كاناۋازا خانىم: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق»
2024.04.12

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا، شۇ جۈملىدىن ياپونىيە تاراتقۇلىرى بىلەن ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدا «قىزىق نۇقتا» بولۇشتىن تۆۋەنلەشكە باشلىغان. مانا مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى چوڭ ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى كېڭەيمەكتە. بۇ پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپ قوللىغۇچى كاناۋازا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت قىلىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، ھەر قايسى پائالىيەتلەر جەريانىدا يېقىندىن ھەمكارلاشقان كاناۋازا خانىم مۇنداق دېدى: «دۇنيادا ئەڭ ۋەھشىي جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن پائالىيەت باشلىغان ئىدۇق. يەرلىك پارلامېنتلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تەلەپ سۇنۇش قاتارلىق ئىشلارنى داۋام قىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلاردىكى چىقىشقاق ھەم يۇمۇرىستىك مىجەز-خاراكتېر، ئەقىل-پاراسەت بىزگە روھى ئوزۇق ئاتا قىلدى. پائالىيەت قىلىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. »
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6-ئاپرېل كۈنى ياپونىيە سايتاما ئۆلكىسىنىڭ سايتاما شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىش پائالىيىتى بىلەن چوڭ بېكەت ئالدىدا تەشۋىقات پائالىيىتى، 4-ئاپرېل كۈنىدىن 16-ئاپرېل كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان ئىباراكى ئۆلكىسىنىڭ مىتو شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان. 7-ئاپرېل كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىنغا بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ھازىر ۋەزىپىدىكى ياپونىيە سانائەت ۋە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تەبرىك خېتى ئەۋەتكەن. 8 نەپەر يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى سۆز قىلغان. بۇ، 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى قېتىملىق چوڭ پائالىيەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى پۈتۈن ياپونىيە خەلقىگە ۋە سىياسەتچىلەرگە ئاڭلىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەمئىيىتى، سايتاما قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى قاتارلىق 3 تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان. شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئىككىلا دۆلەت مۇستەبىت تۈزۈم بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەن، شۇڭا بۇ خىل ئورتاق ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلارنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدىكەن. ساۋۇت مەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ياپونىيەدە شىمالىي كورېيەلىكلەر بۇلاپ كەتكەن ياپونىيەلىكلەر مەسىلىسى مەۋجۇت. بۇ مەسىلە ياپونىيەدە ناھايىتى كەڭ دائىرىدە تونۇلۇپ كەتكەن بىر مەسىلە. مەيلى ئاۋام پۇقرالار بولسۇن ياكى سىياسىيونلار بولسۇن، مۇشۇ ھەقتە پائالىيەت قىلىۋاتقانلارنى قوللايدىغانلار ناھايىتى كۆپ. بىزنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ مۇشۇلارنى قوللاۋاتقان ياپونلۇقلار كۆپ. بىز مۇشۇ ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ۋە بۇلاپ كېتىلگەن ياپونلۇقلار مەسىلىسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلاپ، مۇشۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. بۇلاپ كېتىلگەن ياپونىيەلىكلەر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرگە بۇ مەسىلىنى ئاڭلاتساق ياخشى چۈشىنىدىكەن. چۈنكى شىمالىي كورېيە بىلەن خىتاي ئىككىسىلا مۇستەبىت دۆلەت. بۇ ئىككى دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.»
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا 3 نەپەر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان سەرگۈزەشتلىرىنى مىسال ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. ساۋۇت مەمەت ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.
4-ئاينىڭ 6-كۈنى سايتاما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىش پائالىيىتىگە بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەبرىك خېتى يوللىغان بولۇپ، بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سۆز قىلغان. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى 6-ئاپرېلدىكى پائالىيەتنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەخمەت لىتىپ ئەپەندى، 7-ئاپرېلدا ئىباراكا ئۆلكىسىنىڭ مىتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئەڭ كۆپ پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان يىغىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەخمەت لىتىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ياپونىيەدىكى داڭلىق كىنو شىركىتى بولغان «توئېي شىركىتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بايان قىلىنغان فىلىم كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر يىغىنغا بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى خۇنما ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ياپونىيەدىكى فىلىم فېستىۋاللىرىدا 2 چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.