شى جىنپىڭ خىتاينىڭ تاشقىي تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىدىن نارازى بولغان

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى قانچە مىليونلىغان دۆلەت تەشۋىقاتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى سالغان مەبلەغقە لايىق ئىش قىلالمىغان.

31-ماي كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى مەخسۇس خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقات قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىش توغرىسىدا 30-نۆۋەتلىك «كوللېكتىپ يىغىن» ئۆتكۈزگەن. يىغىندا شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تاشقىي تەشۋىقات قۇرۇلمىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىگە ۋە خەلقئارادىكى ئورنىغا لايىق بولغان «خەلقئارالىق تىل قۇۋۋىتىگە ماس» ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. يىغىنغا فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ ۋېيۋىي پىكىر بەرگۈچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان.

«فرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 2-ئىيۇن بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭ بۈيۈك تاشقىي تەشۋىقات سىستېمىسىنىڭ خىتايچە قايىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمىگەنلىكىدىن نارازى بولدى» ناملىق خەۋىرى مۇنداق جۈملە بىلەن باشلانغان: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تەشۋىقات سىستېمىسىغا ئالاھىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلاردىن ‹ياخشى تەلەپپۇزنى ئىگىلەش› نى، ‹كەمتەر، يېقىملىق بولۇش› نى، ‹جامائەت پىكرى كۈرىشىنىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە سەنئىتىنى ياخشى بىلىش› نى، ‹خىتايچە قايىل قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى› تەلەپ قىلدى. ئانالىزچىلار ‹شى جىنپىڭ چەت ئەلدىكى بۈيۈك تاشقىي تەشۋىقات سىستېمىسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ياخشى ئېلىپ بارالمىغانلىقىدىن، دېپلوماتلىرىنىڭ دېپلوماتىك ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇندىيالمىغانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش تۈگۈل، ئەكسىچە قۇتراتقۇلۇق ئاپىتىگە سەۋەب بولغانلىقىدىن نارازى بولدى، › دەپ كۆرسەتتى.»

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى 2009-يىلىدىن باشلاپلا تاشقىي تەشۋىقات سىستېمىسى ئۈچۈن يىلىغا بىر قانچە 10 مىليارد دوللاردىن مەبلەغ سېلىپ كەلگەن بولۇپ، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن كۈتكەن ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان. جاڭ ۋېيۋىي يىغىندا مۇنداق دېگەن: «تاشقىي تەشۋىقاتنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى، ھەتتا زور كۆلەملىك تەشۋىقات سىستېمىسىغا تەۋە كۆپ خىللىقمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. تاشقىي تەشۋىقات ئۈچۈن سالغان مەبلەغقە لايىق ئىش بولمايلا قالماستىن، تاشقىي تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى كىشىنى خىجىل قىلىدىغان دەرىجىگە يەتتى. خەلقئارادا جۇڭگونى تەنقىدلەش بېسىقمايلا قالماي، بەلكى يىل بويى ئەيىبلەش، مەسخىرە قىلىشلار كېسەل كەبى داۋاملاشتى. تاشقىي تەشۋىقاتلارنىڭ جۇڭگونىڭ خەلقئارادا باش كۆتۈرۈشىگە ياردىمى تەگمىگەننى تىلغا ئالمايلا قويايلى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشمۇ قانائەتلىنەرلىك ئەمەس.»

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، جاڭ ۋېيۋىي شى جىپىڭ بىلەن پىكىر ئورتاقلىقىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئامېرىكانى ئەيىبلەيدىغان، غەربنى تىللايدىغان، ھېچنىمىگە قارىماي خىتاينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۈكسەلدۈرۈشنى تەرغىپ قىلىدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇ نۇتۇقلىرىدا «شاڭخەي، بېيجىڭ، دالىيەنگە سېلىشتۇرغاندا، نيۇ-يورك 3-دۇنياغا ئوخشايدۇ»، «جۇڭگودا ئەزەلدىن ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەرمەيدۇ، ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسىگە جۇڭگو ياردەم قىلدى، ئەمدى جۇڭگونى ئىزدىمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز»، «ياخشى يېرى، بىزنىڭ جۇڭگونىڭ رەھبەرلىرى ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› نىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىنى باشتىن كۆچۈرگەن تەجىربىگە ئىگە، بىز لۈكچەكلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىمىز» دېگەندەك ئامېرىكانى ھاقارەتلەيدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان سۆزلەرنى سۆزلەپ، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشكەن بىرى ئىكەن.

يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئوبرازىنى سۇندۇرۇشتا ئوينىغان رولى تىلغا ئېلىنمىغان. گېرمانىيەدىكى د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەشۋىقاتتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار خىتاينىڭ ساختىكارلىقىدىن باشقا يەنە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، خوڭكوڭ مەسىلىسى، كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسى، تەڭسىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە تۇتۇشىدىكەن.

«شى جىنپىڭ بۈيۈك تاشقىي تەشۋىقات سىستېمىسىنىڭ خىتايچە قايىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمىگەنلىكىدىن نارازى بولدى» ناملىق خەۋەردە تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان. ئۇنىڭدىكى پىكىرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىدا مەسىلە بارلىقىنى ئېنىق ئېتىراپ قىلغان. شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى بولسا خىتاينىڭ تاشقىي تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈمسىز بولغانلىقىنى، خىتاي دېپلوماتلىرىنىڭ ‹تەنھا بۆرە ھەرىكىتى› نىڭ سەلبىي تەسىرلەر ياراتقانلىقىنى، «ئىشەنچىلىك، سۆيۈملۈك ۋە ھۆرمەتلىك جۇڭگو ئوبرازىنى بەرپا قىلىش» ئارزۇسىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا قىلغان سۆزلىرى خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى بارلىق تەشۋىقات سىستېمىسىغا، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تەشۋىقات ئورگانلىرىغا، كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىغا، ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىغا، چەت ئەلدىكى ئىش بېجىرىش ئورگانلىرىغا قارىتىلغان ئىكەن. خەۋەردە ئىپادە قىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي دېپلوماتلىرىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ، خەلقئارادا ئومۇملاشقان دېپلوماتىك نازاكەتلەردىن ھالقىپ خىتاينى تەنقىدلىگۈچى چەت ئەللىكلەرنى ئەيىبلەشتە قوللانغان قوپال ئىبارىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئوبرازىنى زىدىلەشتە زور رول ئوينىغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئوبرازىنىڭ سۇنۇشىغا ۋە تەشۋىقاتتا مەغلۇپ بولىشىغا ئۇنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا كۈچەپ تەشەببۇس قىلغىنى «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش» تىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى دېپلوماتلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەپ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە خەلقئارا دېپلوماتىيە ساھەسىدە ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزلەردە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. بۇنىڭ يامان تەسىرى خىتاينىڭ ئوبرازىغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داغ سۈرتكەن.