ئوقۇتقۇچى شاۋكەت ئابدۇللانىڭ 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.09.25
Shawket-Abdulla.jpg ئىلى دارىلمۇئەللىمىننىڭ 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئوقۇتقۇچىسى شاۋكەت ئابدۇللا.
رەسىمنى نورۋېگىيەدىكى ئىنىسى پەرھات ئابدۇللا تەمىنلىگەن.

يېقىندا نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» دا ئىلى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇتقۇچىسى شاۋكەت ئابدۇللانىڭ 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن پەرھات ئابدۇللا ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى.

پەرھات ئەپەندى ئاكىسى شاۋكەت ئابدۇللانىڭ 2018-يىلى يازلىق مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان ئاكىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە بىرقانچە قېتىم ئاشكارا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئاكىسىغا تۈرلۈك «جىنايەت» لەرنى ئارتىپ، 25 يىللىق ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىق خەۋىرىنى ئالغان ئىكەن. ئۇ بۇنىڭدىن ھەم ھەيران قالغانلىقىنى ھەم قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەرھات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تونۇشلىرىدىن ئالغان ئۇچۇرىدا ئاكىسىغا «چەتئەلدىكى ئىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورچىلارغا پۇل ئەۋەتكەن؛ ئىنىسى بىلەن تېلېفوندا مەلۇم كىتاب ھەققىدە مۇنازىرىلەشكەن؛ 1995-1997-يىللىرى غۇلجىدا مەشرەپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان؛ ئىككى قىزى بار تۇرۇقلۇق 10 يىل ئىلگىرى يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن» دېگەن ئاتالمىش تۆت خىل «جىنايەت» ئارتىلىپ، 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان. خىتاي قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمەيدىغان بۇ خىل بىمەنە باھانىلەر بىلەن ئاكىسىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن.

پەرھات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1993-يىلدىن بۇيان ئىلى ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئاكىسى شاۋكەت ئابدۇللا مەكتەپتە بىر مەزگىل داۋاملاشقان ئۆزىنى تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن 2018-يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئاۋۋال ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلىش نامىدا ئېلىپ كېتىلگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. شاۋكەت ئابدۇللانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 2018-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە ئۇنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا شاۋكەت ئابدۇللاغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىدىن ۋە قانداق جازا ھۆكۈمى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

پەرھات ئەپەندى ئاكىسى شاۋكەت ئابدۇللا ھەققىدە توختىلىپ، 1988-يىلى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان شاۋكەت ئابدۇللانىڭ ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىن غۇلجىدىكى ئىلى ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئاكىسى شاۋكەت ئابدۇللانىڭ ئۆز كەسپىنى سۆيىدىغان بىر بىلىم ئادىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاكىسىغا ئارتقان ئاتالمىش جىنايەتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىمەنە بوھتان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئوقۇتقۇچى شاۋكەت ئابدۇللا ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن شاۋكەت ئابدۇللا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىلى ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ۋە مەزكۇر مەكتەپتىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما مەزكۇر مەكتەپكە قىلغان تېلېفونلار ئۇلانمىدى.

ئىلگىرى شاۋكەت ئەپەندى بىلەن بىللە خىزمەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىرقانچە ئوقۇتقۇچىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تېلېفونغا جاۋاب بەرمىدى. بىرەيلەن تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفوننىڭ ئۆزىگە خاتا ئۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىلى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان شاۋكەت ئابدۇللانىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

پەرھات ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاۋكەت ئابدۇللا غۇلجا شەھەر ئازاد يولى 2-كوچا دەپ ئاتىلىدىغان ئىلگىرىكى غۇلجا شەھەر ئۈچدەرۋازا مەھەللىسى 2-كوچىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، گۇگۇلدىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەھەللىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىن غۇلجا شەھەر ئازاد يولى ساقچىخانىسىغا قارايدىغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق. 

ئازاد يولى ساقچىخانىسىغا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇرغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى.

1-قېتىملىق تېلېفوننى ئالغان ئايال خىزمەتچى خادىم ئاۋۋال ئۆزىنىڭ تېلېفون ئېلىشقىلا مەسئۇل خادىملىقىنى بىلدۈرۈپ، سوئاللىرىمىز بولسا 120 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى ئېيتتى. 

بۇ ساقچى خادىمىدىن شاۋكەت ئابدۇللاغا ئوخشاش چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا پۇل ئەۋەتكەنلىكى ۋە چەتئەللەردە زىيارەتتە بولغىنى ئۈچۈنلا جازالانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قەيەردىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە غۇلجىنىڭ ئۆزىگە بېرىپ، ئادۋوكات ئارقىلىق ئەھۋالنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

يەنە بىر تېلېفونىمىزنى ئازاد يولى ساقچىخانىسىنىڭ ئەر خادىمى ئالدى.

بىز ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق شاۋكەت ئابدۇللانىڭ ‹چەتئەلدىكى ئىنىسىغا پۇل ئەۋەتتى› دېگەن جىنايەت بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ جەريانىنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق. بۇ چاغدا بۇ ساقچى خادىمى ئاۋۋال تېلېفوننىڭ قەيەردىن ئۇرۇلغانلىقىنى سورىدى. ئۇ تېلېفوننىڭ ئامېرىكادىن ئۇرۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن بۇ ساقچى خادىمى يەنە ئۆزىنىڭ بۇنداق ئەھۋاللارنى بىلگەن تەقدىردىمۇ قارشى تەرەپنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئۇ يەنە ئەگەر شاۋكەت ئابدۇللاغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولساق ئۇنىڭ ئۆزىدىن ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سۈرۈشتۈرسەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭغا شاۋكەت ئابدۇللانىڭ ھازىر تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئالغانلىقىمىز ئۈچۈن ساقچىخانىدىن بۇنداق ئەھۋاللارنى سوراۋاتقىنىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا، بۇ ساقچى خادىمى ئەگەر ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولساق يەنىلا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ۋە تونۇشلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشنى ئېيتتى ۋە بۇنداق مەسىلىلەردە ساقچىخانىنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز بۇ ساقچى خادىمىدىن يەنە چەتئەلگە پۇل ئەۋەتكەنلەر ۋە چەتئەللەردە زىيارەتتە بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا «ئۆگىنىش» كە ئەۋەتىلەمدۇ دەپ سورىدۇق.

بۇ ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن ساقچى ئىدارىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى قايتۇرۇپ سورىغىنىمىزدا بولسا، ئۇ ساقچىخانىنىڭ تېلېفوننىڭ ئەھۋال مەلۇم قىلىدىغان تېلېفون ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

رادىئومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىمۇ شاۋكەت ئابدۇللاغا ئوخشاش چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا پۇل ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن لاگېرلارغا قامالغان ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەمما شاۋكەت ئابدۇللاغا ئوخشاش نەچچە 10 يىللار ئىلگىرى چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا پۇل ئەۋەتكەنلىكى ۋە چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن 25 يىللىق ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتەك ئەھۋال رادىئومىزغا تۇنجى قېتىم ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.