26-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان «قانلىق شاۋگۇەن ۋەقەسى» يۈز بەرگەنلىكىگە 13 يىل تولغان كۈندۇر. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 800 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشچى كېچىلىك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقاندا، زاۋۇتتىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچىنىڭ رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. شۇ كۈنى پالتا، پىچاق ۋە تۆمۈر كالتەكلەر بىلەن قوراللانغان 10 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچى ئۇيغۇرلارنى ئۇر-ئۇر قىلىپ رەھىمسىزلەرچە كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا تارقالغان كۆرۈنۈشلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇلۇۋاتقانلىقى، زاۋۇت قوروسىنىڭ قانغا بويالغانلىقى نامايان بولۇپ تۇراتتى.
مانا مۇشۇنداق ۋىدىيولارنىڭ خىتايدىكى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشى قانلىق ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە شىددىتىنى كەڭ جامائەتچىلىككە تولۇق نامايان قىلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق غەزەپلەندۈرگىنى، ۋەقە بولۇپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمغا قاتناشقان بىرمۇ كىشىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى، ھەتتا ئۇنى بىر خىتاي ئىشچى «زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار بىر خىتاي قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقتىن كېلىپ چىققان جېدەل-ماجىرا دەپ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرىماقچى بولۇشى ئىدى. مانا بۇ ئادالەتسىزلىك مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى نامايىش قىلىپ ئادالەت تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. ئاقىۋەتتە ھۆكۈمەت ئۇلارنىمۇ قانلىق باستۇرۇپ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجراىيە مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە شاۋگۇەن ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتى ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى خەلقئاراغا تولۇق ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «5-ئىيۇل كۈنى، شاۋگۇەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە قىلىنغان بۇ قانلىق ھۇجۇمغا چىدىمىغان، بۇ ھاقارەتكە چىدىمىغان ئۇيغۇر ياشلىرى كوچىلارغا چىقىپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى، جاۋابكارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى. بىراق ئۇلارمۇ باستۇرۇلدى. مانا بۇ ۋەقەلەر خەلقئارا ئاخباراتلاردا كەڭ تارقىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇندىن بېرى قارىتىپ كەلگەن كەمسىتىش سىياسىتىنى ۋە چوڭ-كىچىك قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى».
شۇ چاغدا مەزكۇر قانلىق ۋەقەنىڭ جەريانلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا زاۋۇتنىڭ ياتاق بىنالىرىدىن بۇ قانلىق مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتقان خىتايلار بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى خۇددى بىر غەلىبىنى قۇتلىغاندەك تور بەتلەردە كەڭ تارقاتقان. ھەتتا بىر قىسىم ۋىدىيولاردا بۇ قانلىق زوراۋانلىقنى تاماشا قىلىپ ۋىدىيوغا تارتىۋاتقان خىتايلارنىڭ ھۇجۇمچى خىتايلارغا ۋارقىراپ تۇرۇپ «ئاۋۇ يەردە بىر ئۇيغۇر بار، ئەنە ئاۋۇ يەرگە بىرى يوشۇرۇنۇۋالدى» دەۋاتقان، ھەتتا يەنە «شۇنچە ئۇرۇۋاتسا نېمانداق تېخىچە ئۆلمەيدۇ؟» دېگەندەك ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شاۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، رادىيومىز مۇخبىرلىرى شاۋگۇەندىكى ھۇجۇمدىن قېچىپ يوشۇرۇنۇپ ساق قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئالاقە باغلىغاندا ئۇلار ئۆزلىرى شاھىت بولغان دەھشەتلىك مىنۇتلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كېچىدە ياتاقلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن خىتايلار ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىز-ئوغۇل دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن تۆمۈر توقماقلار ۋە تاياقلار بىلەن ئۇرۇپ-قوغلاپ ئۆلتۈرگەن. دىققەت قوزغايدىغىنى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى ئاشۇنداق دەھشەت بىلەن سەھەر سائەت 4 كېچە داۋام قىلغان بولسىمۇ، شۇ چاغقىچە بىرەر ساقچى كەلمىگەن، ھۇجۇمچىلارنى بىرەرسىمۇ توسۇپ قالمىغان بولغاچقا ئۇيغۇرلار زور چىقىم تارتقان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىدىكى دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر دېتاللىقىنى، چۈنكى بۇنداق بىر ۋەھشىيلىككە ۋە ئۆچمەنلىككە سەۋەب بولغان سەۋەبلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىللاردىن بېرى يۈرگۈزگەن يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتى ۋە خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بۇزۇلغان پىسخىكىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۇيغۇرلار قالاق، ياۋايى، ئوغرى-يانچۇقچى دېگەندەك. ئاندىن كېيىن ھەتتا ئۇيغۇرلارنى خىتاي جامائىتىگە تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش باشلاندى. مانا مۇشۇلار خىتاي جامائىتى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلدى. يەنە بىر ياقتىن ئاجىزلارغا ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىشتەك بۇنداق ھادىسە خىتاي جەمئىيىتىدىكى بىر ئىجتىمائىي ۋە روھىي بۇزۇلۇشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
خىتاي دائىرىلىرى شۇ چاغدا ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ پەرقلىق مەلۇماتلارنى بەرگەنىدى. بىرقىسىم شاھىتلار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 40-50 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، خىتايدىكى سىنا، تېڭشۈن، بوشۈن قاتارلىق خىتايچە تور بەتلىرى 12 نەپەرنىڭ ئۇيغۇر ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا رەسمىي بايانىدا ۋەقەدە ھەر ئىككىلىسى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيەسىدىن بولغان ھاشىمجان ئەمەت ۋە سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 80 نەپەردەك ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مانا شۇنىڭدەك شاۋگۇەن ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئېنىق سانى، كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى تا ھازىرغىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا.
دەرۋەقە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر شاۋگۇەن ۋەقەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇيغۇر ياشلارنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ پاجىئەلىك نەتىجىسى، دەپ قارايدۇ. 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىشچىلارمۇ تەلەپلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى توختىتىشىنىمۇ تەلەپ قىلغانىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل كۈنىدىكى تىنچلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇپلا قالماي، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئىجرا قىلماقتا.
چەتئەللەردىكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر شاۋگۇەن ۋەقەسىگە نارازىلىق يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى رەسمىي يوسۇندا ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، جۈملىدىن بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان «شاۋگۇەن ۋەقەسى» ئۆزىدىكى سىرلار، ئاشكارىلانمىغان ئۆلۈم-يېتىملەر، باستۇرۇلغان نالە-پەريادلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئاچچىق سەھىپىلىرىگە كۆمۈلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا بۈگۈن رادىيومىز ئارقىلىق دۇنيا جامائەتىچىلىكىگە خىتاب قىلىپ: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان شاۋگۇەن ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك!» دېدى.