شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى ئامېرىكانى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە كۈنىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىغا يىغىلىپ، ئامېرىكانى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، تەشكىلات رەھبىرى سالىھ خۇدايار مۇنداق دېگەن: «بىز، خەلقىمىز ئۈچۈن ئادالەت ئىزدەپ ھەمدە خىتاينىڭ نەچچە ئون يىللىق مۇستەملىكىسى ۋە ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىنچ يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىققان باتۇر قىز-يىگىتلىرىمىزنى ئەسلەيمىز ۋە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. گەرچە غۇلجا ئىنقىلابى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مىللىتىمىزنى ئويغىتىش ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىرىشىش ئىرادىسىنى دۇنياغا نامايان قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.»
ئۇ يەنە باياناتىدا جو بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان «21-ئەسىردىكى قىرغىنچىلىق» نى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز، پرېزىدېنت جو بايدىن رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئانتونىي بىللىنكېننىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى چوڭ قىرغىنچىلىققا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تېزدىن ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
نامايىشقا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر قاتناشقان.
خىتاي دائىرىلىرى 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ياشلىرى تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرغان ۋە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. نامايىشتا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھازىرچە بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە.