خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا خىتاي ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىسى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئالىي رەھبىرىنىڭ كىم بولىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ بولغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا ئاز قالغانسېرى شى جىنپىڭنىڭ كىم ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ كىم بولماقچى ئىكەنلىكى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى. يېقىندا سىنگاپور دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى، سىنگاپورنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى بىلاخارى كاۋسىكان (Bilahari Kausikan) بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، بۇنىڭدىكى بەزى رېئاللىقنى تەنقىدلىگەن.
«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» (Nikkei) نىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى زىيارەت خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە تەھلىكىلىك تۈس ئالغان. بولۇپمۇ بىلاخارى ئەپەندى بۇ جەھەتتە شى جىنپىڭنى ئۈچ خىل زور خاتالىق ئۆتكۈزدى، دەپ تەنقىدلەيدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىن تارتىپ خىتاينىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىزچىل تاشقىي دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك «ئاجىز، تەرەققى قىلىۋاتقان ۋە تىنچلىقپەرۋەر» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن، ئاستىرتتىن بولسا ئۆزلىرىنى ھەر جەھەتتە كۈچلەندۈرۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل «ئۆزىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە بۇنى تاشقىي دۇنيادىن يوشۇرۇن تۇتۇش» تاكىتىكىسى دۇنيانى ئۇزۇنغىچە بىخۇتلۇقتا قالدۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە بۇ ھال بۇزۇلغان. شى جىنپىڭ ھە دېسە ئوخشىمىغان سورۇنلاردا خىتاينىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشكارىلاپ «بولۇشىچە لاپ ئۇرغان». بۇنى شى جىنپىڭنىڭ بىرىنچى چوڭ خاتالىقى، دەپ قارىغان بىلاخارى «بۇ كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان خاتالىق. چۈنكى بىر قېتىم لاپ ئۇرغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى ئاغزىنى يۇمغان ھالەتتىمۇ كىشىلەر ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دەيدۇ.
بىلاخارى ئەپەندى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىككىنچى خاتالىق، شى جىنپىڭ قوزغىغان تەشۋىقات ئۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ 2008-يىلىدىكى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى باشلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى «ئەمدى غەرب دۇنياسى تۈگەشتى» دەپ ھېساپلىغان. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بولسا «شەرق كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ، غەرب چۆكۈۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى تەشۋىقاتنى زور كۈچ بىلەن بازارغا سالغان. ھالبۇكى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ نىسبىي ھالدا چېكىنىشكە گىرىپتار بولغانلىقىنى شى جىنپىڭ «مۇتلەق چېكىنىش» دەپ خاتا چۈشىنىۋالغان. بىلاخارى ئەپەندى ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ھېلىھەم ھەممىلا ساھەدە يەنىلا مۇتلەق كونتروللۇق ھوقۇقىنى قولدا تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بولسا بۇنىڭغا بىر مىسال تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئۈچىنچى زور خاتالىق، شى جىنپىڭ دەۋرىدە يۇقۇرى پەللىگە چىققان «رۇسىيە بىلەن بولغان چەكسىز ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» دۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ خىلدىكى ھەمكارلىقى رۇسىيەنى تېخىمۇ بەكرەك خىتايغا تايىنىدىغان، خىتاي رۇسىيەدىن ئەرزان باھالىق ئېنېرگىيە سېتىۋالالايدىغان قىلسىمۇ، خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاستىلاپ كېتىۋاتقاندا بۇ خىل ھەمكارلىق خىتاينىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويىدىكەن.
ئۇزۇن يىللىق دىپلومات بولۇش سۈپىتدە بىلاخارى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇرۇشقاق بۆرىلەر دىپلوماتىيەسى» نى كەسكىن تەنقىدلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، دىپلوماتىيەدە ھەممىلا ئىشنى سىيلىق-سىپايىلىق ۋە ئەدەپ-قائىدىلىك يوسۇندا بىر ياقلىق قىلىش ھاجەت ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭدا بەزىدە قاتتىق-يىرىك، ھەتتا رەزىل ۋاستىلارنى ياكى گەپ-سۆزلەرنى ئىشقا سېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئەمما دىپلوماتىيەدە قانداق ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىشتىن قەتئىينەزەر، زادىلا دىققەتتىن مۇستەسنا قىلىشقا بولمايدىغان بىر نۇقتا باركى، ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە قانداق ئەمەلىي «پايدا» يارىتىش بۇنىڭدىكى ئاخىرقى مەقسەد ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى خەلقئارادا ئىزچىل «ئۇرۇشقاق بۆرىلەر» ئاھاڭىدا سۆز قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدا بىرەر ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئورنىغا ئەكسىچە خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەر جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىتىپ كەلگەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دەل شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن يۈز بەرگەن.
بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، ۋىلسون مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوسېف تورىجىن (Joseph Torigian) شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاي كومپارتىيەسى نۇرغۇن مۇشەققەتلەر بەدىلىگە قۇرۇپ چىققان بىر قاتار تۈپلۈك ئاساسلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:
«بىزنىڭ ياخشى خەۋىرىمىز بولغان بىر ھادىسە شۇكى، دېڭ (شياۋپىڭ)نىڭ زامانىسىدا خىتاينىڭ رەھبەرلىرى دوستانىلىق ئاساسىدىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان. دىڭ شياۋپىڭ بولسا ئۆزى يادرولۇقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزى بېكىتىپ چىققان لىنىيە بويىچە ئالغا مېڭىشىغا ئىشەنچ بىلەن قارىيالىغان. ئەمما شى جىنپىڭ ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ ئىلگىرىكى بىر ئەۋلات رەھبەرلەر كوللېكتىپى بەرپا قىلىپ چىققان كۆپلىگەن نەرسىلەرنى بۇزۇپ تاشلىدى. دېڭ شياۋپىڭ خىتايدىكى ئىسلاھاتنى باشلاپ ئىشىكنى سىرتقا قارىتا راۋرۇس ئېچىپ بولغان 1989-يىلى خىتاينىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىدى؛ 1992-يىلى ئۇ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن بولسا، ئىسلاھاتنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمگە ئىگە بولۇشى ھەمدە چەت ئەللەر بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئالاقىدا بولۇشنىڭ لازىملىقى مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئەنە شۇنداق ۋاقىتتا ئۇ پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلىدىغانلارنىڭ قانچىلىك ۋاقىت رەھبەر بولۇشىنى بېكىتىپ بەرگەن ھەمدە بۇ سۈرۈك مۇقىملاشقان. ھالبۇكى، شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بۇلارنىڭ ھەممىسى چۇۋۇلۇشقا باشلىدى.»
زىيارەت خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت دەل ئاشۇ خىل «ئۇرۇشقاق بۆرىلەر دىپلوماتىيەسى» ئەندىزىسى بويىچە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرقى بۇ خىل يىرىكلىك ئاز دېگەندىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى 40 يىلدىن كۆپرەك داۋام قىلغان «سوغۇق ئۇرۇش» تىنمۇ ئۇزۇنراق داۋام قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇق چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىشى خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ زىددىيەتلىك مەسىلىلەرگە يول ئاچىدىكەن.
شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەت رەئىس بولۇشى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بۇ خىلدىكى زىددىيەتلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۆتكەن 20 يىلدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بىر ئۇدۇم ئالىي رەھبەر ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت چەمبىرىكىگە مەنسۇپ بولغان ھەقەمسايىلارنىڭ بىردەك 68 ياشتا مەنسەپتىن ئايرىلىشى بولغان. ئەمما بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت چەمبىرىكى ئەتراپىغا توپلىغان كىشىلەر ياش بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭغا قايسى دەرىجىدە سادىق ئىكەنلىكى بويىچە تاللانغان. شۇڭا بۇ ھاكىمىيەت چەمبىرىكىنىڭ مەركىزىدە شى جىنپىڭ، ئۇنى ئورىغان سىياسىي بيۇرونىڭ يەتتە كىشىلىك دائىمىي ھەيئىتى، ئۇنىڭ سىرتىنى ئورىغان سىياسىي بيۇرو ئەزالىرى، ئۇنىڭ سىرتىدىكى ۋەكىللەر چەمبىرىكى بىردەك مۇشۇ خىل سادىقلىق بويىچە ھاسىل قىلىنغان قاتمۇ-قات ھالقىلار شەكلىدە شى جىنپىڭنى يەنە بىر قېتىم «سايلاپ» چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شى جىنپىڭ «68 ياشتا پېنسىيەگە چىقىش» دېگەن ماددىنى بۇزۇپ تاشلاپ ياش ئۆلىچىمىدىن ھالقىغان ھالدا رەھبەرلىك چەمبىرىكىگە كىرگەن تۇنجى شەخس بولۇپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنىغا خىرىس قىلىشقا ئۇرۇنغان ياكى شۇنداق قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارالغان بارلىق رەقىبلىرىنى كۆزدىن يوقىتىپ بولغان. بۇ جەرياندا «چىرىكلىككە زەربە بېرىش» نامىدا ئالىقاچان پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەن سابىق «باش ساقچى» جۇ يوڭكاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش مىليونغا يېقىن كادىر قولغا ئېلىنغان. مۇتەخەسسسلەر بولسا بۇ ئەھۋالنى 83 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكىچە ھاكىمىيەتنى ھېچكىمگە تۇتقۇزمىغان ماۋ زېدوڭنىڭ ئەمەل تۇتۇش تارىخىغا سېلىشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ.
جوسېف تورىجىننىڭ قارىشىچە، ماۋ زېدوڭ دەۋرى ئىزچىل شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە تارىخ ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ شى جىنپىڭ ھەرقاچان ماۋ زېدوڭغا ئوخشاش «ئۇلۇغ داھى» سىياقىدا نامايەن بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ ماۋ زېدوڭغا تەقلىد قىلىپ نۆۋەتتىكى بىر قاتار سىياسىي ھادىسىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان:
«بۇ راستىنلا بەكمۇ قىزىقارلىق بىر ھادىسە. مېنىڭچە، ماۋ زېدوڭ بىلەن شى جىنپىڭ بەزى ئورتاقلىققا ئىگە. ماۋ زېدوڭ مۇكەممەل مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، ئەمما سىستېمىلىق بىلىمگە ئىگە ئەمەس. شى جىنپىڭمۇ خىتايدىكى ئەڭ كاتتا ئۇنىۋېرسىتېت بولغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئەمما ئۇنىڭ بىلىمى ياندىن ئاڭلىغان شەكىلدە ھاسىل بولغان. 1940-يىللاردا خىتاينىڭ ئىنقىلابى بازىسى بولغان يەنئەندە ماۋ زېدوڭ ئىزچىل موسكۋادىن ئەۋەتىلگەن سىياسىي نازارەتچىلەرنىڭ كۆرۈنمەس كونتروللۇقىدا ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلغان. بۇنداق ئەھۋالدا شۇ ۋاقىتتىكى غەربىي-شىمال رايونىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ھەمدە مۇستەھكەم ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان شى جوڭشۈن تەبىئىي يوسۇندا ماۋ زېدوڭ ئۈچۈن مۇھىم ئىتتىپاقداش بولۇپ قالغان. بۇ ئىتتىپاقداشلىق ماۋ زېدوڭنىڭ ئۆزىگە خاس ئىدېئولوگىيە ھاسىل قىلىپ بىر قىسىم رەقىبلىرىنى يەر چىشلىتىشىدە، شۇنىڭدەك موسكۋانىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ تارىخنى ياخشى بىلىدىغان شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق بىر ئىدېئولوگىيەگە ئىگە بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. شى جىنپىڭنىڭ قارىشىچەم ماركىسىزىم نەزەرىيىسىنىڭ خىتايدا غەلىبى قىلىشىنىڭ سىرى ئۇنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغانلىقىدا. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتىكى سىياسىي تەرەققىياتنى ‹خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىش› شى جىنپىڭ ئۈچۈن بەك مۇھىم.»
«ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى ئوبزور ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىل مۇتلەق كونتروللۇق «ھەۋىسى» شى جىنپىڭ دەۋرىدە دىپلوماتىيە ساھەسىگىمۇ يېيىلغانلىقى ھەمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى تەپسىلىي قاراپ چىقىلغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىن باشلانغان «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە «ئىشىكنى تاقاش» قا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، نازارەت ۋە «سۈزگۈچلۈك مېخانىزىمى» نىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكى نۆۋەتتىكى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» شوئارى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان رېئاللىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا شەرھىلەنگەن. ئاپتور ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا شۇكى، نۆۋەتتە خىتايدىكى تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ «قانچىلىك ئادەمنىڭ قۇربان بېرىشى ياكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى چەكلەش تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن قەتئىنەزەر، پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەۋرەنمەي مېڭىش» نى تەكىتلىشى بولغان. بۇ باش ئىدىيەنىڭ روھى بويىچە شى جىنپىڭ سۈپەت جەھەتتىكى پەرقنىڭ شۇنچە زور بولۇشىغا قارىماستىن، ھېچقاچان چەت ئەلنىڭ ۋاكسىنىسىغا قاراشلىق بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ، ھېچكىممۇ بۇنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە پىكىر قىلغۇدەك جۈرئەتكە ئىگە بولالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئىشىكى چەت ئەلگە قارىتا تېخىمۇ ئېچىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىچكىي قىسىمدا شى جىنپىڭنىڭ «ئازرۇسى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق زۇلۇم مېخانىزىملىرى ھەركەتتىن توختىمايدۇ؛ تاشقىي دۇنياغا نىسبەتەن شى جىنپىڭ ھاكىممۇتلەقلىقنى دۇنياۋى تەرتىپكە ئايلاندۇرۇشقا، ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە باشقىلارنىڭ «قوشۇق سالماسلىقى» نى بىر تۈرلۈك دۇنياۋى قائىدىگە ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ مەستانە بولۇپ كېتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل «كونتروللۇق» ئارزۇسى خىتاي كومپارتىيەسىنى راستىنلا «قۇدرەتلىك» قىلالىسىمۇ، ئەمما خىتاينى تېخىمۇ ئاجىزلىتىۋېتىدۇ.
نۆۋەتتە غەرپ دۇنياسى شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى بۇ خىل خاتالىقلىرىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن قانداق خەتەرلەرنى پەيدا قىلىشىدىن ھۇشيار بولۇشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئەڭ ئالدىغا ئۇزاپ كەتكەن. بولۇپمۇ بايدىن ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان «خىتايغا يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق ئۆزەكلەرنى ساتماسلىق» ھەققىدىكى بەلگىلىمە خىتاينىڭ تەقلىدىي ئەقىل، كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت بولغۇسى ساھەلەردىكى ئىلگىرىلىشىنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىپ قويىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇنداق قاتمۇ-قات خاتالىقلىرىنىڭ بەدىلى نېمە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى نۆۋەتتە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوخشىمىغان مۇلاھىزىلىرىگە سەۋەب بولماقتا.