بۇ يىل، يەنى 2023-يىلى، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە يىلىدۇر. تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر خىل ئۇسۇل شەكىللەردە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلدۇرۇش ئىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەسئۇل بولغان.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» (1933-1934) ناملىق بۇ كىتاب، بۇ يىللىق جۇمھۇرىيەت بايرىمىغا توغرىلاپ نەشىر قىلىنغان. مەزكۇر كىتابتا 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە يېزىلغان تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە چوڭ تىپتىكى ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. مەزكۇر كىتاب 570 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابقا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان 12 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
مەزكۇر كىتاب ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇنى نەشىر قىلىشىمىزدىكى مەقسەت، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا بىزنىڭ ئۆتكەن تارىخلىرىمىزنى يورۇتۇپ بېرىش، يەنى بۇنىڭدىن 90 يىل بۇرۇن بىر جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىمىز؛ ئەينى زاماندا دۇنيادا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەتلەر ئىنتايىن ئاز بولغان بىر مەزگىلدە مۇشۇنداق بىر دۆلەتنى قۇرغانلىقىمىزنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئاڭ-چۈشەنچىگە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى خەلقىمىزگە چۈشەندۈرۈش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.»
بۇ كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مەزكۇر كىتابقا ئەينى زاماندا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا بىۋاسىتە قاتناشقان ياكى مەزكۇر ئىنقىلابقا شاھىت بولغان ئۇلۇغ زاتلارنىڭ ۋە پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىلىرى؛ ئاتاقلىق ئۆزبېك تارىخچى بايمىرزا ھايتىنىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان: تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى مىللىي كۆرۈشى› ناملىق ماقالىسى؛ ئۇنىڭدىن باشقا ‹ئۆلكە تارىخى›، ‹تۈركىستان تارىخى› ۋە ‹تۈركىستان پاجىئەسى› قاتارلىق كىتابلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسلىمىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى ھەققىدە، ئايرىم-ئايرىم مۇئەللىپلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسلىمىلەر بولغاچقا، ئۇلاردا بەزى تەكرارلىقلار كۆرۈلگەن، ئەمما بىز بۇ تارىخىي ئەسلىمىلەرنى قىسقارتماستىن ۋە ئۆزگەرتمەستىن ئەسلىگە سادىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئەينەن ئېلان قىلدۇق.»
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 2024-يىلى 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 80 يىللىقى بولىدىغانلىقىنى؛ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس كىتاب نەشر قىلدۇرىدىغانلىقى ۋە ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ خىل تارىخىي كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇشقا زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» (1933-1934) ناملىق كىتاب بۇ يىل ئەتىيازدا ئىستانبۇلدا يورۇق كۆرگەن ئىدى. مەزكۇر كىتاب خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خوتەن ئىنقىلابى ھەققىدە يېزىلغان ئەسلىمىلەر، مەنبەلەر ۋە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر كىتاب 382 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابقا خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى توغرىسىدا يېزىلغان 11 پارچە ئەسلىمە ۋە ماقالە كىرگۈزۈلگەن.