شى جىنپىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىنى قوللىدى
2022.01.07
خىتاي، قازاقىستاننىڭ غەربىي-جەنۇبىدىكى جانائۇزېن شەھىرىدە 2-يانۋار كۈنى پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ توقۇنۇشقا ئايلانغان، رۇسىيە باشچىلىقىدىكى «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتى قوشۇن چىقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نارازىلىقنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا قازاقىستان ۋەزىيىتىگە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 7-يانۋار كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، توقايېفنى قوللايدىغانلىقى ئېيتقان.
توقايېف بۇنىڭ ئالدىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى. شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ھەرقانداق كۈچنىڭ قازاقىستاننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى، قازاقىستان خەلقىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ 5 كۈندەك ساقلاپ، «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتى قازاقىستانغا قوشۇن كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس.
لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قازاقىستاندا ھەرقانداق ئئۆزگىرىش بولۇشىنى خالىمىسىمۇ، بىراق ئۇ ۋەزىيەتنىڭ يۆلىنىشى ئايدىڭلاشقانغا قەدەر ئۇنىڭغا قارىتا ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن. كانادالىق مۇتەخەسسىس، «رائۇل ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ ئادۋوكاتى يۇنا دىئاموند، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەيران قارارلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ قازاقىستاندەك ئەڭ مۇھىم قوشنىسى بولغان بىر دۆلەتتە دېموكراتىك ئۆزگىرىش بولۇشىنى خالىمايدىكەن.
يۇنا دىئاموند مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئەركىنلىك بولمىغان مۇستەبىت ئەللەرنىڭ تەرىپىنى تۇتۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت دۆلەت بولۇش تەبىئىتىدىن قارىغاندا، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭمۇ مۇستەبىت دۆلەت ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ھەيران قالارلىق دېگىلى بولمايدۇ. خىتاينىڭ ئۆزىگە ئىتتىپاقداش بولغان ھۆكۈمەتلەرنى قوغداپ قېلىشقا، بولۇپمۇ قازاقىستاندەك ئىنتايىن مۇھىم بىر رايوندىكى، ئۇنىڭغا چېگرىداش بولغان بىر ھاكىمىيەتنى قوغداپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشى ئېنىق» دېدى.
يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ۋەزىيىتى خىتاينىڭ گېئو-ئىستراتېگىيە، بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەنپەئەتىگىلا ئەمەس، بەلكى سودا-ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگىمۇ چېتىلىدىكەن. ئامېرىكادىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور شون روبېرتس، قازاقىستان ۋەزىيىتى خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە ئۇنىڭ خام-ئەشيا تەمىنات زەنجىرىگە تاقىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم (قازاقىستان) ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، قىرغىزىستاندەك دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، خىتاينىڭ قازاقىستاندا كۆرۈنەرلىك مىقداردا سانائەت ۋە خام ماتېرىياللارغا سالغان مەبلىغى بار. ئىلگىرى بۇ بايلىقلارنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىشتا پارىخورلۇق يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر سوئاللار بولغان».
شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت ئۆزگىرىش بۇ كېلىشىملەردىكى شەرتلەرنى قايتا مۇزاكىرە قىلىش تەلەپلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ، بۇنىڭ خىتاي يادرو سانائىتىنىڭ تەمىنات زەنجىرىگىمۇ چېتىلىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
شون روبېرتس: «بۇنىڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بار. قازاقىستان يادرو ئېلېكتر ئىستانسلىرىنى ئۇران بىلەن تەمىنلەش تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي يادرو ئېلېكتر شىركەتلىرى بۇ بايلىقنىڭ مۇھىم شېرىكلىرىنىڭ بىرى. مېنىڭچە ئۇلار بۇنىڭ 50 پىرسەنتىگە دېگۈدەك شېرىك. شۇڭا، ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى (قازاقىستان) ۋەزىيىتىدىن ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ» دېدى.
خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭ توقايېف بىلەن سۆزلەشكەندە «خىتاي تاشقى كۈچلەرنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، قازاقىستاندا ‹رەڭلىك ئىنقىلاب› قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن قازاقىستان دوستلۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى بۇزۇش ئۇرۇنۇشىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ» دېگەن. بىراق خەۋەردە، قازاقىستاندا قالايمىقانچىلىق چىقارماقچى بولغان، رەڭلىك ئىنقىلاب ئېلىپ بارماقچى بولغان، خىتاي-قازاقىستان دوستلۇقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان «تاشقى كۈچلەر» نىڭ كىم ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان.
ئۇ يەنە توقايېفنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى قوللاپ، ئۇنىڭ «ھالقىلىق پەيتتە ھەل قىلغۇچ ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللانغانلىقى، ۋەزىيەتنى تېزدىن تىنچلاندۇرۇپ، دۆلەت ئەربابلىرىدەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلغانلىقى» نى ئېيتقان. بىراق ئادۋوكات يۇنا دىئاموندنىڭ شى جىنپىڭ توقايېفنى ئاشكارا قوللىشى، قازاقىستاندا ئۆزگىرىش بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
يۇنا دىئاموند خىتاينىڭ مەۋجۇت قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا ئائىت ئۇچۇرلارنى كونترول داۋاملىق كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇنا دىئاموند مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ ئالاھىدە ئەندىشە قىلارلىق نۇقتا. چۈنكى، لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن، كۆپ قىسمىنى قازاقلار تەشكىل قىلىدىغان نۇرغۇن شاھىتلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر، شىنجاڭدىكى لاگېرلاردا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان مۇھىم مەنبەدۇر. بۇ دىققەت قىلارلىق نۇقتا، چۈنكى خىتاي ھاياتتا قالغان بۇ كىشىلەرگىمۇ كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارغا بىخەتەرلىك تەھدىتى سېلىپ، لاگېرلارنىڭ شارائىتى ھەققىدە سۆزلەش ئىقتىدارىدا توسماقچى بولۇۋاتىدۇ.»
يۇنا دىئاموندنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىككە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش خىتاينىڭ قازاقىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. ئۇ: «خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش بۇ دىپلوماتىيەنىڭ بىر پارچىسى. ئەلۋەتتە، خىتاي قازاقىستاندا ياشايدىغان لاگېر شاھىتلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بىر ھۆكۈمەت ئارقىلىق كونترول قىلىشقا تىرىشىدۇ» دېدى.
پرېزىدېنت توقايېف شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلەىشكەن دەل شۇ كۈنى قازاقىستان ئامانلىق كۈچلىرىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى بەرگەن. توقايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئالمۇتا شەھىرى 20 مىڭ باندىتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، «تېررورچىلار چەتئەلدە تەربىيەلەنگەن» ئىكەن. بىراق توقايېف بۇنىڭغا ئائىت ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەن.
توقايېف 7-يانۋار سۆزلىگەن بۇ ھەقتىكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا يەنە نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلىپ بۇ چاقىرىقلارنى «قۇرۇق گەپ» دېگەن، شۇنداقلا «بىز جىنايەتچىلەر ۋە قاتىللار بىلەن قانداق سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «قوراللانغان ۋە ياخشى تەربىيە كۆرگەن يەرلىك ياكى چەتئەللىك باندىتلار، تېخىمۇ ئېنىقىنى ئېيتقاندا تېررورچىلار بىرتەرەپ قىلىنىشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ «بىز ئۇلارنى ۋەيران قىلىشىمىز، بۇنى تېز پۈتتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن.
بىراق توقايېفنىڭ ئامانلىق كۈچلىرىگە «ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي ئوق چىقىرىش» بۇيرۇقى بېرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 7-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، «قازاقىىستان دائىرىلىرىنىڭ تەرتىپنى ساقلاش مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، بىراق ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى بېرىشى قانۇنسىز، ئاپەتكە رېتسېپ يازغانلىق. بۇ ئويلاشماي قانۇنسىز ئۆلتۈرۈشكە يول ئېچىپ بېرىدۇ» دېيىلگەن.