ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ناملىق شېئىرىيەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
2025.02.11
9-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى ۋە «توققۇز تۇغ مەجلىسى» جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» تېمىسىدا شېئىرىيەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر شېئىرىيەت مۇسابىقىسىنىڭ باش تېمىسى «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئازاب ۋە زۇلۇم» بولۇپ، مۇسابىقىگە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن 45 تۈرك شائىرى ئۆزلىرى يازغان شېئىرلىرى بىلەن قاتناشتى مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ، شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. مۇسابىقىدە ئوقۇلغان شېئىرلار يىغىن ئەھلىنى قىزغىن ھاياجانغا سالدى. بەزى كىشىلەر ھاياجاندىن كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى. ئالقىش سادالار ياڭراپ تۇردى.
باھالاش ھەيئىتى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار، دوكتور مۇھىتدىنجان ئۇيغۇر، توققۇز تۇغ مەجلىسى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇنجاي گۈلچىن قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، 2 سائەت داۋاملاشقان شېئىرىيەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، باھالىغۇچىلار نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنى باھالاپ چىقىپ ئېلان قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى، بۇ شېئىرىيەت مۇسابىقىسىگە 45 نەپەر شائىرنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ھەممەيلەننىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق يېزىلغان ۋە ئوقۇلغان بولسىمۇ، بىراق پەقەت 3 كىشىگە مۇكاپات بېرىش شەرتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرىدا 3 شائىرنىڭ شېئىرنى تاللاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى:
«ھەقىقەتەنمۇ بۈگۈن ئوقۇلغان ھەر بىر شېئىر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ قەلبتىن يېزىلىپتۇ، ھەممىسى بىر بىرىدىن قىممەتلىك شېئىرلار بولۇپ، بىز ھەممىسىنى بىرىنچى دەرىجە دەپ ئېلان قىلىشنى ئىستەيتتۇق. بىراق بۇ مۇكاپاتنىڭ شەرتلىرىدىن بىرسى، پەقەت ئەڭ ياخشى يېزىلغان 3 شائىرنىڭ شېئىرىنى تاللاپ چىقىش بولغاچقا، يېزىلغان شېئىرنىڭ بەلگىلەنگەن تېمىغا ئۇيغۇن بولۇشى، جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىنىشى، بەدىئىي فورمىلار بىلەن يېزىلىشى قاتارلىق ئۆلچەملەر بويىچە باھالاپ چىقتۇق. شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بۇ يەردە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتلاشقا تېگىشلىك 45 شائىر ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى بار، ئەمما بىز مەجبۇرىيەت سەۋەبىدىن پەقەت ئۈچ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىمىز».
پىروفېسسور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار يەنە مۇنداق دېدى: «ياش شائىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق مۇشۇنداق ھاياجانلىق، گۈزەل شېئىرلارنى يېزىشى، بىز ئۈچۈن بەك قىممەتلىك. شۇڭا بىز بۇ شېئىرلارنى بىر شېئىرلار توپلىمى شەكىلدە نەشىر قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. 45 شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئۆز ئىسىملىرى بىلەن ئۇ كىتابتا ئورۇن ئالىدۇ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن شېئىر يازغان پۈتۈن شائىرلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن».
مۇراسىمدا ئۈچ كىشىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى ۋە نەخ مەيداندا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈرك تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەلىف ئاكسۆز 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، بىر دانە قول كومپيۇتېرى بىلەن مۇكاپاتلاندى.
ئىستانبۇل باشاق شەھەردىكى ئەمىن ساراچ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ناگىھان تۇنچ خانىم 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بىر دانە ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلاندى. ياش تۈرك شائىر مۇھەممەد سالىھ بۇلۇت، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، 1500 تۈرك لىراسى نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى بۇ شېئىرىيەت مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ شېئىرىيەت مۇسابىقىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇش ۋە بۇ يەردىكى قېرىنداشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلار بىلەن بولغان مۇھەببەت رىشتىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغان. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇش ۋە ئۇ يەردىكى قايغۇ-ئەلەم ۋە نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىتىش، بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پىروگراممىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇنىڭدىن مەمنۇنمىز».
ئىلھان تۇرانلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدىكى بۇ شېئىرىيەت مۇسابىقىسىگە ئەنقەرە، قاھرامان ماراش، ساكارىيە، قەيسەرى، ئاداپازار ۋە دۈزجە قاتارلىق ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق شائىر شېئىر يېزىپ يوللىغان. ئۇلارنى باھالاش ئارقىلىق 45 شائىرنىڭ شېئىرىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان. نەتىجىدە 3 كىشىگە مۇكاپات بېرىلگەن.
بىز 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شائىرە ئەلىف ئاكسۆز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەلىف ئاكسۆز مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شېئىرىمدا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم تەسۋىرلىنىدۇ. مەن شېئىرىمدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر تۈرمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئۇ تۈرمىدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارنى، مۇسۇلمانلارنى قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. مەن بۇ شېئىرنى يېزىشتىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردىم، ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى ۋە خىتاينىڭ قانچىلىك زالىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەسۋىرلەپ يازدىم، بۇ شېئىرنىڭ بۇنچىۋالا ئالقىشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى كۈتمىگەن ئىدىم. مېنىڭ بىرىنچى بولغانلىقىم مېنى بەك خۇشال قىلدى، بەك ھاياجانلاندۇردى».
ئەلىف ئاكسۆز ئۇيغۇرلارغا يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر ۋاقىت سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىمىز، ئەڭ بۈيۈك دەستەكچى ۋە ئەڭ يېقىن قېرىندىشىڭلار بىز بولىمىز، سىلەر ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىككە چىقىسىلەر، بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز، سىلەرمۇ ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىڭلار، بىز سىلەرنى قوللايمىز».
2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىستانبۇل باشاق شەھەردىكى ئەمىن ساراچ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ناگىھان تۇنچ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شېئىرىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۇ يەردىكى زۇلۇم ۋە بېسىملار، ئەمما ئۈمىدۋارلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى زۇلۇم ھېچ بىر زامان داۋام قىلمايدۇ، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ. دۇنيادىكى تۈركلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇ يەردىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرىدۇ دەپ قارايمىز ۋە ئۇنىڭغا ھەسسە قوشۇش بىزنىڭ نىشانىمىزدۇر».
ناگىھان تۇنچ خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانغا بىز ئىگە چىقماي يالغۇز تاشلاپ قويدۇق. خىتايمۇ بۇنى پۇرسەت بىلىپ زۇلۇمنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ۋاھالەنكى، تارىختا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بىر قانچە قېتىم خىتاينىڭ ھەددىنى بىلدۈرگەن ئىدى، بىلگى خاقان، خىتاينىڭ شىرىن سۆزلىرىگە ۋە يۇمشاق يىپەك رەختلىرىگە، ھەدىيەلىرىگە ئىشەنمەڭلار دەپ بىزنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەگەر دۆلەت ئەربابلىرىمىز بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا دىققەت بېرىپ، خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنى كېسىپ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرسە، ياخشى نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دەپ قارايمەن».
ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق يازغان: «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە ھاياجانلىق بىر پائالىيەت بولدى، شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدىكى شېئىرىيەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياش شائىرلار ئۆزلىرى يازغان شېئىرلىرىنى ئۆزلىرى ئوقۇدى. ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ياش شائىرلارنىڭ قىزغىنلىقى قەلبلەرنى ئىللىتتى. بۇ مەنزىرە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈنمۇ ھاياجانلىنارلىق ۋە ئۈمىدۋارلىق بېغىشلىدى. ياش شائىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى شېئىرلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن يېقىلغان مۇستەقىللىق مەشئىلىنى ھېچ كىمنىڭ ئۆچۈرەلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى».
مۇسابىقىگە يەنە نۇرئەلا ئىسىملىك ئۇيغۇر شائىرەمۇ قاتنىشىپ، «قارا ھىجران» ناملىق ئۇيغۇرچە شېئىر ئوقۇدى ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى:
ئۆچەرمۇ كۆز نۇرۇم بىۋاق، ۋەتەن ۋەسلىگە يەتمەستىن،
ئىلاھىم چاچقۇ قىپ نۇسرەت، غېرىپ باشىمغا سەپمەستىن.
ۋەتەن دەپ ئۆتتى ئۆمرۈمنىڭ باھارى-يازى تەشناقاپ،
زىمىستان قاتتى مۇز قەلبىم نادامەت داغى-ھەسرەتتىن.
زامانمۇ باقمىدى ئوڭ كۆز بىلەن ئونتۇلدۇق ۋە بەلكىم،
زاۋالغا تۇتتى يۈز بەختىم، ئىچىپ رەڭ تۈندە زۇلمەتتىن،
مەگەر تاڭ ئاتسا گۈلشەندە، كۆرەرمەن يۇرتنى دەپ كۈتسەم،
بىدارلىق سۇندى غەپلەتتە، ناماز خۇپتەنگە يەتمەستىن،
باھاردا سولدى گۈل، ياغمىش تۇمۇزدا قار بىلەن مۆلدۈر.
نىسىپ بولغايمۇ ئۇيغۇرغا بۇنىڭدىن ئۆزگە قىسمەتتىن.