بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى:«شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ئۇيغۇرلارنىڭدۇر»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.10.23
Partiye-reisi-Mustafa-Destichi-1024 بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 22-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلتاي ۋە يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەر دائىملىق كۈن تەرتىپتىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ زال ئىچى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 22-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ زال ئىچى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 22-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى22-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ،ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندە، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چوقۇم مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 4 يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 12-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن مىڭلىغان ۋەكىل قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى، باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ئەلى ئەكبەر نۇرلۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم بۇغرا ۋە قەيسەرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى 1993-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيە بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى. 10 مىڭ كىشىلىك قۇرۇلتاي زالىنىڭ تېمىغا باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بايرىقى قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمۇ ئېسىلغان بولۇپ، بايراقنىڭ يېنىغا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى پارتىيەمىزنىڭمۇ دەۋاسىدۇر» دېگەن شوئار ئېسىلغان. گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئىچىدە باشلانغان مۇراسىمدا ئالدى بىلەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ئۇيغۇرلارنىڭدۇر. شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرماقتا. خىتايدىن بۇنىڭ ھېسابى سورىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان چوقۇم مۇستەقىل بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىر ئەسىردىن بۇيان مۇستەقىللىق كۆرۈشى ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار، بۈگۈنكى كۈندە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىماقتا. بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۆرۈشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى، ھەر دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمەن».

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان   ۋەكىللەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ئەلى ئەكبەر نۇرلۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم بۇغرا ، 2023-يىلى 22-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ئەلى ئەكبەر نۇرلۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم بۇغرا ، 2023-يىلى 22-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ12- نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلتاي ئەھلىگە تۈركىيەدىكى داڭلىق سەنئەتچىلەر كونسېرت بەردى. بىر قانچە مىڭ كىشى قاتناشقان يىغىندا ئۇيغۇرلار قوللىرىدا كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تەكىتلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئالاھىدە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشتىم. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيەدۇر. مەزكۇر پارتىيەنىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ھايات ۋاقتىدا رەئىسىمىز دولقۇن ئەيسا بىلەن كۆرۈشكەن. بارىن ۋەقەسى، غۇلجا ۋەقەلىرىنى كۆپ قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى نۆۋەتتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىتتىپاقدىشى. شۇڭا بۈگۈنكى قۇرۇلتايدا مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى ئەھمىيەتلىك دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى قۇرۇلتاي بىر قانچە تېلېۋىزىيە تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويدى دەپ ئويلايمەن».

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ زال ئىچى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 22-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ زال ئىچى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 22-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن -1993يىلى 1ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ2009-يىلى ئايروپىلان قازاسىدا ۋاپات بولغانىدى. قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇرۇلتايدا مۇستافا دەستىچى ئەپەندى قايتا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە ئۆز پارتىيەسىدە كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل ھالدا قاتنىشىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.