خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق مودا كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى بولغان شېين (Shein) گۇرۇھى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بىر شىركەت.
شېين ماركىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە كەڭ سېتىلىۋاتقان مودا كىيىم-كېچەكلەرنىڭ خەلقئارادا «شىنجاڭ پاختىسى» دەپ تونۇلىدىغان پاختادا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، بۇ پاختىلارنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا تېرىلىدىغانلىقىنى «بلۇمبېرگ گېزىتى» تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شېين گۇرۇھى ئۆزىنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتلىك ئىشلەپچىقىرىشى تۈپەيلىدىن مۇھىتقا سېلىۋاتقان زىيانلىرى تۈپەيلىدىن سىجىل ئىشلەپچىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مۇھىت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىماقتا. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە شېين شىركىتى ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرۈش پىروگراممىسىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
«تەمىنلەش ژۇرنىلى» («Sourcing») نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شېيننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دونالد تاڭ شىركەتنىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە 70 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، 3-ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر، جۈملىدىن تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر شېيننىڭ «تەمىنلەش زەنجىرلىرى ۋە ئىشچىلىرىنى كۈچلەندۈرۈش» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىزلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچيۇ(王亚秋) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە شېيننىڭ «ئىشچىلارنى كۈچلەندۈرۈش» دېگەن سۆزى چۈشىنىكسىز، دەيدۇ. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:
«ئىجرائىيە رەئىسى تاڭنىڭ شېين شىركىتىگە قاراشلىق تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ئىشچىلارنى ‹كۈچلەندۈرمەكچى› بولۇشىنىڭ نېمىلىكى ئېنىق ئەمەس. شېيننىڭ ھەقىقىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىسى بولسا، ئۇنىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىغا چېتىشلىق بولۇشىدۇر.»
«تەمىنلەش ژۇرنىلى» نىڭ دېيىشىچە، دونالد تاڭ ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرۈش پىلانى ھەققىدە توختالغاندا «ئەگەر ئىسراپچىلىق بولمىسا رىقابەتلەشكىلى، تېجىلىپ قالغان ئېنېرگىيەنى خېرىدارلارغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ... بۇنىڭ بىلەن خېرىدارلار غەلىبە قىلىدۇ، ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقىلى بولىدۇ. نەتىجىدە يەرشارى غەلىبە قىلىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشەندۈرەلمىگەن. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مودا سىياسىتى پىروفېسسورى، پىروفېسسور ئېلىزابېت ل.كلېين «تەمىنلەش» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە «شېيىننىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا ئائىت پىروگراممىسىنىڭ ئوبراز يېڭىلاش تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ سىجىل ئىشلەپچىقىرىشنى گەۋدىلەندۈرمەيدىغانلىقىنى» دېگەن. ئۇ بۇنى «يېشىل تەشۋىقات» يەنى كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى مۇھىتنى قوغداش خىزمەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقاندەك، مەھسۇلاتلىرىنى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى بۇزماي تۇرۇپ ئىشلەپچىقارغاندەك كۆرسىتىش تەشۋىقاتى، دەپ باھالىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن ۋاڭ ياچيۇ(王亚秋) بولسا شېيىننىڭ نىيىتى دۇرۇس بولسا ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقانداق تەمىنلەش زەنجىرىدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«ئەگەر شېيىن تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى ئىشچىلارنى ‹كۈچلەندۈرىمەن› دەيدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىدا شىنجاڭدىن كەلگەن ھەرقانداق ماتېرىيالنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن ئاددىي» .
«ياخۇ» خەۋەرلەر تورىنىڭ دېيىشىچە، 2022-يىلى قىممىتى 100 مىليارد دوللار بولغان شېيىن شىركىتىنىڭ كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن كۈنىگە ئون مىڭ يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتىكەن. ب د ت نىڭ سىجىل موداچىلىق ھەققىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا «مودا سانائىتى يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ سۇ ئىستېمالچىسى ھەمدە ئىككى پىرسەنتتىن سەككىز پىرسەنتكىچە بولغان كاربون بۇلغىنىشىنىڭ جاۋابكارى» ئىكەن. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا كۈنىگە 10 مىڭ يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان شېيىننىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەسكەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى روشەن ئابباس خانىمنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ كىلىمات مەسىلىسىنى تۈزەش تىرىشچانلىقىغا ئاۋاز قوشمايۋاتقان بىر شارائىتتا، شېين شىركىتىنىڭ مۇھىتنى نەزەردە تۇتۇپ تىجارەت قىلىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەسكەن.
شېيىن دەرىجىدىن تاشقىرى مودا كىيىم-كېچەك شىركىتى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق ئەرزان باھالىق ۋە تېز كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىدىكەن. لىنكولىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مودا ساھەلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىسى ۋىكتورىيە بېللاندنى BBC رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە «ياخشى خىزمەت شارائىتىدا ياسالغان كىيىملەرنى بۇنداق ئەرزان باھادا سېتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ يىل 5-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جېننېفىر ۋېكستون (Jennifer Wexton) ، جون روس (John Rose) قاتارلىق 20 نەچچە كىشى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا «ئاكسىيە ۋە سودا كومىتېتى» (SEC) دىن «شېين گۇرۇھى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىسۇن» دېگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى بېسىمنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ شېين شىركىتى ئامېرىكادىكى لوبىچىلىق خىزمەتلىرىگە سالىدىغان سەرمايىسىنى كۆپەيتكەن. بۇندىن باشقا يەنە، شېين ۋە تېمۇغا ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا پوچتا پوسۇلكىلىرىدىكى 800 دوللاردىن تۆۋەن ماللارنى تەكشۈرمەسلىك قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ كىرىۋاتقانلىقىدەك يوچۇقلارنى ئېتىپ تاشلايدىغان قانۇنمۇ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.
بلۇمبېرگ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئارخىپىدىن شېين شېركىتىنىڭ بۇ يىل 1-ئاپرېلدىن 30-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىگە 600 مىڭ دوللار خەجلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇ ئۇنىڭ بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ۋاشىنگتوندىكى ئىككى داڭلىق لوبىچىلىق قۇرۇلۇشىغا تۆلىگەن 230 مىڭ دوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
«بلۇمبېرگ تورى» نىڭ دېيىشىچە، شېين شېركىتىنىڭ ئاپرېلدىن ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدىكى لوبىچىلىق چىقىمنىڭ ئېشىشى بۇ شىركەتنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەڭگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. چۈنكى شېين گۇرۇھى ئامېرىكادىكى IPO پاي بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن ھەم ۋاشىنگتوندىكى ھەم جامائەت ئالدىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ۋە مۇھىت مەسىلىسى سەۋەبلىك بۇزۇلغان ئوبرازىنى ئوڭشىشى كېرەككەن.
ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك (Sarah Cook) بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرلىرىگە ئۇچرىغان ۋە تەنقىدلىنىۋاتقان، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مۇشۇنىڭدەك لوبىچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھازىر ئومۇميۈزلۈك كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن بۇنىڭدىن ھەيران قالمىدىم. دېمەك شېين شىركىتىمۇ ھازىر خۇددى ئىلگىرى خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەر ئوينىغان ئويۇننى ئويناشقا باشلاپتۇ. قىسقىسى شېين بۇنداق تەنقىدلەردىن دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن پۇل خەجلەش يولىنى تاللىغان» .
ساراھ كۇك خانىم يەنە بۇنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «ئەسلىدە شىركەتلەر سەرمايىسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە ۋە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلىدىغان ئىشلارغا سالغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلار ئەسلى كۆزلەنگەن ئوبراز يېڭىلاش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان بولاتتى. بىراق ئۇنىڭ مەسىلىنى ئوڭشاش ئورنىغا دىققەت بۇراشقا مەبلەغ سېلىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق» دېدى.