بۇلتۇرقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كورلا 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئىقتىدارلىق مائارىپچى شەرەپ ھېيتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. شەرەپ ھېيتنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل سۈرۈشتە قىلىش نەتىجىىسىدە ئۇستازى شەرەپ ھېيتنىڭ 18 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلكىدىن خەۋەر تاپقان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.
بۇ يىل 50 ياشلار چامىسىدا بولغان كورلا 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى شەرەپ ھېينىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىرلىرىدىن ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ تۇتقۇندىكى ئۇستازى شەرەپ ھېيت ھەققىدە ئۇزۇن مەزگىل سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن يېقىندا خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن، خىتايچىدىن باشقا ئىنگىلىزچىنىمۇ بىلىدىغان شەرەپ ھېيت ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسى، دۇرۇس ئەخلاقى، مەسئۇلىيەتچان خىزمەت پوزىتىسيەسى بىلەن كورلادا تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن. ھۈسەنجاننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەركىلىرىگە ئوخشاشلا خىتاينىڭ كۆزىگە پاتقان ۋە 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئەڭ دەسلەپتە بېشىغا قارا خالات كىيدۈرۈلگەن. ھۈسەنجان ئۇنىڭ 18 يىل كېسىۋېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئىلگىرى كورلادا خىزمەت قىلغان ۋە كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن بىر خىتايدىن تونۇشىدىن ئۇققان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كورلادىكى ئالاقىدار ئىدارە جەمئىيەتلەرگە تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بەزىلىرى شەرەپ ھېيتنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزىلىرى ئۇنىڭ تەقدىردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرەپ ھېينىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى نۆۋەتتە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇمۇ شەرەپ ھېيتنىڭ ئىقتىدارلىق بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تەسىرى مەكتەپ دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى پۈتكۈل كارلاغا ۋە ئۇيغۇر رايوننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغانلىقىنى تىلغان ئالدى. شەرەپ ھېيتنىڭ ھۈسەنجان ئىسىمىلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، شەرەپ ھېيت خىزمەتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كورلا 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولغان، يەنە بىر مەزگىل كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىمۇ باشلىق بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئەمما مىجەزىدىكى دۇرۇستلۇق سەۋەبىدىن خىتاينىڭ مائارىپ ئىدارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىيەلمىگەن.
ئۆتكەن يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، شەرەپ ھېيتنىڭ كىملىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى. ھۈسەنجاننىڭ دېيىشىچە، شەرەپ ھېيت مۇدىر مەزگىللىرىدە قولىدىكى ئىمكانىيىتىىدىن پايدىلىنىپ، بىر قاتار مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ پائالىيەتلەر داۋامىدا ئۇيغۇر تارىخىي ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەر ئۇيۇشتۇرغان. كورلادا ئېچىلغان بىر نەچچە قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا نۆۋەتتە تۇتقۇندىكى مەشھۇر ئوبزورچى يالقۇن روزى بىلەن شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننى تەكلىپ قىلغان. ھۈسەنجاننىڭ ئىچكىرىدىكى خىيتاي خىزمەتدىشىدىن ئىگىلىشىچە، شەرەپ ھېيتنىڭ يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن بولغان دوستلۇقى، بولۇپمۇ ئۇلارنى بىر نەچچە قېتىملىق لېكسىيەگە تەكلىپ قېىلىشى، ئۇنىڭ 18 يىللىق كېسىلىسشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولغان ئىكەن.
ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا شەھەر بازارلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى شەرەپ ھېيتنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىشى جەريانىدىن ۋە دېلونى كىملەرنىڭ ئىشلىگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئارقىىدىن شەرەپ ھېيتنىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇنىڭ قايسىي تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە ئايال-بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.