«Shein» نىڭ جاۋابكارلىقتىن قېچىش تاكتىكىسى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مەغلۇپ بولدى
2025.01.10
خىتايدا ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەت مەھسۇلاتلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىپ، تېز ئارىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مودا بولۇشقا باشلىغان «شېيىن» (Shein) ماركىسى يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پاختا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، «شېيىن» ۋە «تېمۇ» (Temu) دىن ئىبارەت بۇ ئىككى مودا كىيىم شىركىتى تېزلا دۇنيادا بازار تېپىشقا باشلىغان.
خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىن BBC، «مۇھاپىزەتچى» (The Guardian) قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ ياۋروپادىكى باش ئىشتابنىڭ ئادۋوكاتى جۇ يىنەن-7يانۋار لوندوندا ئەنگلىيە پارلامېنتنىڭ تىجارەت ۋە تاشقى سودا كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا «شېيىن» شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بار-يوقلۇقى توغرىسىدىكى جىددىي سوئاللارغا دۇچ كەلگەن. ھالبۇكى ئۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئاشكارا رەت قىلغان.
جۇ يىنەن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە. . . سىياسىي-جۇغراپىيەلىك مۇنازىرىگە باھا بېرىشىمىز مۇۋاپىق ئەمەس. بىز ئۆزىمىز ئىشلەۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز، بىز ئەنگلىيە قانۇنىغىمۇ ئەمەل قىلىمىز».
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىۋاتقان «شېيىن» شىركىتى ئەسلىدە نيۇ-يورك پاي چېكى بازىرىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئامېرىكىدىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى تۈپەيلىدىن لوندون پاي چېكى بازىرىغا كىرىشكە مەجبۇر بولغانىدى. لوندوندىكى بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا «شېين» نىڭ 2025-يىلى بىرىنچى پەسىلدە لوندون ئاكسىيە بازىرىدا 50 مىليارد فوند-ستېرلىڭ (62 مىليارد دوللار) قىممىتىدىكى پاي چېكىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «شېيىن» گۇرۇھى 2012-يىلى خىتايدا قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ باش ئىشتابىنى سىنگاپوردا تەسىس قىلغان ھەمدە تېز سۈرئەتتە دۇنياۋى ماركىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولسا 150 تىن ئارتۇق دۆلەتكە توشۇلغان. 2024-يىلى ئۆكتەبىردە «شېيىن» گۇرۇھى ئەنگلىيەدىكى پايدىسىنىڭ بىر قاتلانغانلىقى، سېتىش سوممىسىنىڭ 40 پىرسەنتكە يېقىن ئېشىپ، بىر يېرىم مىليارد فوند-ستېرلىڭغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
«شېيىن» گۇرۇھىنىڭ ئادۋوكاتى جۇ يىنەننىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا پاختا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىشى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنى «خۇپسەنلىك قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كومىتېت رەئىسى لىئام بىرنې مەزكۇر كومىتېتنىڭ جۇ يىنەن تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ كەمچىللىكىدىن «چۆچۈپ كەتكەن» لىكىنى ئېيتقان. شۇنداقلا ئۇنىڭ باياناتىنى «پارلامېنت ئەزالىرىغا ‹شېيىن› نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىك» دېگەن.
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى چارلى ماينارد (Charlie Maynard) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «سىياسەتچىلەر جۇ يىنەندىن ‹شېيىننىڭ ماللىرى خىتاي پاختىسىنى ئىشلىتەمدۇ؟› دەپ شۇنچە ئاددىي بىر سوئالنى سورىغان بولسىمۇ، ئۇ بىزگە ئۇدۇل ياكى نەق جاۋابنى بەرمىدى؛ بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالدى، قۇرۇق گەپ قىلىپ، ھۆرمەتسىزلىك قىلدى؛ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، خۇپسەنلىك بىلەن گەپ يورغىلاتتى».
خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇ يىنەن ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەڭ ئېغىر بولغان رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان «شىنجاڭ پاختىسى» ھەققىدىكى بىر ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەنگەن ئىكەن. ئەمما ئۇ بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن رەتلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «شېيىن» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە «شېيىن» شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پاي چېكى بازىرىغا كىرىشكە ھەقلىق شىركەت ئىكەنلىكىنى، ئەنگلىيەنىڭ «زامانىۋى قۇللۇقنى چەكلەش نىزامنامىسى» گە خىلاپ ھېچقانداق قىلمىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ «شېيىن» شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان ھەر قانداق شىركەت بىلەن توختاملاشمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما مال تەمىنلىگۈچى 140 شىركەتتىن قايسىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان پاختىلارنى چەكلىگەنلىكىنى دەپ بېرەلمىگەن.
BBC قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا تەكىتلىنىشىچە، بۇ قارارنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ خەلقئارانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلىتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن لوندون شەھىرىنىڭ «شىركەتلەرنىڭ ناتوغرا ئىستىلىغا قارشى تۇرىدىغان پۇل-مۇئامىلە مەركىزى» دېگەن نامىغا داغ چۈشۈرىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «شېيىن» شىركىتىنىڭ ياۋروپادىكى باش مەسلىھەتچىسى جۇ يىنەن 7-يانۋاردىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا تەمىنلەش زەنجىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى قايتا-قايتا تەكرارلىغاندىن كېيىن شىركەتنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا كەلگۈسىدە يازما جاۋاب بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. كومىتېت رەئىسى لىئام بىرنې يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ كومىتېت لوندون ئاكسىيە بازىرىغا پايچىكى سالماقچى بولغان شىركەتنىڭ ئىسپاتلىرىنىڭ كەملىكىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلدى. ‹شېيىن› شىركىتى پارلامېنت ئەزالىرىغا مەھسۇلاتنىڭ قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ياكى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىشەنچ بېرەلمىدى».
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى خىتاينىڭ مودا كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى بولغان «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىش (IPO) نى تەستىقلاشنىڭ سوزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسىنىڭ «شېيىن» نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرى تۈپەيلى «شېيىن» غا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي خەتەرنى باھالاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە يەنە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇستەقىل نازارەت قىلىش ئورگىنى بولغان «زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» مۇ مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئەمگەككە دائىر پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەت ئىچىدە «شېيىن» شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
باش شتابى نيۇ-يوركقا جايلاشقان «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق» ( Human Rights in China) تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «شېيىن» گۇرۇھى ئىزچىل تۈردە «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلمەكتە. بۇ تالاش-تارتىشلار ئۇنىڭ نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىغا پاي چېكى سېلىش ئارزۇسىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولسا، ھازىر ئۇنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا كىرىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسۇق پەيدا قىلىدىكەن. تەكشۈرۈشلەر بولسا «شېيىن» شىركىتى نامىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ سېتىلىۋاتقان مودا كىيىم-كېچەكلەرنىڭ خەلقئارادا «شىنجاڭ پاختىسى» دەپ تونۇلىدىغان پاختىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، بۇ پاختىلارنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا تېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن.
بۇ ھەقتە ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» تەشكىلاتى «شېيىن» شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي كېۋەز تېرىشقا سېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇنداق شىركەتنىڭ پايلىرىنى ئاكسىيە بازىرىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا قانۇنىي يوللار ئارقىلىق قارشى چىقىشقا باشلىغان. لوندوندىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى رەھىمە مەخمۇت خانىم «شېيىن» شىركىتىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدىكى مەغلۇبىيىتىنى «شېيىن گۇرۇھىنى ئەنگلىيە ئاكسىيە بازىرىدىنمۇ يىراقلاشتۇرۇشتا چوڭ تەسىرى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.
«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر خادىمى جايا پاتاك (Jaya Pathak) بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا جۇ يىنەننىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغان جاۋابىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئەگەر ‹شېيىن› گۇرۇھى ئۆز مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش يولى بىلەن ھەقىقەتنى يوشۇرۇشنى ئويلىغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە سودا كومىتېتىدىكى پەسكەشلەرچە ئىپادىسى نەتىجىسىدە كومىتېت ئەزالىرى ‹شېيىن›نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان ئىشەنچىنى يوقاتتى. ‹شېيىن›نىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ‹شىنجاڭ پاختىسى› ئىشلەتكەنلىكى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان ئىش. ئەنگلىيە ئىستېمالچىلىرى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشكە ھەقلىق. ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى شۈبھىسىزكى بۇ مەسىلىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ».
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى لوندوندا بازارغا سېلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى ئەنگلىيەدىكى ھەر ساھەنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقاندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش ئورگىنىغا چاقىرىق قىلىپ، «شېيىن» پاي چېكىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىدا پەيدا بولۇشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.