ئىستانبۇلدا ئېچىلغان يىغىندا، تارىختا مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەندى
2024.10.01
28-سېنتەبىر شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋەخپە مەركىزىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت مىراسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا ئېچىلغان يىغىندا، تارىختا مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
يىغىندا ئەنگلىيەدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن شائىر ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور زېبىنىسا كامالوۋا خانىم قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈركلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى توغرىسىدا توختالدى.
ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ قارالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۈچلۈك ۋە رەڭگارەڭ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىن يوق بولۇش خەۋپىگە يۈزلىنىۋاتىدۇ، تارىختا قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قوللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىل-يېزىقلىرىمۇ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچراپ مۇشۇ 21-ئەسىردە يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە يۈزلىنىۋاتىدۇ».
ئۇ سۆزىدە تۈرك مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر ئالىملىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يازغان مەھمۇد قەشقىرى، «قۇتادغۇ بىلىك» نى يازغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىغا زور تۆھپە قوشقان ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىق ئالىملار ۋە شائىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق رېكتورى پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇمكى، دۇنيادا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ھەر خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولدى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىر خەلقنى، بىر مىللەتنى ئۆزىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي مەنبەسىدىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كېلەلمەيدىغان ھالەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان خىتاي ئاتالمىش سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شوۋىنستلىق ۋە فاشىستلىق ئىدىيە بىلەن ئىنتايىن قەبىھ شەكىلدە شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ھالدا جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. بۇنى ئىلگىرى تەدرىجىي ئېلىپ بارغان بولسا 2016 ۋە 2017-يىلىدىن باشلاپ جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ چوڭ تۇتقۇن قىلىش بىلەن مىليونلىغان ئىنسانلارنى لاگېرلارغا قاماپ زېھنى جەھەتتىن، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر بىر ئىسكەنجە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. شۇ بىر ھەقىقەتكى، خىتاي بىزلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ھالدا ھەم جىسمانىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ يۈرگۈزۈۋاتىدۇ».
پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى ھەرگىز باشقىلارغا تاشلاپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا كۆرمەيۋاتىدۇ، ئاڭلىمايۋاتىدۇ، بىلمەيۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىتى، يىپەك رەختلىرى، كۈمۈشلىرى، شېرىن سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى ئالداپ كۆپىنچە دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش ۋە ياكى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھازىر يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتىمىز. ئەمما بىز پۈتۈن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭەلەيدىغان، قاراڭغۇ-زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقالايدىغان خەلق. تارىختا تۈركلەر نەچچە قېتىم يىقىلىپ قايتىدىن تىرىلىپ دۆلەت قۇرغان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋە يۇرت-زېمىنىنى ھېچ قاچان باشقىلارغا تاشلاپ قويمىغان خەلقتۇر، بىزمۇ ۋەتىنىمىزنى باشقىلارغا تاشلاپ بەرمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ ۋەتەننى باشقىلارغا تاشلاپ بەرمەيدىغان ئىدىيەنى شەكىللەندۈرىدىغان كۈچلۈك قورالىمىز بولسا يازغۇچى ۋە شائىرلارنى چېتىشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىمىزدۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەڭ ئېغىر زۇلمەتلىك كۈنلەردىمۇ شېئىرلىرى، غەزەللىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن خەلقنىڭ روھىنى تىرىك تۇتۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ كەلمەكتە».
يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور زېبىنىسا كامالوۋا خانىم سۆزىنى ئۆزبېك شائىرى چولپاننىڭ «گۈزەل تۈركىستان ساڭا نېمە بولدى» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن باشلىدى ۋە بۇ شېئىر خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان قايغۇ-ئەلەملەرنى تەسۋىرلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن خەۋپ بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىر كۈندىلا پارچىلىنىپ ۋەيران بولدى، شەرقىي تۈركىستان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى بولغان زېمىندۇر، ئۇ ۋەتەن بىر كۈنى ئەلۋەتتە ئازادلىققا ئېرىشىدۇ، ھامان بىر كۈنى قەشقەردە، غۇلجىدا، ئاقسۇدا، تۇرپاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىغىلىشلارنى ئەركىن ھالدا كۆزلىرىمىز شادلىق، چېھرىمىزدىكى خۇشاللىق بىلەن گۈزەل گۈل-چېچەكلەر تولغان باغچىلاردا يىغىلىپ ئۆتكۈزۈشكە ئاللا نېسىپ قىلىدۇ، بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز، ئۈمىدىمىزنى يوقاتمايمىز».
يىغىندا يەنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «چىمەن قۇش» نامىدىكى تۈركچە شېئىرلار توپلىمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇ شېئىرلارنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان شائىرە ئامىنە ۋايىت خانىم مۇھىم دەپ قارالغان شېئىردىن بىر قانچىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
بىز بۇ شېئىرلار توپلىمى توغرىسىدا ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بىز يەنە بۇ يىغىنغا قاتناشقان «چىمەن قۇش» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئۇيغۇرچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر شائىرە ئامىنە ۋايىت خانىم بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئامىنە ۋايىت خانىم بۇ شېئىرلار توپلىمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەتتىكى شائىرلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەندىن ئايرىلىپ سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يازغان شېئىرلىرىدىكى ئىچكى ھېسسىياتلىرىدا چوڭقۇر ئازابلىق تۇيغۇلار بولىدۇ. شېئىرلاردا ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى قىيىنچىلىق ھايات، يالغۇزلۇق، غېرىبسىنىش دېگەندەك مۇرەككەپ ھېسسىياتلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن، شۇڭلاشقا ۋەتەن سىرتىدىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى بىر خىل دەردلىك، ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈش، ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك، قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ شېئىرلارنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسەت، بىزنىڭ ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ قەلبىنى، ھېس تۇيغۇلىرىنى شېئىرى تىلى ئارقىلىق تۈركلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت».
يىغىن قاتناشچىلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتى.