ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزىغا «سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن» كورلادىكى مەكتەپ مۇدىرى شەرەپ ھېيت تۇتقۇندا
2019.09.24
مۇخبىرىمىزنىڭ كورلاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋە 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى شەرەپ ھېيتنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. ئىلگىرى رادىئومىزغا ئىنكاس يوللىغان شەرەپ ھېيتنىڭ چەتئەلدىكى ئىككى ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا كورلادا ئېچىلغان 3 دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىدا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىغا كويزا سېلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە تۇتۇلۇشىغا ۋەزىپىدىكى مەزگىلىدە ئاتاقلىق زىيالىيلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزىنى كورلادا لېكسىيە سۆزلەشكە دەۋەت قىلغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇدىر شەرەپ ھېيتنىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ئۆتكەن ئايدا رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، مەزكۇر ئۇستازىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىك خەۋىرىنى ئالغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بايان قىلغان ئىدى. كورلا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نۆۋەتچى خادىملىرىدىن بىرى مۇدىر شەرەپ ھېيتنى تونۇمايدىغانلىقىنى بايان قىلسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئىش ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ شەرەپ ھېيتنىڭ قاچاندىن بېرى ئىشقا كەلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى.
شەرەپ ھېيتنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئوقۇغۇچىسى رۇستەم تۇرسۇن ئۆزى ئالاقە قاناللىرىدىن ئىگىلىگەنلىرىگە ئاساسەن بۇنىڭدىن ئاز دېگەندە 6 ئاي ئاۋۋال كورلادا ئېچىلغان بىر چوڭ يىغىندا شەرەپ ھېيتنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. كورلا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىمۇ سابىق مۇئاۋىن مۇدىر شەرەپ ھېيتنى تونۇماسقا سېلىۋالغاندىن كېيىن، بىز بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئاخبارات ئىدارىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق. بۇ ئىدارە خادىمى شەرەپ ھېيتنىڭ تۇتۇلۇش دېلوسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ مەلۇمات بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما شەرەپ ھېيتنىڭ كىملىكى ۋە تۇتۇلغانلىق ئۇچۇرىنى ئىنكار قىلمىدى.
شەرەپ ھېيتنىڭ ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى ئەمرۇللا داۋۇت ئۇستازى شەرەپ ھېيتنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شەرەپ ھېيتنىڭ كۈچلۈك مىللىي غۇرۇرى ۋە دۇرۇس ئەخلاقى ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. رۇستەم تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، شەرەپ ھېيت مائارىپ ئىدارىسىدە ئەمەل تۇتقان مەزگىلىدە ئاتاقلىق زىيالىيلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزىنى كورلاغا بىرقانچە قېتىم لېكسىيەگە تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن «مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان. كورلادىكى ساقچى خادىملىرىدىن بىرى شەرەپ ھېيتنىڭ نۆۋەتتە كورلا ئېچىۋېتىش رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. شەرەپ ھېيتنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا بىر يىل بوپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ خادىم ئۇنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزىنى كورلادا لېكسىيەگە تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىق ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.