خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىتالىيە زىيارىتىدىن كېيىن 24-مارت كۈنى فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرىدە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان چاغدا فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، دېموكرات خىتايلار ۋە ۋىيېتناملىقلار پارىژدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەيدانىدا شى جىنپىڭغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزگەن.
مەتبۇئاتلاردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئىتالىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
ئەمما شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، دېموكرات خىتايلار ۋە فىرانسىيەدىكى يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن پارىژ شەھىرى ۋە باشقا قوشنا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، دېموكرات خىتايلار ۋە يەرلىك خەلقلەر بىرلىكتە شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.
فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئالىم ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيەدە ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى ئەسناسىدا پارىژدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەيدانىدا ئىككى كۈن نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى، نامايىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پاش قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنداقتا، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ فىرانسىيەدە ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى نەدە؟ فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى پارىژدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭ فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە بۇ نامايىشنىڭ فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىككى كۈنلۈك نامايىش جەريانىدا فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى، ياۋروپا خەۋەرلىرى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئوخشاش كۆپ ساندىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ نامايىش ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رىزۋانگۈل خانىممۇ قاتناشقان. ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ فىرانسىيە خەلقىگە شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە مۇھىم كۆزنەك بولغانلىقىنى، ھەتتا شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىمۇ بۇ نارازىلىقتىن خەۋەر تاپقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، دېموكرات خىتايلار ۋە ۋىيېتناملىقلار شى جىنپىڭغا، خىتاي زۇلۇمىغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى شوئارلار توۋلاشقان. فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئالىم ئۆمەر ئەپەندى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا قوغلاشماي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىپ، نۇتۇقلار سۆزلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىتالىيەدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىدىن كېيىن فىرانسىيەگە كەلگەن. ئۇ فىرانسىيەدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروندىن سىرت يەنە فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، باش مىنىستىر ۋە باشقا مۇھىم ئەربابلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەن. بىراق بۇ ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياكى قويۇلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
0:00 / 0:00