20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابى ۋە تارىخچىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تارىخ تەتقىقاتچىسى دوكتۇرانت ئابدۇللا ئوغۇز تەرىپىدىن تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، «ئۆتۈكەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.
520 بەتلىك بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىگە كىتاب توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «شەرقىي تۈركىستان تارىخى ناملىق بۇ ئەسەر شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تەرىپىدىن 1940-يىللاردا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەردە قىسقىچە ئومۇمىي دۇنيا تارىخى، تۈرك تارىخىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىپتىدائىي تارىخىدىن تاكى 1940-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخى يېزىلغان. شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ بىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى مىللىي نۇقتىئىنەزەردىن ياكى ئوبيېكتىپ ئۆلچەمگە ئاساسەن يېزىلغان مەنبەدىن بىلىش، ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغانىدى. مەرھۇم، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كابۇلدا ئۇيغۇرلار تارىخىنى خىتايلارنىڭ ئىدىيەۋى قارشى بىلەن يېزىلغان مەنبەلەردىن ۋە باشقا مەنبەلەردىن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋە ئۇزۇن زاماندىن بۇيان بوشلۇق ھېس قىلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى مىللىي كۆز قاراش بىلەن يېزىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ‹شەرقىي تۈركىستان تارىخى› ناملىق بۇ ئەسەرنى كابۇلدا يېزىشقا باشلىغان».

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر شەرقىي تۈركىستانلىق تەرىپىدىن تۈرك چاغاتاي ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان بۇ ئەسەر، ھازىرغىچە ئۆز ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ يېزىلغان ئەڭ چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، 1940-يىلى نەشر قىلىنىپ كەڭ خەلق ئاممسىىغا سۇنۇلغاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھەر ساھە شەخسلىرىنىڭ ۋە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلارنىمۇ قىزغىن ھاياجانغا سالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئويدۇرما ۋە سەپسەتە تارىخلىرىنى ئىنكار قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ».
كىرىش سۆزدە يېزىلىشىچە، خىتايلار بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن باشلاپ ئۇ كىتابنى چەكلەپ، كىتابنى ساقلىغان، ئوقۇغان، كۆپەيتىپ تارقاتقان ئۇ كىتاب توغرىسىدا ئىجابىي پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. كىرىش سۆزدە يەنە: «شەرقىي تۈركىستان تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئونۇتمايدىغان ھەر قانداق بىر تۈركنىڭ ئوقۇشقا تېگىشلىك بىر تارىخ ۋە كۈرەش ئابىدىسىدۇر».
بىز بۇ كىتابنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتۇرانت ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، بۇ كىتابنى ئىلمىىي ساھەدە مەنبە قىلىپ پايدىلىنىش ۋە تۈرك خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئوقۇشىنى مەقسەت قىلىپ، تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى بۇ ئەسەرنى، چوڭ دادىسى ياقۇپ بۇغرانىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئو، بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن شەرقىي تۈركىستان تارىخى نامدىكى بۇ كىتاب، بىر شەرقىي تۈركىستانلىق تەرىپىدىن مىللىي كۆز قاراش بىلەن يېزىلغان تارىخ كىتاب. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىپ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ۋەتىنى دەپ يالغان تەشۋىقات قىلىشتۇر، ‹شەرقىي تۈركىستان تارىخى› نامدىكى بۇ ئەسەر خىتاينىڭ مۇشۇ يالغان تەشۋىقاتىنىڭ ئالدىدا تۇرغان چوڭ بىر سېپىل بولۇشى جەھەتتىن ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلاردىن بىرى دەپ قارايمەن. بۇ كىتاب ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىدىيە قارىشى ئۈچۈن بىر ئىلھام مەنبەسى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىتايلار مەزكۇر ‹شەرقىي تۈركىستان تارىخى›نى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىشغالىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ۋە دىنى ھەرىكەتلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك مەنبەسى دەپ قاراپ كەلگەن ھەم بۇ كىتابنى چەكلىگەن، شۇ جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، بۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە قىممەتلىك بىر كىتاب».
بۇ كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئابدۇللا ئوغۇز، 1973-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان، 1980-يىلىدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ئوقۇپ ياشاپ كەلگەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ يەنە بىر ئوقۇشنى داۋام قىلغان. ئۇ ھازىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە دىسسېرتاتسىيە يازماقتىكەن.
شەرقىي تۈركىستان تارىخى دېگەن ئەسەرنىڭ تۈرك تىلىدا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ بىر شەرقىي تۈركىستانلىق تەرىپىدىن يېزىلىشى ۋە ئۇنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىزدىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىۋېرىسىتېتلاردا ۋە ئاكادېمىيەلىك ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىنى ئۆگىنىشىگە ۋە تەتقىقاتلىرىدا مەنبە قىلىپ پايدىلىنىشىدا ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.