچان خىتاينىڭ «تېرورلۇق تىزىملىكى» گە كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

يېقىندا خىتاينىڭ «شاڭخەي تىزىملىكى» دەپ ئاتالغان شاڭخەي ج خ ئىدائىرىسىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك «تېرورلۇققا چېتىشلىق» كىشىلەر تىزىملىكى ئاشكارلىنىپ، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتى» نىڭ ماھىيىتى يەنە بىر قېتىم غۇلغلا قوزغىدى. شاۋكەت ئابدۇللا شۇ تىزىملىكتىكى «قاچقۇن» دەپ يېزىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى. تېكەس ناھىيەسىدىكى قوشكۆل كەنتىنىڭ مەزكۇر سابىق تۇرغۇنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «دەسلەپتە ئەندىشە قىلىپ، كېيىن بىر ئاز پەسەيگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

5-6 ياشلىق بالىلاردىن تارتىپ، 80 نەچچە ياشلىق پېشقەدەملەرگە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ، ھېچقاچان چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان ئۇيغۇرلارغىچە بولغان كەڭ ساھەلەردىكى شەخسلەر كىرگۈزۈلگەن «شاڭخەي تىزىملىكى» گە ئاساسەن ئىشلەنگەن گرافىك.

شاۋكەت ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «فېيسبۇك ئارىلاۋېتىپ قارىسام، قاچقۇنلارغا ماۋزۇسىنى بىر نېمە دەپ قويۇپتىكەن، مۇنداق قارىسام، ئۆزۈمنىڭ ئىسمى تۇرىدۇ، ئۆزۈمنىڭ ئادرېسى بىلەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ قانداق بولۇپ كەتتى، دەپ، بىزنىڭ ئاغىنە بالىغا ‹ۋاي ئاداش، مۇشۇنداق ئەھۋال بوپتۇ› دېسەم، ‹مۇشۇ ئاۋسترالىيە شاڭخەي تىزىملىكىدىن تېپىپ چىقىپتۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن باشتا ئەندىشە قىلدىم، راست گەپنى دېمىسەم بولمايدۇ. باشتا ئەندىشە قىلىپ كېيىن ‹ئاللاھدىن كەلگىنىنى كۆرەرمىز، يالغۇز ماڭا كېلىۋاتامتى، بۇ 8000 ئادەم تۇرسا، دەپ يەنە تەسكىن تاپتىم. باشتا سەل قورقتۇم، راست ئەندىشە قىلدىم.»

«شاڭخەي تىزىملىكى» دە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن «قاچقۇن» دەپ يېزىلغانلىقىغا ئىزاھات بېرىلمىگەن. بىراق ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى قوشكۆل كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يەر دەۋاسىغا ئارىلىشىپ «قارا تىزىملىك» كە كىرىپ قالغان ئىكەن. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ 2011-يىلى «تەرەققىياتقا ئاچىمىز» دەپ قوشكۆل كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 4000 مو يېرىنى ئالغانلىقى، ئەسلى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر بىر مو يەرگە 37 مىڭ 500 يۈەن پۇل بەرگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك دائىرىلەرنىڭ 7 مىڭ 500 يۈەننى تۇتۇپ قالغانلىقى ئاشكارلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئەرز قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ ئەرزگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن «نۇقتىلىق شەخسلەر تىزىملىكى» گە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاۋكەت ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «يەر دۆلەتنىڭكى، لېكىن دۆلەت يەنە سېتىۋېلىپ پۇلۇڭلارنى بېرىۋاتىدۇ، دەپ دېھقانلارغا 30 مىڭ سومدىن بېرىشنى توختاتقان. مەنمۇ بار ئىدىم شۇ يىغىندا. ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ سېكرىتارى ياڭ يىغىن ئېچىپ، قىزىل باشلىق ھۆججەتنى ئوقۇۋەتكەن گەپ بىزگە. شۇنىڭ بىلەن ھېسابلىساق، بىر مو يەر ئەسلى ئېسىمىزدىمۇ يوق 7 مىڭ 500 سوم ئىكەن. شۇڭ بىلەن 2014-2015 ئىككى يىل قاتتىق ئېلىشىپ كەتتۇق. ئاپتونوم رايونغا بېرىپ كىرمىگەن تۆشۈك قالمىدى. لېكىن بەرمىدى، ھېچكىمگە بەرمىدى… ھەر بىر مو يەردىن 7 مىڭ 500 سومدىن تۇتۇپ قاپتىكەن. 4000 مو يەر، 30 مىليون پۇل بولىدۇ.»

«شاڭخەي تىزىملىكى» ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەلۇم ساھەسىكىلەرنى نىشان قىلغان ئەمەس. بەلكى، ئۇنىڭغا جەمئىيەتنىڭ مائارىپ، سەنئەت، مەدەنىيەت، سودا، نەشرىيات قاتارلىق كەڭ ساھەلىرىدىكى ئۇيغۇرلار كىرگۈزۈلگەن.

بۇ تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر شائىرى، 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان «ئۈگەن نەشرىياتچىلىق شىركىتى» نىڭ ئىگىسى ئەركىن ئىبراھىمنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بۇغرا ئەركىننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە ئوقۇۋاتقان سىڭلىسىنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى ئۇنىڭدا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

بۇغرا ئەركىن مۇنداق دېدى: «ھازىر شۇ مەن راست گەپ قىلسام، ئۆزۈمنىڭ كەيپىياتىمۇ شۇنداق مۇرەككەپ. ئەمدى ھېچقانداق يول قالمىغاندەك، ئىنتايىن ياردەمسىز ھالەتتە بولۇپ كەتتىم. ئەمدى ئاپام بىلەن سىڭلىمنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ، ئۇلار 2-قەدەمدە ئۇلارنى ئەكىرىپ كېتەمدۇ، ئۇقمىدىم. ئاشۇنداق ئىش بولۇپ قالسا، مەن ئەمدى جېنىمنى تىكسەم بولغىدەك، ئەگەر يەنە شۇنداق ئىش بولۇپ قالسا.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ «شاڭخەي تىزىملىكى» دە چەت ئەلدىكى ئۆزى تونۇيدىغان ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىكەن، بىراق ئۇلار قورقۇپ ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئەندىشە قىلىدىكەن. ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ‍ئىقتىسادىي ئالاقىسى سەۋەبلىك جىم تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇغرا ئەركىن مۇنداق دېدى: «بۇ بەك چۈشىنىكسز بىر ئىش بولدى. چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقانلارمۇ بار بۇنىڭ ئىچىدە. مەن ئۆزۈم تونۇيدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسام، ھېچكىم يېقىن كەلمىدى بۇنىڭغا. بىز جىم تۇرساق، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ۋەتەندە ئانچە-مۇنچە نەرسىلىرى بار ئوخشايدۇ، شۇنىڭدىن ‍ئەنسىرەيدىكەن. مېنىڭ يېقىن دوستلىرىم بار ئىدى، مۇشۇ يەردە، شۇ تىزىملىكتە بار ئىكەن. لېكىن شىركەتلىرى نورمال مېڭىۋاتقان ئوخشايدۇ. . .»

لېكىن شاۋكەت ‍ئابدۇللانىڭ قارىشىچە، «شاڭخەي تىزىملىكى» ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاكتىپ كىشىلەرنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ‍ئىكەن. ئۇ بۇ تىزىملىك «بۇ خىل كىشىلەرنى يوقىتىشنىڭ بىر يولى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاۋكەت ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «بۇ خىتاينىڭ بۇ تىزىملىكىنى ئۇنىڭغىمۇ باغلىمايمەن. مېنى قاچقۇن، دەپ مۇشۇنداق چىقىرىپتۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاساسەن بىزنى شۇ يوق قىلىۋېتىش. سەن كەنتتە ئىلغارراق، شەھەر كۆرگەن، كۆزى ئېچىلىپ كەتكەن، دەپ بىزنى يوق قىلىۋېتىشنىڭ بىر يولىغۇ بۇ. مەن ئاشۇنداق، دەپ ئويلاۋاتىمەن. ئالدىدا ماڭساڭ يۈرەككە ئوق تېگىدۇ، ئارقىدا قالساق دۈمبەڭگە تېگىدۇ، ئوتتۇرا ھال بولغان بولساق، بەلكىم شۇ كۈنلەرمۇ بولماس بولغېيتى. بىز ئەمدى خىتاينىڭ كۆزىگە سانجىلغان مىق بولۇپ قالغاندىن كېيىن، (مەقسەت) بىزنى يوق قىلىۋېتىش، دەپ ئويلايمەن.»

«شاڭخەي تىزىملىكى» ئاۋسترالىيەدىكى خاككېرلار ئۆتكەن يىلى قولغا قولغا چۈشۈرگەن بىر مىليوندىن ئارتۇق سانلىق مەلۇماتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تىزىملىكتىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاتالمىش «تېرورلۇققا چېتىشلىق» ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭغا ئەڭ كىچىكى 5-6 ياشلىق بالىلاردىن تارتىپ، ئەڭ چوڭى 80 نەچچە ياشلىق ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7600 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر كىرگۈزۈلگەن ئىدى.