خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىللاردىكى خەلقئارا تەنقىدلەر ۋە جازالارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاياتلىقنىڭ «نورماللىققا قايتقانلىقى» ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۇرۇشىنى باشلىغان ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئاخبارات «ھېكايىلىرى» نى بازارغا سالغانىدى. بولۇپمۇ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقى بويىچە ئوتتۇرىغا چىققان «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى ئېيتىش» شامىلىدا بىر قاتار ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرى، مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ۋە ساياھەت ئۆمىكى نامىدىكى كۆپلىگەن كوللېكتىپنىڭ «قىرغىنچىلىق ساياھەتچىلىكى» دەپ ئاتالغان «شىنجاڭ ساياھىتى» ۋۇجۇدقا چىقتى. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىناق ۋە بەختىيار جەمئىيەت»، «پاراۋان ھايات» ۋە «تولۇپ-تاشقان ئەركىنلىك» توغرىسىدا نەچچە ئونلىغان «تەسىرلىك» بايانلار ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يەر ئالدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى ھەققىدىكى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلار دىققەت قوزغاۋاتقاندا بۇ خىلدىكى ساختىلىقنى پاش قىلىش مەزمۇنىدىكى يېڭى ھۆججەتلىك فىلىم «شاۋقۇن-سۈرەن» ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) دىكى تاماشىبىنلار بىلەن 5-نويابىر كۈنى تۇنجى قېتىم رەسمىي يۈز كۆرۈشتى.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى مەيدان قويۇلۇشى ھەققىدىكى ئېلان ئۇچۇرلىرى يۈزلىگەن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، فىلىم قويۇلۇشتىن خېلىلا بالدۇر زالنىڭ ئالدى ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. فىلىم قويۇلۇشتىن بۇرۇن بىز مەزكۇر فىلىمنى روياپقا چىقارغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىگە دائىر بىر قىسىم ئەھۋاللار توغرىسىدا قىسقىچە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان جەنىس ئېنگىلخارت (Janice Englehart) خانىم ئون يىلغا يېقىن خىتايدا ئىشلەش جەريانىدا بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاباھەتلىك زۇلۇملاردىن خەۋەردار بولغان. ئەمما دۇنيانىڭ كۆپ قىسمى بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر بولۇشتەك ئاچچىق رېئاللىق ئۇنىڭغا «دۇنيانى بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىش زۆرۈر ئىكەن» دېگەن خۇلاسىگە ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېزدىن ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق دوستى دېيۋىد نوۋاك (David Novack) قا بۇ خىيالىنى ئېيتقاندا ئۇ تېزدىن بۇ سەپكە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق 300 سائەتتىن ئارتۇق زىيارەت خاتىرىسى توپلىغان. ئاندىن بۇلارنى رەتلەش، تەھرىرلەش ۋە قىسقارتىش ئارقىلىق بىر يېرىم سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىمنى تەييارلاپ چىققان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ فىلىم نامى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

«فىلىمنىڭ ماۋزۇسى بولغان ‹شاۋقۇن-سۈرەن› ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ھۆججەتلىرىدىن ئېلىنغان. شۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە ئېيتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ زالىغا توپلاپ ‹ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش› تېمىسىدا يىغىن ئاچقان. يىغىندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناق جەمئىيەت ئۈچۈن ‹شاۋقۇن-سۈرەن› بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل ‹شاۋقۇن-سۈرەن›لەرنى تېزدىن ‹تازىلاش› لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ھال بۇ فىلىمدىمۇ ئالاھىدە شەكىلدە نامايان قىلىندى. جەۋھەرمۇ بۇ خىل تەشۋىقاتنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ‹ئۇنداقتا بىزمۇ بىر شاۋقۇن-سۈرەن چىقىرىپ باقايلى، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدىن پايدىلىنىپ بىزمۇ ئۇلارغا قارشى بىر شاۋقۇن-سۈرەن بولايلى› دەپ ئويلىدۇق ۋە بۇنى فىلىمغا ئىسىم قىلىپ تاللىدۇق.»
جەنىس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ئاخبارات ساھەلىرىدىن يەر ئالغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە خەۋەرسىز كىشىلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. شۇڭا بۇ قاباھەتلەرنى ئاشۇ خىلدىكى كىشىلەرگە سەنئەت شەكلىدە چۈشەندۈرۈش بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى بىر مۇھىم مەقسەت بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «2016-يىلى مەن خىتايدا ئىدىم. 2012-يىلى بولسا مەن ئاشۇ رايونغا (ئۇيغۇر دىيارىغا) بارغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ جايدا كۆپلىگەن دوستلىرىم بار ئىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ قايسىسى بار قايسىسى يوق بۇنىمۇ بىلمەيمەن. 2018-يىلى ئاشۇ خىل دوستلىرىمدىن بىرىنىڭ ئاكىسى كانادادىن قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋاپتۇ، دادىسىنى بولسا لاگېرغا قامىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەرلىرىدىن بۇ خىلدىكى زور تۇتقۇن ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئاڭلىدىم. بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا مەن بۇ رايوننى خىتاينىڭ قانداق ئىشغال قىلىۋالغانلىقى ۋە ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى›دىن كېيىن بۇ جايدا قانداق زۇلۇملارنى قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار ئىدىم. يەنە كېلىپ مەن بىر سەنئەتكار ۋە پروگرامما لايىھىلىگۈچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى سەنئەت شەكلىدە نامايان قىلىشنى ئويلىدىم. چۈنكى بۇ بەكمۇ زور بىر تراگېدىيە ئىدى. يەنە بىر ياقتىن مەن غەرب دۇنياسىدا بۇ قاباھەتلەرنى ئاڭلىغان ياكى بىلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇنچە كۆپ ئەمەسلىكىنىمۇ نەزەردە تۇتتۇم. ئەنە شۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە مەن يەڭ شىمايلاپ مەيدانغا چۈشتۈم. ئەمما بىز فىلىمدا ئاساسلىق دىققىتىمىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىغا مەركەزلەشتۈردۇق. غەرب دۇنياسىدىكى ھېچقانداق مۇتەخەسسىسنى سۆزلەتمىدۇق. فىلىم ئىشلىگۈچىلەرمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق گەپ قىستۇرمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى سۆزلىسۇن، دېدۇق. فىلىمنىڭ بايان قۇرۇلمىسى ئەنە شۇ شەكىلدە قۇراشتۇرۇپ چىقىلدى. ئەپسۇسكى، فىلىمنىڭ سىغىم چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بىز زىيارەت قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بايانلىرىنى بۇ فىلىمغا قىستۇرۇشقا ئامال قىلالمىدۇق.»
رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان دېيۋىد نوۋاك (David Novack) فىلىم ئىشلىگۈچىلەر قاتارىدا يەنە قوشۇمچە فىلىمنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەن قىرغىنچىلىققا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدىكى تەرەققىياتىغا بولغان نەپرەت ئۇنىڭ بۇ فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: .
«بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى ئاساسلىق سەۋەبكە كەلسەك، مەن ئەسلىدە خىتايدىكى قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش ساھەسىگە دائىر فىلىملارنى ئىشلەۋاتقان ئىدىم. ئاشۇ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىس توغرىسىدا خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. بۇ ھەقتىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولغانسېرى بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە 1930-يىللاردا ياۋروپادا يۈز بەرگەن قىسمەتلەرگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى شۇنچە چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر تۈرلۈك مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ۋۇجۇدۇمنى چىرماشقا باشلىدى. چۈنكى مەن ئۆزۈم ياۋروپا يەھۇدىيلىرىنىڭ ئەۋلادى. مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ياۋروپادىكى ئاشۇ خىل لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان. مەن بولسام فىلىم ئىشلەشنى ھاياتلىق قورالى قىلىپ ياشاۋاتقان بىر ئىنسان. شۇنداق بولغانىكەن، مەن بۇ قورالنى دەل مۇشۇ ساھەگە تەتبىقلاش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتىم. ئەمما مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۇ ئىشلارنى خەۋەر تەرىقىسىدە جەمئىيەتكە سۇنۇش ئەمەس ئىدى. چۈنكى ياۋروپادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. مەن مۇھاجىرەتتىكى ئاشۇ سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتاي، ئۇلارنىڭ ئېغزىدىن بۇ ئىشلارنى بايان قىلاي، دەپ ئويلىدىم. بۇ جەرياندا ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بۇ ئىشقا زور قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتىكى رېئاللىق مۇشۇنداق بىر ھۆججەتلىك فىلىم شەكلىدە ۋۇجۇدقا چىقتى. ھازىرغا قەدەر بىز بۇ فىلىم ھەققىدە بەكمۇ ياخشى بولغان ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالدۇق. ئۇيغۇرلاردىنلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپمۇ باقمىغان نۇرغۇن چەتئەللىك كىشىلەر بۇ فىلىمدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.»
بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئىشلەنگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ ۋە قىرغىنچىلىققا شاھىت بولغۇچىلارنىڭ چىن كەچمىشلىرى ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىلگەن. فىلىمدىكى باش پېرسوناژلارنىڭ بىرى، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىجرا قىلسۇن؛ ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە قانۇنىدا بېكىتىلگەن ماددىلار بويىچە ئۆزلىرىنى قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسۇن» دېگەندەك ئەقەللىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بولسا خىتاينىڭ قانۇنىدا بېكىتىلگەن ھەقلەر ئاساسىدا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشكە يول ئالغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. تۈركىيەدىكى يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا «چەتئەلدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن» دېگەندەك باھانىلەر لاگېرلارغا قامالغان. بۇ جەرياندا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغان مۇشۇ خىلدىكى تۈرلۈك باھانىلەر ماھىيەتتە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە خاتالىق ياكى جىنايەت ھېساپلانمايدىغان ئىشلار بولۇپ چىققان. شۇنداقلا بۇ يوسۇندىكى مۇدھىش رېئاللىق ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلار تېررورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيانە تەبىئىتى تۈپەيلىدىن قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈم سۈرگەن تۈزۈم مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ھېچقاچان خىتايدىكى مەۋجۇت «قانۇن» لار ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ھېچقاچان قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغان ھاكىمىيەت ئەمەسلىكىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تاغدەك پاكىتلار ئالدىغا تاشلانغانغا قەدەر مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قاماپ، زامانىۋى شەكىل ئالغان يېڭىچە قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغان، ئەمما لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى پاكىتلار ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن تېزدىن «تون يەڭگۈشلەپ» بۇ جايلارنىڭ لاگېر ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە «ئۇيغۇرلارنى ساۋاتلىق قىلىپ، ھۆنەر-تېخنىكا ئۆگىتىش» نى ئاساس قىلغان «مەكتەپ» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەنە شۇ خىل «مەكتەپ» لەردىكى ھاياتنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرى بۇ «مەكتەپ» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلار ئارىسىدا ھېچقانداق «تەربىيەلەش» كە ھاجىتى بولمىغان ئالىملار، زىيالىيلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە باشقا ھەر ساھە سەرخىللىرىنىڭ بارلىقىنى، لاگېرلاردىكى ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىلىرىنىڭ مۇنتىزىم تۈرمىلەردىكىدىنمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتلىرىغا كىشەن سېلىپ قويۇپ دەرس ئۆتۈش» ۋە ئۇلارنى «يولۋاس ئورۇندۇق» قا ئولتۇرغۇزۇشتەك شەكىلنىڭ ھېچقانداق يەردە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، لاگېردا جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلاردىن باشقا كوللېكتىپ شەكىل ئالغان نومۇسىنى بۇلغاش قىلمىشىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى، بۇلاردىكى ئومۇمىي مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
فىلىمدا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن يەنە بىر رېئاللىق خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەگە، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قېچىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدى ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، خىتاي داۋاملىق ھالدا ئۇلارنىڭ روھىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا قىزىقتۇرۇش ۋە مەجبۇرلاش ئارقىلىق بىر ئومۇمىي قورقۇنچ پەيدا قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ «ئوۋ نىشانى» غا ئايلىنىپ قالغان. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «چېتىپ جازالاش» ئۇسۇلىنىڭ زامانىۋى ۋارىيانتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پېشكەللىك كېلىشىدىن قەتئىينەزەر داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە پاش قىلغان. چۈنكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا شاۋقۇن-سۈرەننىڭ مەنبەسى بولغۇچى ئېلېمېنتلار. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن دۈشمەن» دەپ قارايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ بۇ ھەقتە ئىخچام قىلىپ «خىتاي بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنى ۋە مەسچىتلىرىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتەلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار بىزنىڭ روھىمىزنى ۋەيران قىلالمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ يەرگە چىقتۇق» دەيدۇ.
فىلىم قويۇلۇپ بولغاندا ھەممىلا كىشىنى ئېغىر سۈكۈنۈتقا ۋە چوڭقۇر خىيالغا گىرىپتار قىلغانىدى. گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى بىر قىسىم كىشىلەرگە مەلۇملۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قەدەر ۋەھشىيانە دەرىجىگە بارغانلىقىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى. ئەنە شۇ خىلدىكى تاماشىبىنلارنىڭ بىرى بولغان مايكىلدىن بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن قانداق تەسىراتقا كەلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا مۇنداق دېدى: .
«بۇ فىلىم بەك قالتىس ئىشلىنىپتۇ. رەسىملەرنىمۇ ئاجايىپ ياخشى سىزىپتۇ. بولۇپمۇ فىلىمنىڭ ئاخىرىدا فىلىم ئىشلىگۈچىلەر دۇچ كەلگەن زور قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھەيران قالدىم. چۈنكى بۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. يەنە بىر ئىش ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى: فىلىمدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرلارغا خۇددى مائارىپقا مەبلەغ سالغان قىياپەتتە غايەت زور پۇل خەجلىگەن. ئەمما بۇ لاگېرلاردا كىشىلەر مائارىپتىن بەھرىمەن بولمىغان، ئەكسىچە ئېغىر قىيناقلارغا دۇچ كەلگەن. فىلىمگە چوڭقۇرلاپ كىرگەنسېرى شۇنى بايقايمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارغا سەرپ قىلغان غايەت زور مەبلەغ ئەمەلىيەتتە دۇنيا بانكىسىغا ئوخشاش خەلقئارالىق گەۋدىلەردىن كەلگەن. دېمەكچىمەنكى، تاشقى دۇنيانىڭ پۇلى بولمىغان بولسا خىتايمۇ ئۇنچىلىك قىلىپ كېتەلمەيتتى. بۇ نۇقتا فىلىمدا ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن.»
فىلىمنىڭ تۇنجى مەيدان قويۇلۇش مۇراسىمىدىن كېيىن جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋاردنىڭ رىياسەتچىلىكىدە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ قىسقىچە سۆھبىتى بولۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە بۇ قېتىمقى فىلىم ھەققىدە بىر قاتار سوئال-جاۋابلار بولۇپ ئۆتتى.
«شاۋقۇن-سۈرەن» ناملىق بۇ فىلىم بۇندىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردا مەلۇم مۇددەت قويۇلغاندىن كېيىن ھەقلىق تارقىتىشنى باشلايدىكەن. ئەمما بۇ جەرياندا فىلىم ئىشلەش ۋە تارقىتىشقا سەرپ قىلىنغان 200 مىڭ دوللارغا يېقىن خىراجەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا ساخاۋەتلىك قوللارنىڭ خالىس ياردەملىرىگە داۋاملىق موھتاج بولىدىكەن.