«26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» نىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىدە

0:00 / 0:00

2009-يىلى 26-ئىيۇندا يۈز بەرگەن «شاۋگۇەن قانلىق ۋەقەسى» ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس بىر ۋەقەدۇر.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى يېرىم كېچىدىن 26-كۈنى سەھەر سائەت 5:00 كېچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىنىڭ ياتاق رايونىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ قانلىق ۋەقەنى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

ئەينى چاغدىكى خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كېچىسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان 800 دەك ئۇيغۇر ياش ئىشچى قوللىرىدا پالتا، پىچاق ۋە تۆمۈر كالتەكلەر بىلەن قوراللانغان 10 مىڭدىن ئارتۇق خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 5 سائەت داۋام قىلغان بۇ زوراۋانلىق ھۇجۇمىنىڭ جەريانلىرى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى 26-ئىيۇن كېچىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ تېڭشۈن، سىنا تورلىرىدا كەڭ تارقالغان. كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەر دىيارىم، شەبنەم، ئۇيغۇربىز قاتارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدىمۇ كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان.

ئەينى چاغدىكى ئارخىپلارنى تەكشۈرگىنىمىزدە مەزكۇر تور بېكەتلىرىدە دەسلەپتە بېرىلگەن خەۋەرلەر بىلەن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، ۋەقەدە يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىق، ھەتتا ئوخشىمايدىغان خەۋەرلەرنىڭ بېرىلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

سىنا، تېڭشۈن، بوشۈن قاتارلىق خىتايچە تور بەتلىرىنىڭ 26-ئىيۇندىن باشلاپ بەرگەن خەۋەرلىرىدە ۋەقەدە 18 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇلاردىن 12 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر، 6 نەپىرىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 400 نەپەر ساقچى، 152 نەپەر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە 48 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ھەرىكەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئەينى چاغدا رويتېرس، BBC، نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن پەرقلىق ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلغان.
شۇ كېچىسىدىكى نەق مەيداندىكى قانلىق توقۇنۇشتىن قېچىپ شاۋگۇەندىكى بىر مېھمانخانىدا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

ئۇلار مۇخبىرىمىز جۈمەگە بەرگەن مەلۇماتىدا شۇ كۈنى 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئېغىر ۋە يېنىك دەرىجىدە يارىدار بولغانلىقىنى ۋە ھەتتا قىزلارنىڭمۇ رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى، يەنى 2009-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر بەرگەن. ئۇلار خەۋىرىدە شاۋگۇەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «ۋەقەدە جەمئىي 120 كىشى يارىلانغان، بۇلاردىن 81 كىشى ئۇيغۇر، قالغان 39 نەپىرى خىتاي. ۋەقەدە 2 كىشى ئۆلگەن، ئۆلگۈچىلەر ئۇيغۇر،» دېيىلگەن.

ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان بۇ خەۋەرلەر خىتايچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يالغان خەۋەر بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

مەزكۇر ۋەقە يۈز بېرىپ 3 ئايدىن كېيىن، يەنى 2009-يىل 9-ئايدا خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن شاۋگۇەن شەھىرى ۋۇجياڭ رايونى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە ئايرىم-ئايرىم سوت ئېچىلىپ، شياۋ جيەنخۇا قاتارلىق 5 كىشىنىڭ مەقسەتلىك زىيانكەشلىك قىلىش دېلوسى ھەمدە لۇ شياۋچاڭ قاتارلىق ئالتەيلەننىڭ توپلىشىپ مۇشتلىشىش دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى جاكارلانغان.

ھالبۇكى، ئوخشاش بىر مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى «شاۋگۇەن ۋەقەسى» سەۋەبىدىن قوزغالغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىپ كوچىغا چىققان ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلغان. نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئارتىپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.

«26-ئىيۇن شاۋگۇەن قانلىق ۋەقەسى» دە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇ چاغدىكى قورچاق رەئىسى نۇربەكرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئەتىسى، يەنى 6-ئىيۇل كۈنى تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، «26-ئىيۇن شاۋگۇئەن ۋەقەسى» نى چەتئەللەردىكى «بۆلگۈنچى كۈچلەر قۇتراتقۇلۇق قىلىپ پەيدا قىلغان ۋەقە،» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي «26-ئىيۇن شاۋگۇئەن ۋەقەسى» نى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى، بۇنىڭ ئاخىرى بېرىپ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ پىلىتىسىغا ئوت ياققانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى يوشۇرۇپ، ئاخباراتنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم ۋەقە يۈز بېرىپ 10 يىلدىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زۇبەيرە خانىم بايانىدا «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» نىڭ خىتاي كۆرسەتكەندەك تاسادىپىي بىر ماجىرا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر قانلىق پاجىئە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى 2009-يىلى يۈز بەرگەن «26-ئىيۇن شاۋگۇئەن قانلىق ۋەقەسى» نى «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە،» دېدى.