بېيجىڭدىكى جىددىيچىلىك، شى جىنپىڭنىڭ قەسىمى

0:00 / 0:00

«فرانسىيە ئاۋازى» 22-ئىيۇن ئېلان قىلغان «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن ئىلگىرىكى غەلىتە ئىشلار» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى پۈتۈن مەلىكەت مىقياسىدا قانات يايدۇرغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇراسىمدىن ئىلگىرى بېيجىڭدا جىددىي ھالەت پەيدا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغان.

خەۋەردە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالدى، بىراق غەلىتە يېرى كەيپىيات ئىنتايىن جىددىي، گويا قانداقتۇر زور بىر ۋەقە يۈز بېرىدىغاندەكلا. بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش يولغا قويۇلۇپلا قالماستىن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەنە 30-يىللاردىكى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان گۇ شۈنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كىشىلەرنى چۆچۈتتى.»

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بېيجىڭدا مۇقىملىقنى ساقلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدىن سىرت، بېيجىڭنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنى يېرىم ھەربىي ھالەت تۈسىگە كىرگۈزۈپ قويغان. 5-ئايدىن باشلاپلا بېيجىڭدىكى ئىجارە ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، «تازىلاش» ئېلىپ بارغان. 18-ئىيۇن پوچتا ساھەسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شاڭخەي، جياشىڭ، جىڭگاڭشەن، زۈنيى، يەنئەن، شى بەيپو، بېيجىڭ قاتارلىق 7 رايونغا كېلىدىغان پوچتا بويۇملىرى تېز يوللانما مۇلازىمىتىنى بىراقلا چەكلىگەن. بېيجىڭغا كىرىدىغان خەت ۋە يوللانمىلارنى 2-قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويغان. يەر ئاستى پويىز يوللىرى ئېغىزلىرىغا تەكشۈرۈش خادىملىرىنى بەلگىلەپ، يولۇچىلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن.

خىتاي ھاكىمىيىتى يۇقىرىقى تەدبىرلەردىن تاشقىرى، بېيجىڭنىڭ 9 رايونىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان، مودېل ئايرۇپىلان، لەگلەك، شار، ئاسمان چىرىقى ئۇچۇرۇشنى ۋە كەپتەر قاتارلىق قۇشلارنىڭمۇ ئۇچۇشىنى چەكلىگەن. 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭنى ھاۋا دولقۇنلىرى ئارقىلىق سىمسىز ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتكەن. خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرىنىڭ نىشانى ئۆزىنىڭ خەلقى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچى ھەمدە پارتىيە ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىكەن.

خۇددى مەزكۇر خەۋەردە خىتاي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇدىرى سەي شىئا كوممۇنىستىك پارتىيەنى «قارا گورۇھ» دەپ تەشۋىرلىگەندەك، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىمۇ ئۇنى «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئاتىدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى گۇ شۈنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي تارمىقىنىڭ مەسئۇلى بولغان گۇ شۈنجاڭنىڭ 1931-يىلى پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى، ھازىرقى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشى ۋە پارتىيەگە ھەرگىزمۇ ئاسىيلىق قىلماسلىقى لازىملىقىنى بايان قىلغان.

بۇ كونا تارىخنى ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقىرىپ، پارتىيە ئەزالىرىغا قورقۇنۇش سېلىش پىكرىنى شى جىنپىڭ تەمىنلىگەن. خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، گۇ شۈنجاڭنىڭ ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن ماقالىدە شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى تەكىتلىگەنلىكى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گۇ شۈنجاڭ ئەينى چاغدا پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ زاماندىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان جۇ ئېنلەي ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇرۇغ-جەمىتىنى قىرىپ تاشلىغان. ماقالە بۇ نۇقتىنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما «توخۇنى بوغۇزلاپ، مايمۇننى چۆچۈتۈش» ھېلىسىنى قوللىنىپ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش»، يەنى كوممۇنىستىك پارتىيەنى ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنى ھىمايە قىلىش، ماھىيەتتە بولسا شى جىنپىڭنى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، شى جىنپىڭغا مەڭگۈ سادىق بولۇشنى بازارغا سالغان.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرىنى يىغىپ، ئۆزى باش بولۇپ پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى يېڭىلىغان. شى جىنپىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قەسەمنامىنى ئوقىغان. لى كېچاڭ ۋە ۋاڭ چىشەن قاتارلىق خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تەكرارلاپ پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرگەن.

نېمە ۋەجىدىن بۇنداق غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟

خەۋەردە ئىپادە قىلىشىچە، نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىمۇ قورقۇنۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، كۈتۈلمىگەن بىر سىياسىي ئۆزگىرىشتىن ئەندىشە قىلىدىكەن. ھەر دائىم «كىملەر ئارقامدىن قانداق سۈيقەستلەرنى پىلانلاۋاتقاندۇ؟» دېگەن ۋەھىمىدىن قۇتۇلالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى ئۆزىنىڭ خەلقى، ئاندىن ئۆزىنىڭ پارتىيەسى ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئىكەن. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر شى جىنپىڭنىڭ كۆزىگە ئىشەنچىسىز كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر بىرىگە بىلدۈرمەي باشقىلارنى ئۇنىڭغا چېقىپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ھەر خىل راست-يالغان خەۋەرلەر پەيدا بولىدىكەن. مەسىلەن: «خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستېرى دوڭ جىڭۋېي بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكاغا قېچىپ كەتتى» دېگەن خەۋەر بۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى بېيجىڭدا يۇقۇرى دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بەرپا قىلىشى، پارتىيە ئىچىدە ساداقەت بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچىشى ۋە تەشۋىقات قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ پارتىيەگە بولغان ساداقەتنى تەشۋىق قىلىشى، ئۇنىڭ خاتىرجەم، بىخەتەر ئەمەسلىكىنىڭ بىر دەلىلى ھېسابلىنىدىكەن.