«دۆلەت پوچتىسى گېزىتى» : پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ دۇنيانى زۇلمەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

0:00 / 0:00

رۇسىيە پرېزىدېنى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تىنچلىققا ۋە دېموكراتىيەگە قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىپ، زوراۋانلىق، مۇستەبىتلىك ۋە ئۇرۇش ۋەزىيىتى پەيدا قىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن نىسبىي تىنچ ۋە ئەركىن دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى خېلىدىن بېرى سىياسىي كۆزەتچىلەرنىڭ مۇلاھىزە تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.

كانادانىڭ «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتى تورىدا ئېلان قىلىنغان «پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ بىزگە قانداق قاباھەتلىك كەلگۈسىنى پىلانلىدى؟» ناملىق بىر ماقالىدە، بۇ ئىككى تەلۋە مۇستەبىتنىڭ دۇنياغا ئاپەت بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ يوللىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى، ئۆز دۆلىتىدە ھاكىممۇتلەق سىياسەت يۈرگۈزۈشى ۋە ئۇكرائىنانى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن يادرو قوراللىرىنى ئىشقا سالماقچى بولۇشى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بولسا رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرۇشى، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي سىياسەت بىلەن باستۇرۇشى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىنى ۋەيران قىلىپ، تەيۋەنگە قوراللىق تەھدىت سېلىشى قاتارلىقلار بۇ ئىككى مۇستەبىتنىڭ دۇنيانى دوزاخقا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئالامەتلىرى ئىكەن.

پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆز دۆلىتىنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئارزۇسىدا بولۇپ، ئۇلارغا كۆرە پەقەت چوڭ دۆلەت بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئامېرىكاغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ، دۇنيانى سوراش كېرەك. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى جورجى ئورۋېلنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «ھايۋانلار قورۇقى» دىكى ھايۋانلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئوخشايدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ «ھەممە ئادەمدە ھوقۇق بار، ئەمما بەزىلەرنىڭ ھوقۇقى بەزىلەرنىڭكىدىن چوڭ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار دۆلەت قۇرغاندىن بۇيان كۈچ تالىشىپ كەلگەن، دۇنياغا ھۆكۈمران بولىمەن دەيدىغان جاھانگىرلار مەيدانغا كەلگەن؛ ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ غەربنىڭ قىممەت قارىشىغا قارشى چىققان مۇستەبىتلەر ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات يېتەكچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئورتاق تەرەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ ھەر ئىككىسى بۇ دۇنيانى داۋاملىق مۇستەبىتلىك ۋە زوراۋانلىق قىلىشنىڭ خاتىرجەم ماكانىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنى ئالساق، ئۇ تەقىپ-نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى ۋە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەممىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ كەلدى؛ كۆزىتىش تېخنىكىسىنى سىرتقا ئېكسپورت قىلدى ھەمدە مۇستەبىتلىك قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلدى. پۇتىننى ئالساق، ئۇ خەلقئارانىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلماسلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلمىدى، ئوكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ، ياۋروپاغا ئېغىر تەھدىت سالدى؛ ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بۈگۈن رۇسىيەدە مۇستەبىتلىك بىلەن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئالامىتى».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتسا، چوڭ دۆلەتلەر ئارا كۈچ تالىشىش ئەۋج ئالىدۇ؛ ئۇرۇش ۋە بالايى ئاپەت كۆپىيىدۇ؛ ئىقتىساد ۋەيران بولىدۇ؛ مۇستەبىتلىك، زوراۋانلىق قايتا دەۋر سۈرۈپ، دېموكراتىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن ھېساب ئېلىنمايدۇ. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى سىياسىي سودا شەكلىنى ئالىدۇ، ئىقتىساد ۋە سىياسىي قويمىچىلىق ئومۇملىشىدۇ، ھەربىي توقۇنۇش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ كەلگۈسى قاباھەتلىك بولىدۇ.

ھېنرى شاجىۋىسكى رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلەشكەن دۇنيادا خەتەرنىڭ ھامان مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن ئىلگىرى، پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. باشتا كىشىلەر شى جىنپىڭنى ئىسلاھاتچى دەپ ئويلاپ خاتالاشتى. شۇڭا بىز ئۆزىمىزگە تەمەننا قويماسلىقىمىز، ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. پۇتىن نۇرغۇن ئەسكەر ۋە پۇقرالىرىنى يوقاتتى، كىم ئۇنى تەختىدە مۇقىم ئولتۇرىدۇ دېيەلەيدۇ؟ شى جىنپىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن مىللەتچىلىك شوئارى توۋلاپ، ئۆز مەقسىتىنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى دەۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۆز خىيالىمىزغا ئىشەنمەسلىكىمىز، ھەر قانداق ئىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش ئاپىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر رۇسىيە ئوكرائىناغا ئاتوم بومبىسى ئىشلەتسە، غەرب دۇنياسى بۇنىڭغا قارشى چىقالمىسا، رۇسىيە بۇ جەڭدە ئۇتۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن خىتايمۇ بۇنىڭدىن قۇتراپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى، دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى غەربكە پايدىسىز تەرەپكە ئۆتۈشى مۇمكىن» دېدى.

يۇقىرىقى ماقالىدە كانادا مىسالغا ئېلىنىپ، «ئەگەر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولسا، خەۋپسىزلىكىمىز ۋە تەرەققىياتىمىز ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ» دېيىلگەن ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 5 تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچىسى، كانادا ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە تەشكىلات قۇرۇش ئەركىنلىكىنى قوغدىشى كېرەك؛ ئىككىنچىسى، غەرب دۇنياسى رايون ھالقىغان بىر ئىتتىپاقلىق ھاسىل قىلىپ، مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى، خىتاينىڭ تەيۋەننى يۇتىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. ئۇكرائىنا بىلەن تەيۋەننىڭ تەقدىرى دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىدۇ؛ تۆتىنچىسى، پۇتىن بىلەن شى جىنىپىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەك، ئۇلارنى ئۆرىۋېتىش يالغۇز كانادانىڭلا قولىدىن كەلمەيدۇ، غەرب دۆلەتلىرى بىرلىشىپ، يوشۇرۇن ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشسا بولىدۇ.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى گوردون چاڭ بۈگۈنكى خىتاي بىلەن رۇسىيەدەك مۇستەبىت، زوراۋان دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىقتا بىللە ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولماقچى. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىز پۇتىن بولسا قوشنلىرىغا ئۆزىنىڭ رۇسىيە ئېمپېرىيەسىنى قايتا قۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكچى. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىدۇ، ئەمما ھازىرچە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە يېقىن شېرىك. ئەگەر ئۇلار غەلىبە قىلسا دۇنيا ۋەيران بولىدۇ. ئەركىن دۇنيا شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ بىر ھايات-ماماتلىق كۈرەش. ئەگەر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ دۇنياغا خوجا بولسا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ ئۇلار ھەر بىر ئادەمنى ئۆزلىرى خالىغان رەۋىشتە يوق قىلىدۇ، بۇنداق ھاكىمىيەت بىلەن بىللە تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، يا بىز تۇرىمىز، يا ئۇلار تۇرىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەگەر بىز مەغلۇب بولساق، ھەممە نەرسىنى يوقاتقان بولىمىز».