خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى سىياسەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

0:00 / 0:00

ۋال-سىترىت ژورنىلى: «ئامېرىكا قانداق قىلىپ شى جىنپىڭنى خاتا مۆلچەرلىدى-ئارزۇ قىلىنغان گلوبالىست ۋە ئوتتۇرىغا چىققان دېكتاتور»

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا خىتاي تەھدىتى دەيدىغان تونۇشنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى قوپاللىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان، ئۇ يەردىكى 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان ۋە خوڭكوڭدا زوراۋانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرمۇ كۈچەيمەكتە.

يېقىندا «ۋال-سىترىت ژورنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا قانداق قىلىپ شى جىنپىڭنى خاتا مۆلچەرلىدى-ئارزۇ قىلىنغان گلوبالىست ۋە ئوتتۇرىغا چىققان دېكتاتور» ماۋزۇلۇق ماقالىدە دەل ئامېرىكانىڭ شى جىنپىڭنى خاتا پەرەز قىلىشى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر ھاكىممۇتلەق، مۇستەبىت رەھبەر بولۇپ چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھوقۇقنى ئېلىشتىن بۇرۇن بۇ كىشىنىڭ قانداق بىر لىدىر بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنى بىر قانچە قېتىم «يوقلاپ» باققان. خىتايدىكى ۋە ئامېرىكادىكى بىر قانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە ئامېرىكا ئۇنى بىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ۋە دۇنيا تەرتىپىگە ماسلىشىشنى خالايدىغان بىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ خۇلاسە چىقارغان. بەزىلەر ھەتتا شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشقان.

بىراق ئاپتور ماقالىسىدە بۇ يەكۈنلەرنى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيىلىك خاتا پەرەزلەرنىڭ بىرى» دەپ باھالىغان. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭ پەرەز قىلىنغاننىڭ دەل ئەكسىچە ھەرىكەتلەردە بولغان. ئاپتور مۇنداق دېگەن:

«كېيىنكى سەككىز يىلدا شى جىنپىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسىگە قارىتا كەڭ دائىرىلىك ۋە ئاشقۇن مىللەتچىلىك روھى بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشنى قارار قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كونترول قىلىش ئىستىكىنى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنى ماۋ زېدۇڭغا سېلىشتۇرۇپ تەنقىدچىلەرنى ۋە يوشۇرۇن رەقىبلىرىنى تارمار قىلدى، كومپارتىيىنى جانلاندۇردى، ھەتتا دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بىكار قىلدى. ئۇ خالىسا ئۆمۈر بويى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. ئۇ دۆلەتنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈچۈن ‹خىتاي ئارزۇسى› نى ۋەدە قىلىپ، خىتاي ئارمىيىسىنى خىتاينىڭ زېمىن دەتالاشلىرىنى ئىجرا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى، خىتايدىكى بىر مىليونغا يېقىن مۇسۇلماننى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئەركىنلىكنى چەكلىدى. ھازىر تاجىسىمان ۋىرۇس خىتايدا تېزگىنلەنگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىدا كەڭ تارقالغانلىقتىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى يەنى پەن-تېخنىكا بىلەن قۇدرەتلەندۈرۈلگەن ماركىسىزمنى ئەركىن بازار دېموكراتىيەسىنىڭ ئەۋزەل تاللىشى سۈپىتىدە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ ‹خىتايچە ھەل قىلىش چارىسى› سۈپىتىدە تەشۋىق قىلماقتا.»

ئۇنداقتا شى جىنپىڭنىڭ بۇنداق بىر رەھبەر بولۇپ چىقىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

ماقالە ئاپتورى جېرىمىي پېيجنىڭ قارىشىچە، بۇ شى جىنپىڭنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. يەنى شى جىنپىڭنىڭ دادىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىن قالدۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ يېزىلاردا ئۆتكەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرى، ئارمىيەگە كىرىشى ۋە پارتىيە سەرخىللىرىدىكى مىللەتچى ۋە «يېڭى سول» ئېقىمى بىلەن ئۇچرىشىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شى جىنپىڭنى يېقىندىن بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى شى جۇڭشۈن 1962-يىلى پارتىيە رەھبەرلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا پالانغان ۋە شۇ يەردە بىر تراكتور زاۋۇتىدا ئىشلىگەن ۋە بۇ ئائىلە 13 يىل جاپالىق ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەن. شى جوڭشۈن ھەققىدە كىتاب يېزىۋاتقان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوسېف تورىگياننىڭ «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىگە شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جۇڭشۈننى يەنە «پەۋقۇلئاددە ئىنتىزامچان ۋە رەھىمسىز دادا» دەپ تەسۋىرلىگەن. 1966-يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» قوزغالغاندىن كېيىن بۇ ئائىلە «قىزىل قوغدىغۇچىلار» نىڭ قاتتىق تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن. بۇ يىللاردا شى جىنپىڭ مەكتەپكە بارالمىغان.

بۇ ھەقتە تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسى، تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم پىكىر بايان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت بولۇپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيەسى ئالمىغانلىقىدا دەپ كۆرسەتتى. ئەركىن ئەكرەم يەنە شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندا سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى كۈچلۈك لىدېر ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇشۇنداق يولغا ماڭغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ۋال-سىترىت ژورنىلى» دىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى جېرىمىي پېيجنىڭ قارىشىچە، 2012-يىلىدىكى بو شىلەي ۋەقەسىمۇ شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت بۇرۇلۇشىنى تېزلەشتۈرۈشىگە سەۋەب بولغان. بۇ ۋەقە كۈچلۈك ۋە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن بىر رەھبەرلىكنىڭ تەشەببۇسچىلىرىنى جاسارەتلەتدۈرگەن، شى جىنپىڭنى بولسا رەقىبلىرىنى يوقىتىشى، پارتىيەنى قايتىدىن قۇرۇشى ۋە پارتىيە ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن كېرەكلىك باھانە بىلەن تەمىنلىگەن.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ دادىسىنىڭ پارتىيەدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ سۈرگۈن ھاياتىغا مەھكۇم قىلىنىشى شى جىنپىڭنىڭ زالىم ۋە مۇستەبىت خاراكتىرىنىڭ يېتىلىشىگە ئاساس سالغان بولسا، يەنە شۇ دادىسىنىڭ كىملىكى خىتاي ئىچى ۋە چەتئەللەردىكىلەرنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدە خام خىياللارنى سۈرۈشىگە سەۋەب بولغان. ماقالىدە ئاپتور مۇنداق دېگەن:

«خىتاي ئىچى ۋە چەتئەلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ يېڭى رەھبىرى ھەققىدىكى بىر خاتالىقى بولسا ئۇنى خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىسى ۋە ماۋزىدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن بىر كىشىلىك ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرغان دادىسى شى جۇڭشۈننىڭ ئىزىدىن ماڭىدۇ، دەپ قاراش بولدى. . . بۇ ئائىلىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۇ دادىسىغا ئوخشاش، پارتىيىگە بولغان ئىشەنچىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكنى ماۋزىدۇڭنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىدىغانلاردىن كۆرگەن، دادىسىنىڭ بەختسىزلىكىدىن ساۋاق ئالغان.»

شى جىنپىڭنىڭ دادىسىنىڭ شى جۇڭشۈن بولۇشى ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كەڭچىل سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، شى جۇڭشۈن ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنى زالىملىق بىلەن ئىدارە قىلغان ۋاڭ جېننى تەنقىدلەپ، ماۋزىدۇڭغا «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى يۇمشاق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىش كېرەك، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك» دەپ مەسلىھەت بەرگەن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇرسەنلىكىگە ئېرىشكەن ئىكەن.

ھالبۇكى، ئۈمىد قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە ئاشكارىلانغان ئىسپاتلار شى جىنپىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىنىڭ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ باھالىنىۋاتقان زالىم سىياسەتلەرنىڭ باش بىناكارى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ماقالىدە شى جىنپىڭ ھەققىدە يەنە مۇنداق دىيىلگەن: «ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە شى جىنپىڭنىڭ ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىدىن يەكۈنلىگەن خۇلاسە شۇكى، ‹سىياسەت دېگەن غەلىبە قىلغۇچى ھەممە پايدىنى ئالىدىغان بىر مەيدان رىقابەت؛ يەنە بىرى، كۈچنى ھەقىقىي تۈردە قولغا ئالغۇچە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى قەتئىي يوشۇرۇش كېرەك›تىن ئىبارەت بولدى. . . ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كونترول قىلىش تۇيغۇسى ۋە تەڭداشلىرىغا ئىشەنمەيدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى، ئۇ ئورتاق قارار چىقىرىشتىن يىراقلىشىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق يوشۇرۇن رەقىبلىرىنى نىشانلىدى. ئۇ مۇقىم ئىقتىسادنىڭ پارتىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.»

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ 1979-يىلى دادىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەينى چاغدىكى خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىيەسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گېڭ بياۋنىڭ سېكرىتارى بولغان، ئۇ بۇ جەرياندا گېڭ بىياۋغا ئەگىشىپ ئامېرىكاغامۇ كەلگەن، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ئۇچرىشىشلارغا قاتناشقان. بۇ ئۇنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى يېقىندىن چۈشىنىشىگە، ئىچكىي سىياسەتلەرنى چۈشىنىشىگە ئاساس سالغان. شۇڭا ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئالدى بىلەن ئارمىيەدىكى ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۇ گېڭ بيياۋنىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 25 يىل بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە خىزمەت قىلغان. 2007-يىلى ئەڭ يۇقىرى قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزالىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئالىي سىياسىي مەسلىھەتچىسى بولغان سابىق ئاكادېمىك ۋاڭ خۇننىڭ بىلەن تونۇشقان. ھازىر 65 ياشقا كىرگەن ۋاڭ خۇننىڭ 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ‹خىتاي زامانىۋىلىشىش ئۈچۈن ئەركىنلەشتۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى پەن-تېخنىكا ۋە ئىلىمنى ئاساس قىلغان مۇستەبىتلىككە موھتاج› دەيدىغان ‹يېڭىچە مۇستەبىت› نى تەرغىب قىلىدىغان ئېقىمنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن. شۇڭا شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئاساسلىق شۇ كىشىنىڭ پىكىرلىرى بويىچە ئىش كۆرگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئەسلى ئامېرىكا ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى 2009-يىلى تېخى مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى ۋاقتىدا مېكسىكانى زىيارەت قىلغاندا ئىپادىلەپ بولغان ئىكەن. ئۇ شۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئامېرىكانى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ «قورسىقى توق بىر قىسىم چەتئەللىكلەر، قىلىدىغان ئىشى يوق، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا چات كەردى. بىز بۇ دۆلەتلەرگە ئىنقىلاب، نامراتلىق ياكى ئاچلىق ئېكسپورت قىلمىدۇق، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟» دېگەن ئىكەن. ئۇ ئۇندىن كېيىنكى بىرقانچە قېتىملىق سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ كۈچلۈك بىر مەركىزى رەھبەرلىككە ئېھتىياجى بارلىقى ھەققىدە توختۇلۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدە سېگنال بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ سېگناللار توغرا ئوقۇلماي قالغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، غەربلىكلەرنىڭ شى جىنپىڭنى چۈشەنمەسلىكى، ئۇنىڭ قانداق رەھبەر بولىدىغانلىقىنى خاتا مۆلچەرلىشى يەنىلا ئۇلارنىڭ خىتاي تارىخىنى، سىياسىي تارىخىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەسلىكىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتايدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا قارشى ئېلىنىۋاتقان رەھبەر ئىكەن، بىر قىسىم نۇرغۇنلار ئۇنى قوللايدىكەن. بىر قىسىملىرى بولسا ئۇنى قوللىسىمۇ ئەمما ئۇنى «مۇرەسسە قىلىش روھى كەمچىل، ھەم ئۇنىڭ بۇ كەمچىلىكىنى تۈزىتىدىغان مېخانىزممۇ يوق» دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن.

ئاپتورنىڭ ماقالە ئاخىرىدا نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن خۇلاسە قىلىشىچە، «خىتايدا تاجىسمان ۋىرۇسنى كونترول قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئابروي قازانغان شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشقان، ئۇ 2035-يىلىغىچە خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر قاتلاشقا ۋەدە بەرگەن. ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ‹ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن يېڭى تەرتىپ يارىتىش›تىن ئىبارەت.»

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان كىشىلەر شى جىنپىڭ گەرچە خىتايدا كۈنسايىن قېرىلىشىۋاتقان نوپۇس، قەرز مەسىلىسىدەك رىقابەتلەرگە ئۇچرىسىمۇ، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرغا سولىغانلىقى ۋە خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبىدىن غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىسىمۇ، ئەمما بىلگىنىنى جاھىللىق بىلەن قىلىۋېرىدىغان خاراكتىرغا ئىگە، دەپ قارايدىكەن.