ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىنى كۆزىتىش ۋە چىراي پەرقلەندۈرۈش كامىرالىرى بىلەن تولدۇرۇپ كۈچلۈك نازارەت تەھدىتى بەرپا قىلغان، «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغان، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قەدەر خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنى يەرلەشتۈرۈپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى خالىغانچە ئوغرىلاۋاتقان، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى شەخسىي ئۇچۇرلىرى سەۋەبلىك جازا لاگېرلىرىغا قاماپ ئېغىر ئازابلارغا مۇپتىلا قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى» تۈزۈشى، گويا «بۆرىنىڭ قوينى قوغداش ئۈچۈن قانۇن چىقارغىنىغا ئوخشاش كۈلكىلىك ھەم بىمەنە ئىش» ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھاكىمىيىتى 1-نويابىردىن باشلاپ «شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى» نى رەسمىي يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ قانۇن بۇ يىل 8-ئايدا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. مەزكۇر قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا كۆرە، ئىرقى، مىللىتى، دىنىي ئېتىقادى، شەخسىي فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى، تەن سالامەتلىك ئەھۋالى، پۇل مۇئامىلە ھېساباتى، ھەرىكەت ئىزى قاتارلىق نازۇك شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇش تۈپەيلى كېلىپ چىققان كەمسىتىشكە ياكى جىسمانىي، ئىقتىسادىي زور زىيانغا سەۋەب بولغۇچىلار قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىكەن. بىراق، ئاممىۋى سورۇنلاغا سۈرەتلەرنى ئورنىتىش، كىشىلەرنىڭ شەخسىي كىملىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى بېكىتىش قاتارلىقلار ئەگەر «ئاممىۋى بىخەتەرلىكنىڭ ئىھتىياجى» بولسا، جازاغا ئۇچرىمايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قانۇندا «ئاممىۋى بىخەتەرلىكنىڭ ئىھتىياجى» دېگەنگە ئوخشاش قانۇن ئىجراچىلىرىغا بولۇشىغا يوچۇق ئېچىپ بېرىدىغان تالايلىغان بوشلۇقلار ۋە مەزكۇر قانۇننى مۇجىمەللەشتۈرىدىغان يېتەرلىك مەزمۇنلارمۇ يەر ئالغان ئىكەن. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 1-نويابىردىكى «خىتاي شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويدى، شەخسىي مەخپىيەتلىكلەرگە بىخەتەرلىك قۇلۇپى سېلىندىمۇ؟» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى بىرېمىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي سانلىق مەلۇماتلىرى تەتقىقاتچىسى مۇتەخەسسىس دېننىس كىپكې خىتاينىڭ بۇ يېڭى قانۇنىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تۈسىگە ئىگە» دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئەدلىيە مۇستەقىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تۈزۈلگەن قانۇنلارنىڭ ئەسلى پېتى ئىجرا قىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىكەن.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، خىتايدا ناھايىتى كۆپ قانۇنلار بولسىمۇ، نە خىتاي پۇقرالىرىدا، نە ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىدا بۇ قانۇنلارنى ئىجرا قىلىدىغان ئاڭ يوق ئىكەن. ھۆكۈمەتمۇ، دۆلەتمۇ، قانۇنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرىنىڭ مۇدىرى، سابىق ئادۋۇكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي قانۇنلىرىنىڭ «ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ» بولۇپ، خىتاينىڭ «شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى» نى تۈزىشى، گويا «بۆرىنىڭ قوينى قوغداش ئۈچۈن قانۇن چىقارغىنىغا ئوخشاش كۈلكىلىك ھەم بىمەنە بىر ئىش» سانىلىدىكەن.
مۇتەخەسسىس دېننىس كىپكېنىڭ ئالغا سۈرىشىچە، خىتاي بۇ قانۇننى تۈزۈشتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گ د پ ر، يەنى «ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش نىزامى» دىن ئۆرنەك ئالغان ئىكەن. خىتاينىڭ «شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى» نى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نىزامىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم مەزمۇنلىرى تامامەن ئوخشايدىكەن. ئەمما ئىجرا قىلىنىشى ھېچ ئوخشىمايدىكەن.
مەلۇمكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش نىزامى» ئىنسانلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىززەت-غۇرۇرىنى قوغداش، كىشىلىك ھەقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەركىن ھەم ئادىل بولۇش قاتارلىق كۆپلىگەن دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى مەنبە قىلغان. بۇ قانۇننىڭ ئەسلى ئاساسى 1950-يىلى ماقۇللانغان «ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان «مەخپىيەتلىك ھوقۇقى» دىن ئىبارەت ئىكەن. بۇ ھوقۇق دائىرىسىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھەقلەرگە ئېتىبار بېرىلگەندىن تاشقىرى «ھەركىمنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە ھاياتىغا، خەت-چەكلىرىگە، خۇسۇسىي تاللاشلىرىغا ھۆتمەت قىلىش ھوقۇقى بار» لىقى ئورۇن ئالغان. بۇ ھوقۇقنى ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنىنىڭ قوغدايلىقى ئەسكەرتىلگەن. 1995-يىلىغا كەلگەندە تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن تور مۇلازىمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا «سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش پەرمانى» روياپقا چىققان. 2000-يىلىدىن باشلاپ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بانكىلاردىكى ئىشلىرىنى تور ئارقىلىق بېجىرىشكە باشلىغان. 2006-يىلى فېيسبۇك ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن. 2011-يىلى گۇگۇلنىڭ بىر خېرىدارى ئەلخەتلىرىنى سايىلىگەنلىكى سەۋەبلىك بۇ شىركەت ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. مۇشۇ ۋەقەدىن 2 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دەرھال «شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئومۇمى يۈزلىك قوغداش چارىسى» نى يولغا قويۇپ، 1995-يىلىدىكى پەرمانىنى يېڭىلىغان. 2016-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش نىزامى» پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. بۇ نىزام 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلغان. ئۇ «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ مۇكەممەل نىزام» دەپ باھالانغان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي قانچىلىك ھەشەمەتلىك، مۇكەممەل قانۇنلارنى تۈزۈپ ئېلان قىلمىسۇن، ئۇ بەرىبىر قانۇن دۆلىتى بولمىغاچ، ئۆزلىرى تۈزگەن قانۇننى ئۆزلىرى دەپسەندە قىلىپ كېتىۋېرىدىكەن، خىتايدا ھېچقانداق قانۇن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئىرادىسىدىن ئۈستۈن تۇرالمايدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى» بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش نىزامى» ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرغۇسىز پەرق، كىشىلىك قىممەتكە تۇتقان مۇئامىلىسىدە ۋە بۇ قانۇنلارنىڭ دەخلى-تەرۈزسىز ئىجرا قىلىنىشىدا ئىپادىلىنىدىكەن. بىراق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى مەزكۇر قانۇننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىكەن. خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىگە چاپان يېپىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان بۇ قانۇنى ئەسلىدە خىتاي ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدىكى مەسخىرە ۋە نومۇسكەن.