24-دېكابىر ئىستانبۇلدا خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر پائالىيەتتە ۋەتەن ۋە خەلقى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغان شېھىتلەرنىڭ پىدارلىق روھىدىن ئۈلگە ئېلىش تەكىتلەندى.
«شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتىدە مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم، مۇھەممەد سالىھ ھاجىم، ئابلەت مەخسۇمھاجىم، ئابدۇلھەمىد داموللام قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆررىيىتى ۋە دىنىي ساھەسىدە مۇھىم روللارنى ئوينىغان زاتلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتىنى ئويۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن بارلىق شېھىتلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق، ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئادا قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ جەڭگاھلاردا، ئىلىم-مەرىپەت باغچىسى بولغان مەكتەپلەردە، سىياسىي كۈرەشلەردە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا، شۇنىڭدەك ھەر ساھەلەردە كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنى، خەلقى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىتىنىڭ ئستىقبالى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلاشتەك پىداكارلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ پىداكار روھىنى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام، ۋەتەن ۋە خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن شېھىت بولغان قەھرىمان شەخسلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ كۈرەش روھىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئۈچۈن ياش ئەۋلادلارنى بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە جەم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
يىغىن جەرىيانىدا 70 ياشلىق ئابدۇشۈكۈر ھاجىم «شېھىتلەرگە» ناملىق شېئىرى بىلەن مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمىلەرگە قاماش، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ۋە قىرىپ يوقىتىشقا ئورۇنغان ئەمما ئۇلارنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىرادىسىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچتۈرەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخىپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزنى بىلمىسەك، بۈگۈنىمىزنى ياخشى بىر شەكىلدە ئىدراك قىلالمايمىز ھەم چۈشىنەلمەيمىز. بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسى بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭىمۇ بىز ۋەتەن يولىدا ئەزىز جانلىرىدىن كەچكەن پۈتۈن شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەر ۋاقىت تەقدىرلەيمىز، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ كۈرەش يولىمىزغا مەشئەل قىلىمىز.»
«شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتىدە يەنە ياش-ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن شېھىتلەرنى مەدھىيلەپ ھەر خىل مەزمۇندا شېئىرلار دېكلاماتىسيە قىلىندى. ئۇيغۇر ياش ئىبراھىم سىدىق، ئابدۇسالام تەكلىماكان يازغان «چۈنكى ئۇ شېھىت» ناملىق شېئىرىنى سەھنىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
زۇلۇمغا باش ئەگمەس، چۈنكى ئۇ شېھىت،
زالىمغا تىز پۈكمەس، چۈنكى ئۇ شېھىت.
ھەقتىن ھېچ ۋاز كەچمەس، چۈنكى ئۇ شېھىت،
مەزلۇمنى خار كۆرمەس، چۈنكى ئۇ شېھىت.
پىتنىگە قىلماستىن قىلچىمۇ پەرۋا،
ئەلەمگە، ھەسرەتكە قىلماستىن غەۋغا.
كۈتمەستىن ھېچكىمدىن ئەھدىگە ۋاپا،
مىللەتنىڭ غېمىن يەر، چۈنكى ئۇ شېھىت.
زالىمنىڭ زۇلمىنى يوقىتىشتۇر پەم،
زالىمغا بولمايدۇ مەڭگۈگىچە يەم،
زالىمنى يوقىتىش ئۇنىڭدىكى غەم،
ھەق ئۈچۈن جان بېرەر، چۈنكى ئۇ شېھىت.
ئازدۇرماق بولسىمۇ شەيتان يولىدىن،
يېقىتماق بولسىمۇ ئۇنى ئۇلىدىن،
ئاتەشكە ئاتسىمۇ ئۇنى غولىدىن،
ھەقتىن ھېچ تايماس، چۈنكى ئۇ شېھىت.
خەلقىگە مۇلايىم، زالىمدىن قورقماس،
ئىللىغان مېھرىگە ئۆز خەلقى قانماس،
نەپنى دەپ يولىدىن، غايىدىن تانماس،
جەڭگىۋار، مېھرىبان، چۈنكى ئۇ شېھىت.
خەلقىگە ئۆگىتەر ئەدلۇ-ئادالەت،
كۆرسىتىپ بۇ يولدا غەيرەت-جاسارەت،
خەلقىگە خىزمەتتە يولى پاراسەت،
ئىلىمگە تەشنادۇر، چۈنكى ئۇ شېھىت.
شېھىتنىڭ يولىدۇر، مۈشكۈل ۋە قېيىن،
ئىخلاسىڭ بولمىسا ھەممە بىر تىيىن،
توزغاققا ئايلىنار قىلمىشىڭ كېيىن،
رىيادىن ئۇزاقتۇر، چۈنكى ئۇ شېھىت.
مەزكۇر كېچىلىكنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى.