«ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ-ﺳﯜﺭﻩﻥ» فىلىمىنى ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪدە كۆرسىتىش پائالىيىتى سىدنېيدا باشلانغان

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.07.23
abduweli-ayup-sidney-awstraliye ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ۋە پائالىيەتچى ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﺋﺎﻳﯘﭖ «شاۋقۇن-سۆرەن» فىلىمى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-ئىيۇل، سىدنېي
RFA/Erkin Tarim

ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﻩ 21-ﯞﻩ 22-ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ «ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ-ﺳﯜﺭﻩﻥ» فىلىمىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى رەسمىي باشلانغان. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ۋە پائالىيەتچى ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﺋﺎﻳﯘﭖ بىلەن جەۋھەر ئىلھامنىڭ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ نۆۋەتتىكى ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ھۆججەتلىك ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ئىكەن.

21-ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺳﯩﺪﻧﯧﻴﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﯟﯦﻦ ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ بۇ فىلىمدا، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ئېغىر ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، بەلكى يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ بېسىملار، بولۇپمۇ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ مۇھاجىرەتتىكى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ يۈرگۈزۈۋاتقان چېگرا ھالقىغان قارا قولى ۋە تەھدىتلىرى ھەر جەھەتتىن ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئىرقىي ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻞ-ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ناھايىتى مۇھىم ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

مەزكۇر ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﺋﺎﻳﯘﭘﺘﯩﻦ ﺑﻪﺱ-ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎﻥ. ئۇنىڭدىن ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ سورالغان ﺳﻮﺋﺎﻝ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆرۈرمەنلەر يەنە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ تەرىپىدىنمۇ تاشلاپ قويۇلغانلىقى توغرىلىق سوئاللار سورىغان. ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﯦﻠﻰ ﺋﺎﻳﯘﭖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﺘﻰ.

ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺳﯩﺪﻧﯧﻴﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ جامائىتىمۇ قاتناشقان. ﺳﯩﺪﻧﯧﻴﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ئىدارە ﮪﻪﻳﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻣﻪﮪﻤﻪﺕ ﺟﻪﻟﻪﭘﭽﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮﻣﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪلىكلەر ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ قاتناشقاندىن ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻤﻰ ﺳﯩﺪﻧﯧﻴﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ تەشكىلاتى ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ بولغان ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺟﻪﻟﻪﭘﭽﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ پائالىيەتلەرنىڭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ئاڭلىتىشتا ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ئەھمىيەتكە ئىگە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﯘ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﻪ مۇھىم ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ. بىرىنچىدىن، ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھۆججەتلىك ۋە ئىسپاتلىق شەكىلدە ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﻳﺪﯗ. ئىككىنچىدىن، ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻻﮔﯧﺮ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﯞﻩ مەلۇمات ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ئۈچىنچىدىن، ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺭﻩﺳﯩﻢ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﯞﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ قاتارلىق قوشۇمچە ۋاسىتىلەر ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ كۈچلۈك ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ فىلىم ﺑﯩﺰﮔﻪ ئەمەلىي ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ كۆپەيتىشتە ياردەم قىلىدۇ.»

«ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ-ﺳﯜﺭﻩﻥ» ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩېيۋىد ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﯦﻠﻰ ﺋﺎﻳﯘﭖ ﯞﻩ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺟﻪﻟﻪﭘﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ھەيئەت ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﺳﯩﺪﻧﯧﻴﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ كونسۇلخانىسىنىڭ ﺧﺎدىمى ﺷﺎﺭﻭﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ بىلەن ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ تەشكىلاتى ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺷﯘﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ قىلغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-ئىيۇل، سىدنېي
«ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ-ﺳﯜﺭﻩﻥ» ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩېيۋىد ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﯦﻠﻰ ﺋﺎﻳﯘﭖ ﯞﻩ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺟﻪﻟﻪﭘﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ھەيئەت ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﺳﯩﺪﻧﯧﻴﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ كونسۇلخانىسىنىڭ ﺧﺎدىمى ﺷﺎﺭﻭﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ بىلەن ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ تەشكىلاتى ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺷﯘﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ قىلغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-ئىيۇل، سىدنېي
RFA/Erkin Tarim

22-ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ فىلىمنى سىدنېيدا ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، «ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ-ﺳﯜﺭﻩﻥ» ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩېيۋىد ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﯦﻠﻰ ﺋﺎﻳﯘﭖ ﯞﻩ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺟﻪﻟﻪﭘﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ھەيئەت ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﺳﯩﺪﻧﯧﻴﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ كونسۇلخانىسىنىڭ ﺧﺎدىمى ﺷﺎﺭﻭﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ بىلەن ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ تەشكىلاتى ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺷﯘﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ كونكرېت تەلەپلىرىنى ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﯦﻠﻰ ﺋﺎﻳﯘﭖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺟﻪﻟﻪﭘﭽﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ جەمئىيىتىنىڭ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17-ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ پارلامېنتىنىڭ ﺯﺍﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﺘﻰ.

 «ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ-ﺳﯜﺭﻩﻥ» ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ دېيۋىد ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﯦﻠﻰ ﺋﺎﻳﯘﭘﻨﯩﯔ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﯩﺪﻧﯧﻴﺪﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ پائالىيىتىنىڭ داۋامى ﻣﯧﻠﺒﻮﺭﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﺎﺩېلايد ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ بېرىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.