خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانغا خىزمەت زىيارىتىگە بارىدىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بۇ يېڭىلىق تېزدىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بولۇپمۇ تاجىسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت چەت ئەلگە چىقالمىغان شى جىنپىڭنىڭ ۋابادىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل سەپىرى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىشى ھەمدە بۇنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇشىدىن بىر ئاي ئۆتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلىشى، بۇنىڭدىكى مۇھىم مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلىرى ۋە تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا بۇنداق بىر زىيارەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، بۇنىڭ نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھاكىمىلەرگە سەۋەب بولدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا زىيارەتكە بېرىش ھارپىىسىدا، يەنى 9-ئىيۇل كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «مەن نېمە ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىمەن؟» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ماقالىسىدە، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ماھىيەتتە ئامېرىكانىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىرىكلىشىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا-شەرق دۇنياسىدا «سەردار» لىق رولىنى ئويناۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئالاھىدە قىزىقىپ قېلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئاقىللار مەركىزىدىن «خۇدسون ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل دوران (Michael Doran) مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ زىيارەتنىڭ ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس. بۇ ھەپتە بولىدىغان ئىشمۇ ياكى كېيىنمۇ بىلمەيمىز. ئەمما بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە جەزمەن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى. بۇنى يەنە ئاجايىپ ياخشى كېتىۋاتىدۇ، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا نېفىت، ئېنېرگىيە، كان قېزىش، راكېتا ياساش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئورتاق تېما بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بۇ قەدەر ئىرماش-چىرماش بولۇپ كېتىشىنى چەكلىگەندە، ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاينى چەكلەشكە بىر ئۈلۈش كۈچ قوشۇلغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ھازىر خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەنمۇ، ئىران بىلەنمۇ ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي يەنىلا ئىرانغا قارىغاندا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بەكرەك يېقىن. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستراتېگىيە ياكى باشقا جەھەتلەردىن ئالغاندا، ھەرقاچان خىتاي ئۈچۈن بەكرەك مۇھىم.»
فېلىم كاين (Phelim Kine) ئىمزاسىدا «سىياسەت» گېزىتىنىڭ 16-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تاشقىي دۇنياغا ئېكىسپورت قىلىۋاتقان نېفىتىنىڭ 25 پىرسەنتىنى خىتاي سېتىۋالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن 2021-يىلى مارت ئېيىغا كەلگەندە خىتاي رەسمىي ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكىسپورت نىشانى بولۇپ قالغان. 2020-يىلىنىڭ ئۆزىدە خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سودا مىقدارى 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. خۇددى شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا (سېتىۋېلىنغان نېفىت ۋە ئېكىسپورت قىلىنغان ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرى) مىقدارى بولسا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمىگەن. يەنە كېلىپ سەئۇدى ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتىن تارتىپلا خىتاي بىلەن بولىدىغان نېفىت سودىسىدا ئامېرىكا دوللىرىنى ئەمەس، ئەكسىچە «خىتاي يۈەنى» نى ئىشلىتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ناۋادا بۇ لايىھە ئىشقا ئېشىپ قالسا، ئوتتۇرا-شەرق دۇنياسىدىكى سودا ساھەسىدە خىتاي پۇلى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باراۋەر ئىشلىتىلىدىكەن. ئۇ ھالدا غەرپ دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا دۇچ كېلىۋاتقان ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ خىتاينى ۋاستە قىلغان ھالدا بۇ كىرىزىستىن ئۆتۈپ كېتىشى ئاسانغا چۈشىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسدىكى «دوستلۇق» نىڭ كۈچىيىشى ماھىيەتتە رۇسىيەنى بۇ چەمبەرگە ئېلىپ كىرىدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مايكىل دوران مۇنداق دەيدۇ:
«ھازىر بايدېن ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنى تېخىمۇ كۆپرەك نېفىت قېزىشقا ئۈندەۋاتىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا بازىرىدا ماينىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكىلى خېلى بولدى. بۇنىڭدا ئۇكرائىنادىكى كىرىزىس مۇھىم ئامىل بولدى. شۇڭا سەئۇدىدىن كېلىدىغان ماينىڭ مىقدارى ئاشسا، ماي باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ تېخى ئىشقا ئاشقىنى يوق. ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە يوشۇرۇنچە كۆپ سودىلارنى پۈتتۈرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر ياقتىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ۋاستىلىك ھالدا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن قارىساق ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئىلىم ساھەسى ئارىسىدا ئامېرىكا ھەققىدە بىر ئورتاق دۈشمەنلىك چۈشەنچىسى مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئەمىلىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەممەيلەن ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر تۈرلۈك ياخشى ئىش. تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا خىتايغا راۋرۇس تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرقتىن قولىنى بىكار قىلىپ بولغۇچە خىتاي بۇ يەرگە قولىنى تىقىشقا ئۈلگۈرۈپ بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ھەممىلا جەھەتتە ئۈستۈنلۈك قازىنىپ كېتىشى ئاسانلا ئىشقا ئېشىۋاتىدۇ.»
ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاينىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان غايەت زور ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىن ھالقىپ چۈشمەكتە ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزلىرى بىلەن غەرب دۇنياسى ئارىسىدا بارغانسېرى زورىيىپ مېڭىۋاتقان ھاڭنى توسۇپ قېلىشقا ئامالسىز قېلىۋاتقاندا تەبىئىي رەۋىشتە ئۆزلىرى بىلەن «ئىناق مۇناسىۋەت» ئورنىتىشقا ئىنتىلىۋاتقان خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە زېھىن قويماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار فېلىم كايننىڭ ئوبزورىدا ئالاھىدە يەر ئالغان بولۇپ، بەزىلەر مۇشۇ خىل چوڭ رېئاللىققا قاراپ «شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغاندا بەلكىم جوۋ بايدىندىن نەچچە ھەسسە ھەشەمەتلىك كۈتۈۋېلىنىشى مۇمكىن» دەپ قارىماقتا ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا شى جىنپىڭنى رىيادقا تەكلىپ قىلىش مۇھەممەد بېن سالماننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يولللىغان ئۇچۇرى بولۇپ، ئوتتۇرا-شەرق رايونىدا ئامېرىكا ئۈچۈن بىر يېڭى رىقابەتچىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش رولىنىمۇ ئوينايدىكەن. فېلىم كاين بۇ ھەقتە ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مايكىل سىڭ (Michael Singh)نىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئالغان ھالدا «خىتاي ھازىر ئوتتۇرا-شەرقتە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىنمۇ ياخشىراق ۋە ئىشەنچلىكرەك شېرىك ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلماقتا» دېگەن. بۇ ھال خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ بىر ھەپتە ئاۋۋالقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېيتقان «سەئۇدى ئەرەبىستان بىز ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ھېساپلىنىدۇ» دېگەن سۆزىدىمۇ ئەكس ئېتىدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مايكىل دوران مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت مەلۇم جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ئامېرىكا تەۋەسىدىكىلەر ھازىر ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىغاندەك سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ. بولۇپمۇ ئىراننىڭ تەھدىتى ھەرقاچان ئۇلارنىڭ يادىدىن چىقمايدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك تېمىلار ھازىر ئامېرىكا تەرەپتىن ئەمەس، بەلكى خىتاي تەرەپتىن قانائەت تېپىۋاتىدۇ. بۇ ھال تەبىئىي ھالدا سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى بارغانسېرى خىتايغا مايىللاشتۇرىۋاتىدۇ.»
«سىياسەت» گېزىتىنىڭ ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدە ھەربىي قورال-ياراق سودىسىمۇ مۇھىم مەزمۇننى تەشكىل قىلىدىكەن. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان بىر مۇھىم قورال-ياراق مەنبەسى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرى بولسا بايدىن ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانغا «ۋەتەنپەرۋەر» ماركىلىق راكېتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي قورال-ياراق سېتىپ بېرىشنى جاكارلىغان ئىكەن. مانا مۇشۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە شى جىنپىڭنىڭ رىيادقا زىيارەتكە بېرىشى ھەمدە قورال سودىسى ھەققىدە سۆھبەتنىڭ بولۇشى ماھىيەتتە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان يىرىكلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشىنىڭ سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «ھەر ئىككىسىدىن تەڭ پايدىلىنىش» قا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان پەۋقۇلئاددە يېقىنچىلىقى ھەمدە ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتىدە زىيادە دوستلۇقنىڭ ئورناپ كېتىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەن.
نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى رىياد سەپىرىنىڭ ئاددىيلا بىر قېتىملىق دۆلەت زىيارىتى ئەمەس، ئەكسىچە ئوتتۇرا-شەرقتىكى يېڭى بىر مەيدان «بۈيۈك ئويۇن» نىڭ پەردىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى ھەرقايسى ساھەنىڭ قىزىقىش دائىرىسىدە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.