مۇتەخەسسىسلەر: «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى مۇقىملىق ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆچۈرۈش»

0:00 / 0:00

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدە، «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىدە مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى بەرپا قىلىش، جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش» نى تەكىتلىگەن. ئۇ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى» دىكى يوليورۇقلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

19-ئىيۇل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كادىرلارغا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزۈش» يىغىنى ئېچىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يىغىندا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە تېخىمۇ زور نەتىجە بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك» دېگەنلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن ما شىڭرۈي، شى جنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى» نىڭ «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىياسىتى» ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش» سىياسىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى، نۇقتىلار بويىچە بىرمۇ-بىر شەرھلىگەن.

ما شىڭرۈي «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنىيلاشتۇرۇش، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا جۇڭخۇا بىرلىكى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ھەر مىللەت خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرۇشنى سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەنلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

چەتئەللەردىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، يىغىندا تەكىتلەنگەن شى جىنپىڭنىڭ «مىللەتلەر سىياسىتى «ۋە «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنىڭ يادروسى «مۇقىملىق ۋە خىتايدىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش» سىياسىتى ئىكەن.

نيۇ-يوركتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ما جۈ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىدىكى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ماھىيەتتە جەھەتتە «باشقا مىللەتلەرنى يوقىتىش» دەپ شەرھلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى بىرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى›نى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى يوقىتىش سىياسىتى دېسەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ‹خىتايدا 56 مىللەت مەدەنىيىتىدە، خىتاي مەدەنىيىتى ئاساس بولۇشى كېرەك› دېگەن سۆزلىرىنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇنى نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاشكارا ھالدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشەببۇس قىلىش، مىللىي كىملىكنى يوقىتىش سىياسىتى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ».

ما جۈ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرىقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش» نىڭ مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى:

«بەزى كىشىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەن جەھەتتىكى يوقىتىش دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتىن قارىساق شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۇلارنى تەن جەھەتتىن يوقىتىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشتىن باشقا، ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن يوقىتىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ھازىر قىلىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەڭ ئاسان بولغان ئىستراتېگىيە دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ھازىر بارلىق كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ئائىت ئەپسانە رىۋايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش نىشانى قىلماقتا. ئۇ يەردىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي رىۋايەتلىرىنى، تارىخىي شەخسلىرى ھەققىدىكى ھىكايىلەردە خىتايلارنى باش قەھرىمان قىلىشقا، خىتايلارغا باغلاشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللار».

تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ۋەزىيىتى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە جاھانگىر دۆلەت بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈچۈن توسالغۇ بولۇۋاتقىنى ۋە ئەڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ۋە ئۇ يەردە ئۆز كىملىكى بويىچە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بولۇپ قالغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» دە، خىتاينىڭ خەلقئارادا زورۇيىشىغا توسالغۇ دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئەڭ تېز ۋاقىتتا يوقىتىش ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىنىشى مۇقەررەر ئىكەن.

ئەمما ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇستەملىكە سىياسىتى، ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى قاتتىق ئەيىبلەشلەرگە قارىماي، ئۆزىنىڭ چوڭ خىتايچىلىق نەزەرىيەسى بويىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇپ ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، بۇ زېمىندا ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئاتالمىش «مۇقىم ۋەزىيەت» بەرپا قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىكەن.

ما جۈ ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نامىدىكى بىر خىتاي دۆلىتى سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ بارغانچە ناچارلاشقانلىقى ۋە يېتىم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتايغا بېرىلگەن باھالارنىمۇ نەقىل ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋالل سترېت ژۇرنىلىدا بۈگۈن بېرىلگەن بىر خەۋەردە خىتاي قانداق دۆلەت دېگەنگە شۇنداق ئېنىق تەبىر بېرىلگەن. ئۇنىڭدا خىتاي شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش ساقچى دۆلىتى، ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىغا ئوخشاش ئىرقچى دۆلەت، ئۇ ناتسىستلار گېرمانىيەسىدەك لاگېر تۈزۈمىدىكى دۆلەت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە چوڭ خىتايچىلىق تەرغىب قىلىدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت دېيىلگەن. مانا بۇ تەسۋىرلەر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن خىتاي ھەققىدىكى ئەڭ توغرا تەبىر دېيىشكە بولىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە باشتىن ئاخىرى ۋە ھەممە يەردە دېگۈدەك «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق تارىخى»، «ئورتاق مەدەنىيىتى» ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.