ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت شېئىرلار كۈچلۈك تەسىرات قوزغىدى

0:00 / 0:00

27-يانۋار دۇنيا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تەسۋىرلەنگەن شېئىرلار كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن. بۇ شېئىرلار 1-ئاينىڭ 31-كۈنى لوندوندىكى «مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمى» نامىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئامان قالغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ۋە ئىرانلىق شائىرلارنىڭ يالقۇنلۇق ئەسلىمىسى» دەپ ئاتالغان پائالىيەتتە ئوقۇلغانىدى.

مەزكۇر پائالىيەت 1-ئاينىڭ 27-كۈنى دۇنيا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ساق قالغان شائىرە جەننىفەر لانگەر (Jennifer Lan’ger) خانىم بىلەن ئۇيغۇر شائىر ۋە پائالىيەتچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يازغۇچى ژۇرنالىست رۇتھ ئىنگرام (Ruth Ýngram) ۋە ئۇيغۇر شائىر ۋە پائالىيەتچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى، ئالدى بىلەن پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتنى لوندوندىكى›مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمى‹نامىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات ئورۇنلاشتۇردى. جەننىفېر لانگەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلار گېرمانىيەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ھايات قالغان بىر يەھۇدىي ئائىلىسىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ، لوندوندا بۇ تەشكىلاتنى قۇرغانىكەن. بۇ تەشكىلات پۈتۈن دۇنيادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ شائىرلىرىنىڭ كىتابلىرىنى نەشر قىلىش ۋە شۇ مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزۈشنى ئاساس مەقسەت قىلىدىكەن».

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە تەپسىلات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى دۇنيا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن كېچىكتۈرۈلۈپ بولسىمۇ تەشكىلاتنىڭ مەركىزىدە بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە 4 شائىر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنە ئىككىسى بولسا ئىرانلىق ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان پائالىيەتكە شائىرلار، پائالىيەتچىلەر ۋە مۇخبىرلار بولۇپ 60 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە ھاياجان ئىلىكىدە ئۆتتى».

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بۇ پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا 6 شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغانلىقىنى، يىغىن ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شېئىرلىرىمدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەش، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئادالەتسىزلىك بايان قىلىنغان. بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى نۇرغۇن سوئاللار سورالدى. بولۇپمۇ 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە قالغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى بايان قىلغان بولدۇم».

مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان يازغۇچى ژۇرنالىست رۇتھ ئىنگرام (Ruth Ýngram) خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىن مېنى بەك تەسىرلەندۈردى. ئەمەلىيەتتە بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەش كۈنى ئىدى. بىراق ئۇلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھازىرغىچە دۇنيادا يەنە نۇرغۇنلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغان. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

ماڭا ئەڭ كۆپ تەسىر قىلغان نەرسە، مۇھاجىرەتتە سەرگەردان بولۇپ ياشاشتۇر. بۇ، ناھايىتى قېيىن. مۇھاجىرەتتە يالغۇزلۇق بار، سېغىنىش بار، قايغۇ-ھەسرەت بار، ۋىجدان ئازابىمۇ بار. قاراشقا نورمال تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچى داۋاملىق دەرد-ئەلەمدە بولىدۇ. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ شېئىرلىرىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ قېيىن بولغان نەرسە ۋەتىنىگە قايتالماسلىق، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەسلىك. بۇ شېئىرلار ئاز بولسىمۇ شائىرنىڭ سېغىنىشىنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ كاللىسىدا مەن ھامان بىر كۈنى بۇ ئازابىدىن قۇتۇلامدىم؟ ياكى مەن يەنىلا ئازابلىنىپ ئۆلىمەنمۇ؟ دېگەن سوئال مەڭگۈ بار بولىدۇ».

1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى مەزكۇر پائالىيەتتە جەننىفەر لانگەر دېكلاماتسىيە قىلغان «ئاياللارنىڭ چېچى» ماۋزۇلۇق شېئىر كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنى ئەڭ كۆپ تەسىرلەندۈرگەن نەرسە، جەننىفەر لانگەر خانىم ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئاتاپ يازغان ‹ئاياللارنىڭ چېچى› ناملىق شېئىرىنى ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ شېئىردا لاگېرلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچلىرى كېسىلىپ، بازارلاردا سېتىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ شېئىرنى ئاڭلىغان كىشىلەر كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالدى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز؟ دەپ جىددىي سوئاللارنى سوراشتى. مەن بۇ خىل سەرخىل كىشىلەرگە قارىتا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرنىڭ تەسىرى بەكلا كۈچلۈك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

«مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمى» تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى «قارشىلىق كۆرسىتىش» ناملىق بىر شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلغانىدى. بۇ شېئىرلار توپلىمىغا ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بىلەن تۈركىيەدىكى شائىرە خەندان خانىمنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەنىدى.