بىل گېرتس: «شى جىنپىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش ‹چۈشى› نى كۆرۈۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز سادا
2019.09.17
bill-gertz-kitab.jpg بىل گېرتسنىڭ ئىمزاسىدا يېزىلغان «دۇنيانى ئالداش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەر شارىۋى زومىگەرلىكى» ناملىق كىتاب.
Social Media

بىل گېرتسنىڭ ئىمزاسىدا يېزىلغان «دۇنيانى ئالداش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەر شارىۋى زومىگەرلىكى» ناملىق بۇ كىتابتا ئەڭ ئاۋۋال خىتاينىڭ ئامېرىكاغا، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇ تەھدىتنىڭ 1980-يىلىدىن باشلاپ تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقى ئوخشىمىغان نۇقتىلار ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

بىل گېرتسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىش يولىدا 20 يىل كۈرەش قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ ئىزچىل ئامېرىكالىقلارنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مەزكۇر كىتابىغا ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدە ئىگىلىگەن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق دوكلاتلار ۋە مۇھىم مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى ئاتالمىش «خىتاي چۈشى» دېگەن بىر ئاتالغۇنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي دۆلىتى ۋە ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش «مىللىي روھى» ۋە «مىللىي ئارزۇسى» نى ئەكس ئەتتۈرگەن بىر تېرمىن بولۇپ قالدى. ئاپتور كىتابىدا مەخسۇس مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «نۆۋەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ‹خىتاي چۈشى› ھەقىقەتەنمۇ بىر ‹قورقۇنچلۇق چۈش› كە ئايلاندى. شى جىنپىڭ نەزەرىنى پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشقا تىكتى، ئۇ خىتاينىڭ دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشىنى خالايدۇ. خىتاي بۇ ‹چۈش› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۇرۇنۇشىدا بولىدۇ.»

«خىتاي چۈشى» غەلىبە قازىنالامدۇ؟ خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتكۈچى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ تېمىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، «خىتاي چۈشى» گە قىسقىچە تەبىر بەرگەندىن كېيىن، بۇ «چۈش» نىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان خەۋەر ۋە دوكلاتلاردا ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ ئىقتىسادتىكى ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارالىق قانۇنلارغا بويسۇنمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇۋاتقان ئىدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىنىڭ ئىزچىل كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئالدىن بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىش قاتارلىق ئۇرۇنۇشلاردا بولۇشىدۇر.

بىل گېرتس كىتابىدا يۇقىرىقى نۇقتا ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئۆتكەن 40 يىلدىن بېرى خىتايغا ئىنتايىن يۇمشاققوللۇق قىلغانلىقىنى بايان قىلغان شۇنداقلا خىتاينىڭ ئامېرىكاغا جاسۇسلىرىنى ئورنىتىپ ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئامېرىكانىڭ «بېشىغا دەسسەيدىغان» ھالەتكە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دونالد ترامپ ھەقىقەتەن خىتايغا قارىتا بىر مەيدان ئىنقىلاب ۋە سىياسىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش قوزغىدى. ئۆتكەن 40 يىلدا بىز خىتاي بىلەن بىر چوڭ قىمار ئوينىدۇق، يەنى بىز خىتاي بىلەن سودا قىلساق ياكى خىتايغا ياخشى مۇئامىلە قىلساق، خىتاي دېموكراتىيە يولىغا قاراپ ماڭىدۇ، دەپ ئويلاپتۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ تۈپتىن خاتا ئىكەن. دونالد ترامپ خىتاينىڭ بۇ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەن بىردىن-بىر كىشى. شۇڭا ئۇ خىتايغا قاتتىققول مۇئامىلىدە بولدى. ئۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللاندى. نەتىجىدە ئۇنىڭ بۇ تەدبىرلىرى خىتاينىڭ باشقا جەھەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. يەنى خىتاينىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، ئامېرىكادىن ئىستىخبارات توپلاش، جاسۇسلۇق قىلىش قاتارلىقلار.»

خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك قىلمىشلىرى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، غەرب ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان بەزى ئۇچۇرلاردىن خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلماي ئۆزىنىڭ ناتوغرا قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى دەل ئۇيغۇر مەسىلىسىدۇر.

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلغاندىن كېيىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلار بۇنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. گەرچە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى باشقا دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىزچىل ئېغىرلاشماقتا.

ئەگەر «خىتاي چۈشى» غەلىبە قىلسا، ئۇيغۇرلارغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ «چۈشى» نىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى بىر توسالغۇ ئىكەن. ئەگەر «خىتاي چۈشى» ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىدىغان تۇنجى ئىشى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش بولىدىكەن. ئەلۋەتتە پۈتكۈل دۇنياغىمۇ بىر بالايىئاپەت بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.