خىتاينىڭ تۆۋەن باھا بىلەن تونۇلغان كىيىم-كېچەك شىركىتى شېين يېقىندا ئامېرىكالىق تور چولپانلىرىنى شېيننىڭ گۇاڭجۇدىكى بىر زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. مەزكۇر زىيارەتكە ئاۋجېن باتلىر (AuJené Butler) ، دەنى كاربونارى (Dani Carbonari) ، مارىنا ساۋېدرا (Marina Saavedra) ، دەستېن سۇدۇز (Destene Sudduth) غا ئوخشاش داڭلىق تور چولپانلىرى قاتناشقان.
تور چولپانلىرى زىيارەت جەريانىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقاتقان سىنلىرىدا، خىزمەتچىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ھەققىدە پاراڭلاشقانلىقىنى ۋە ھەممە ئىشنىڭ «نورمال» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇلار يەنە زاۋۇتلارنىڭ نەقەدەر پاكىز ۋە تېخنىكىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تۋىتتېردىكى سۇزان بەيلى (Susan Bailey) ئىسىملىك خانىم ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىللىق خىتايدىكى مودا كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىنى زىيارەت قىلغاندىكى تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، شېيىن زاۋۇتىغا زىيارەتكە بارغان تور چولپانلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ يالغانلىقنى يازغان. ئۇ ئاۋجېن، دەنى قاتارلىقلار تارقاتقان ۋىدىيودىكى ئىنچىكە نۇقتىلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق شېيىن شىركىتىنىڭ تىجارەت ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رادىيومىز ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق مەزكۇر زىيارەتكە قاتناشقان توچ چولپانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار ئۇچۇرلىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شېين تەكلىپ قىلغان تور چولپانلىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تور چولپانلىرىنىڭ خىتايغا ۋە قوشۇمچە سىنگاپورغا قىلغان ساياھەت چىقىمنىڭ ھەممىسىنى شېين شىركىتى ئۈستىگە ئالغان. ھەرقايسى ئاخبارات قاناللىرى ۋە ھەتتا زىيارەتكە قاتناشقان تور چولپانلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ، شېيىن بۇ خىل زور چىقىم بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساياھەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا، دەپ باھا بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تېز مودا شىركىتى بولغان شېين ئۆتكەن يىلى باش شتابىنى نەنجىڭدىن سىنگاپورغا يۆتكىگەن. لېكىن بارلىق زاۋۇتلىرى ۋە ئامبارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا تىجارىتىنىڭ كۆپىنچىسىنى يەنىلا خىتايدا داۋام قىلدۇرغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكادا شېيىنغا قارىتا سەزگۈرلۈك ئېشىشقا باشلىغاندا، شېيننىڭ بۇ خىل تەشۋىقات زىيارىتىنى ئېلىپ بېرىشى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشكە ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، شېيىن ئۆزىنڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شېيىن شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە، ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىپ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىدىن نۇرغۇن ‹دەشنەم› يېگەن. پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، شېيىننىڭ بىر قىسىم پاختىنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. شېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان، يەنى بۇ شىركەت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك. ئۇنىڭدىن باشقا شېيىن يەنە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بولغاش مەسىلىسىگىمۇ چېتىشلىق. ئۇنىڭ توننىلاپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەخلىتى تۇپراق ۋە ھاۋا بۇلغىنىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شېيىنغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەيىبلەشلەر مەۋجۇت. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەشۋىقات ساياھىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان.»
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زامانىۋى قۇللۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان «ئەركىنلىك بىرلەشمىسى» نامىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى شېيىن شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇدىكى شىركىتىگە زىيارەتكەن بارغان تور چولپانلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋىدىيوسىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پىروگرامما باشقۇرغۇچىسى مېرىيام كارمالى خانىم ۋە پائالىيەت مەسلىھەتچىسى كىرىستا بىسناۋۇت خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇلار خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «مودا ماركىلىرىنىڭ تور چولپانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى سېتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. شېيىنمۇ ئوخشاش ئۆزىنڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن تور چولپانلىرنى تەكلىپ قىلغان. ئەمما، شېيىن شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ‹بىلۇمبېرگ› خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 2022-يىلدىكى دوكلاتىدا بايقىلىشىچە، شېيىن كىيىم-كېچەكلىرىدىكى پاختىنىڭ ئەۋرىشكىسى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. شېيىننىڭ گۇاڭجۇدىكى زاۋۇتىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساياھىتىدە تور چولپانلىرىنىڭ ئۇ يەردىكى خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىسپاتىنى كۆرمىگەنلىكى، ئۇ يەردە مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىز تور چولپانلىرىنى ماركىلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىن بۇرۇن شىركەتنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى 22-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان «تېز مودا ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» سەرلەۋھىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مەخسۇس شېيىن قاتارلىق خىتاي ماركىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى» 14-ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شېئىن، تېمو قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مودا كىيىم سودا ئەپلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغانلىقىدەك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئاندېرس كور ئەپەندى شېيىن قاتارلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا بازىرىغا كېرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ھەققىدە توختالدى: «بىز شېيىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلار تۆۋەن تەننەرخ ئۆلچىمى سىياسىتىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ھەتتا باج تۆلىمەستىن ئامېرىكا بازىرىغا كېرىۋاتىدۇ. بىز ئالدى بىلەن بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، قوللىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تەدبىرلەر بار، ئەمما مېنىڭچە خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى بىراقلا ئۈزۈش كېرەك. بولۇپمۇ شېيىنغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە تايىنىدىغان شىركەتلەر بىلەن بولغان تىجارەتنى توختىتىش كېرەك. بىز تېخىمۇ كۆپرەك ئامېرىكانىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ شىركىتىگە پۇرسەت بېرىشىمىز كېرەك. فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئۆزىمىزنىڭ دوستلىرىنىڭ شىركەتلىرىنىڭ ماللىرىنى بازىرىمىزغا كىرگۈزسەك بولىدۇ. دۈشمىنىمىزنىڭكىنى ئەمەس. بۇ شۇنچىلىك ئاددىي مەسىلە ئەسلىدە.»
«ئەركىنلىك بىرلەشمىسى» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) غا ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىمپورتلارنى چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
شېيىن شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان. نەتىجىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، كىشىلەر تور چولپانلىرىنىڭ شېيىن ھەققىدە تارقاتقان تەشۋىقات خاراكتېرلىك سىنلىرىغا گۇمان بىلەن قارىغان.