مۇتەخەسسىسلەر: شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تارىخى» نامىدا ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى كۆزلىگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.07.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
shi-jinping-uyghur-rayonida-2.jpg خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولدى. 2022-يىلى 15-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
Xinhua

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ شى جىنپىڭنىڭ 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتى ھەققىدە تارقاتقان باش ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، شى جىنپىڭ تۇنجى زىيارەت نۇقتىسى قىلغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا قىلغان سۆزىدە: «شۇنى جەزمەن تەكىتلەش كېرەككى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسى. بۇلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئاددىيلا تونۇش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە» دەپ تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى داۋامىدىكى 9 تەكشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا قىلغان سۆزىدە «شىنجاڭ تارىخى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن تارىخ» ئىكەنلىكىنى تونۇش ۋە تونۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە كۈرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا كىرگەن. ئۇ كۆرگەزمە زالىدا خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «ئاشلىق مەھكىمىسى مۆھرى»، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «قوۋۇقتىن چىقىش-كىرىش خېتى» دېگەندەك چۈشەندۈرۈش يېزىلغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنى بىر-بىرلەپ تەپسىلىي كۆرگەندىن كېيىن «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. بىز شىنجاڭ تارىخىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن تارىخ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

چەتئەللەردىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر ئارخېئولوگ ۋە تارىخشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ باشتىن ئاخىرى ئايرىم ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىپ، بۇلارنى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تارىخى» ۋە «ئورتاق مەدەنىيىتى» گە كىرگۈزۈشى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۆپ ئەسىرلىك ئايرىم ۋە مۇستەقىل تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە ئىنسانىيەتكە قوشقان شانلىق تۆھپىلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە يوققا چىقىرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتىدۇر.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ سابىق خادىملىرىدىن ئامېرىكادىكى ئارخېئولوگ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى، مۇزېينىڭ مەيلى قايسى خىتاي رەھبىرى ئۇيغۇر رايونىغا كەلمىسۇن چوقۇم توختاپ ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بىر نۇقتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىنمۇ ھەيران قالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، دوكتور دولقۇن قەمبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي مىراسلارنى «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتىسى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

7-ئاينىڭ 14-كۈنى شى جىنپىڭ يەنە تۇرپاندىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىزلىرىدىن بولغان يارغول قەدمىىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى زىيارەت قىلغاندىمۇ، يارغول قەدىمىي شەھىرى «تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى غەربىي يۇرتنى باشقۇرىدىغان ئالىي ئاپپارات-ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق» جاي دېگەندەك چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلاپ: يارغول «شىنجاڭ ئەزەلدىنلا دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىلى» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بىردىنبىر ئۈزۈلۈپ قالمىغان مەدەنىيەت، بىز ئۇنى رەتلەپ ئېنىقلىشىمىز كېرەك، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسەك بىز ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز، مەدەنىيەتتە ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. جۇڭگولۇق بولۇش قالتىس ئىش، بىزنىڭ شانلىق تارىخىمىز بار بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىمىزمۇ تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ» دېگەن.

دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قەدىمىي تارىخى مىراسلىرىنى بۇرمىلاپ ئۇنىڭ تارىخى دەۋرلىرىنى خىتاينىڭ تارىخىي دەۋرلىرىگە غەرەزلىك بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشنىڭ دۇنيا ئارخېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ھېچقاچان ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى، بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش بولۇپ قالماستىن، خىتاينىڭ ئارخېئولوگىيە، ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا قىلىۋاتقان مەقسەتلىك بۇزغۇنچىلىقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈرك خەلقلىرى ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ «3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دەل «سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش-قىلالماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەقىقىي ھەل قىلىش» دەپ تەكىتلىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قىلغان بۇ سۆزلىرى ياساپ چىقىلغان تارىخىي نۇقتىئىنەزەر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملارنى خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى تۇرغۇزۇش» ئۈچۈن مېڭە يۇيۇش ماتېرىيالى قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەيتىلگەن يىغىنى، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىنكاسنىڭ روھىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق بىر گەۋدە ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.

يىغىن بۇنىڭ كونكرېت ئىجرائات تەدبىرلىرىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ تارىخى پاكىتلىرى، ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتا قېزىپ چىقىپ ۋە ئۈنۈملۈك رەۋىشتە تەتبىقلاپ، مۇزېيلاردا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى، ھەر قايسى جايلاردا كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەدەنىي مىراسلار، قول يازما ۋە قەدىمكى كىتابلاردىكى يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىدا بەشنى ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ھەم يېتەكلەش كېرەك».

شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ قارشى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن تۈركىيەدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى، ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان تارىخىي كىتابلارنى، تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبى قىسمى دېگەندەك سەپسەتىسىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ تۈرك ئالىملىرى ۋە خەلقئارادىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 14-سانىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي مەدەنىيلىكى تارىخى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە «تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە مەدەنىيەت مىراسىنى جانلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمەت تارتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان بۇ تۇيۇقسىز زىيارىتى داۋامىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن يوليورۇقلىرىنىڭ ھەممىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى تولۇق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىشنى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش ۋە كۈچەيتىشنى داۋاملىق ئالغا سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.