2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى «شۈرى» ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا خىتايلارنىڭ توپلىنىپ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە نەچچە ئونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەنىدى. مانا بۈگۈن بۇنىڭغا دەل 15 يىل بولدى. 15 يىلدىن بۇيان «شاۋگۈەن ۋەقەسى» ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنيادا ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. مەزكۇر قانلىق ۋەقەگە 15 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا شەكىللەندۈرۈلگەن دۈشمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 26-ئىيۇن كۈنى «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ئۇزۇن يىللىق «ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە «شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» نىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بايان قىلغىنىدەك، ئادەتتىكى ئىجتىمائىي توقۇنۇش بولماستىن، بەلكى چوڭقۇر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار قانلىق ۋەقە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شاۋگۈەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئىجتىمائىي تورلاردا تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىگە قارايدىغان بولساق، شاۋگۈەن ۋەقەسى بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. 15 يىل بۇرۇن مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دۈشمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شاۋگۈەن قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە زور رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شاۋگۈەن ۋەقەسى خىتاي ئۆلكىسىدە يۈز بەردى. شۇ ۋاقىتلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، كەمسىتىش سىياسىتى خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. بۇ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئۇچراشقاندا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ، زاماندىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى، ‹قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىغانىدى. دېمەك ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈن تەرتىپكە كېلىشىدە زور رول ئوينىغان بىر ۋەقەدۇر»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 2009-يىلىدىكى «شاۋگۈەن ۋەقەسى» ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا ئۇ ۋاقىتتىكى تور تەرەققىياتىنىڭمۇ خىتاي تەرىپىدىن تەھدىت دەپ قارالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ تەرەققىياتى2009-يىلىغا كەلگەندە، 5000 غا يەتكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىدىكى گۈللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ھالبۇكى، 2009-يىلىدىكى ‹شاۋگۈەن ۋەقەسى› ۋە ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› دىن كېيىن، ‹ئۇيغۇربىز›، ‹دىيارىم›، ‹سەلكىن›، ‹ئالتۇن تارىم›، ‹ئورخۇن تارىخ تورى› قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى ‹بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش›بىلەن ئەيىبلىنىپ، تاقىۋېتىلگەن. تور قۇرغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹تەھدىت› دەپ قارىلىپ، باستۇرۇش نىشانىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىمۇ زور زەربىگە ئۇچرىغان. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بارلىق قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشكە، بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز».
خىتاي دائىرىلىرى شۇ چاغدا ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ پەرقلىق مەلۇماتلارنى بەرگەنىدى. بىر قىسىم شاھىتلار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 40-50 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، خىتايدىكى سىنا، تېڭشۈن، بوشۈن قاتارلىق خىتايچە تور بەتلىرى 12 نەپەرنىڭ ئۇيغۇر ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا رەسمىي بايانىدا ۋەقەدە ھەر ئىككىلىسى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيەسىدىن بولغان ھاشىمجان ئەمەت ۋە سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 80 نەپەردەك ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مانا شۇنىڭدەك شاۋگۈەن ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئېنىق سانى، كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى تا ھازىرغىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا.