ئىككى ئۇيغۇر شائىرنىڭ شېئىرلىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ نادىر شېئىرلىرى توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنىدىغان تۈرك دۇنياسى شائىرلىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمى BUTA6 غا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدنىڭ «قىش» ناملىق شېئىرى، تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىرە ئامىنە ۋايىتنىڭ «ھەسرەت» قاتارلىق شېئىرلىرى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى كىرگۈزۈلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركىزى ئەزەربەيجاندىكى «زىيالىيلار ئوجاغى ئىجتىمائىي بىرلىكى» نامدا چوڭ بىر جەمئىيەت بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ قارمىقىدا 2016-يىلىدىن باشلاپ تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى نامدا شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلماقتا ئىكەن، بۇ جەمئىيەت ھەر يىلى بىر سان ۋە ھەر ساندا تۈرك دۇنياسىغا تەۋە 20 ئەتراپىدا تۈركىي شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت شېئىرلىرى، تەرجىمىھالى رەسىملىرى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ جەمئىيەت تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى نامدىكى توپلامنى جەمئىي 12 سان چىقىرىشنى پىلانلىغانىكەن.

بۇ توپلامنىڭ 6-سانى يېقىندا نەشردىن چىققان بولۇپ بۇ سانغا ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، ئېزەر شائىرلىرىدىن سىرت يەنە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدنىڭ «قىش»، ئامىنە ۋايىتنىڭ «گۈزەل يۇرتۇم»، «ئۈمىد»، «ھەسرەت»، قاتارلىق بىر قانچە شېئىرلىرى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى كىرگۈزۈلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى، تۈرك دۇنياسى شائىرلىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمىغا ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇرلارنى تۈرك دۇنياسىدا تونۇشتۇرۇشتىكى ۋاسىتە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى، تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى توپلىمىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش، يۇرتقا بولغان مۇھەببەت، مۇھاجىرەت ھاياتتىكى ئىچكى تۇيغۇ ۋە ئازابلىنىشقا ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنىدىغان تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى توپلىمى BUTA6 غا كىرگۈزۈلگەن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدنىڭ «قىش» ناملىق شېئىرى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى. 2023-يىلى يانۋار.
ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنىدىغان تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى توپلىمى BUTA6 غا كىرگۈزۈلگەن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدنىڭ «قىش» ناملىق شېئىرى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى. 2023-يىلى يانۋار. (RFA/Arslan)

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ مەزكۇر توپلامدا ئېلان قىلىنغان «قىش» تېمىدىكى شېئىرى تۆۋەندىكىچە:

قارنىڭ يۇمشاق ئاپئاق قوللىرى،

توڭلاپ كەتتى قۇچاقلاپ مېنى،

بەلكىم ئۇلار تېتىپ باقمىغان،

مەندەك تېخى ۋەتەن دەردىنى.

دىردىيىپ تۇرىدۇ كوچىدا سوغۇق،

كىيىمسىز چىققان غېرىبنى كۈتۈپ،

ياشتەك ئېقىپ ئۆتتۈم كوچىدىن،

تىترەپ تۇرغان غازاڭنى كۆرۈپ.

تاش يۈرەك ئادەمنىڭ سىياقىي گويا،

كۈلرەڭ بۇرغا كىيىنگەن قۇياش،

بەلكىم ئۇمۇ كىيىندى شۇنداق،

كۈندىشى قىشقا بېرەلمەي بەرداش.

شائىر ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى، بۇ شېئىردا ئۆزىنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتتىكى بىر خىل ئازاب، غەمكىنلىك، تەنھالىق، يالغۇزلۇق قاتارلىق روھىي كەيپىياتلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، بۇ خىل كەيپىياتنىڭ چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەتكەنلىكنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنىدىغان تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى توپلىمى BUTA6 غا كىرگۈزۈلگەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرە ئامىنە ۋاھىتنىڭ «ھەسرەت» ناملىق شېئىرى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى. 2023-يىلى يانۋار.
ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنىدىغان تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى توپلىمى BUTA6 غا كىرگۈزۈلگەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرە ئامىنە ۋاھىتنىڭ «ھەسرەت» ناملىق شېئىرى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى. 2023-يىلى يانۋار. (RFA/Arslan)

ئۇ يەنە شېئىرىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «قىش ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولۇپ، زۇلۇمنىڭ، ئازابنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شېئىرغا قىش دەپ تېما قويۇلدى».

بىز يەنە تۈرك دۇنياسى شائىرلىرىنىڭ توپلىمىدا شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر شائىرە ئامىنە ۋايىت خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئامىنە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە مەزكۇر توپلامغا ئۇنىڭ، «گۈزەل يۇرتۇم»، «ئۈمىد»، «ھەسرەت»، «جىمجىت ئىستانبۇل»، «شېئىر ۋە يالغۇزلۇق»، دېگەن تېمىلاردىكى 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئامىنە خانىم 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ۋەتەن يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى تەسۋىرلەپ يازغان.

شائىرە ئامىنەنىڭ مەزكۇر توپلامغا بىراقلا 6 پارچە شېئىرىنىڭ تاللىنىپ كىرگۈزۈلۈشىمۇ كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋاللاردىن بولۇپ، ئۇ، تاللاش تەلىپى ۋە ئۆلچىمى يۇقىرى بولغان مۇنداق توپلامغا شېئىرلىرى ئەڭ كۆپ كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر شائىرەسىدۇر. ئامىنە خانىم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپ شېئىر يېزىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاقسۇدا نەشر قىلىنىدىغان «مۆلجەرتاغ» قاتارلىق بىر قانچە گېزىت-ژۇرناللاردا شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغانىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ شېئىر ئوقۇش ۋە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ بىر قىسىم شېئىرلىرى تۈركىيەنىڭ «قار دەلەن» قاتارلىق ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ يەنە بىر قانچە پارچە ئۇيغۇر شېئىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان.

ئامىنە خانىم ئۆزىنىڭ توپلامغا كىرگەن «گۈزەل يۇرتۇم» ناملىق شېئىرىنىڭ بەزى مىسرالىرىنى مۇنداق ئوقۇدى:

ئامىنە خانىم ئۇيغۇر شېئىر ۋە ئەدەبىياتىغا ئىگە چىقىش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ھازىر ئېغىر بىر خىرىسقا يولۇقۇپ، يوق بولۇپ كېتىشتەك پاجىئەنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ۋەتەندە نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىز شائىرلىرىمىز، لاگىرلاردا، تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى يازغۇچى شائىرلىرىمىزدىن كۈتىدىغىنىم، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا شېئىر يازغاندىن سىرت يەنە ئانا تىلىدا يېزىلغان ئېسىل ئەسەرلىرىمىزنى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش، بۇ ئارقىلىق يوق بولۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا ئىگە چىقىش ۋە خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن».