شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ھارپىسىدا رىيادتىكى 4 ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ دېلوسى يەنە ئوتتۇرىغا چىقماقتا

0:00 / 0:00

«ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە يېقىندا «شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى يەر شارى تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ۋە بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق بېيجىڭ بىلەن رىيادنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شى جىنپىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى مۇزاكىرە قىلىنىش باسقۇچىدا ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىملىق زىيارەت بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، دەپ قارىماقتىكەن.

شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتىكى بىر تۈرمىدە ھېچقانداق سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بابۇرە ئىسىملىك 13 ياشلىق قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقنى بىلدۈرۈشكەن.

seudi-tutqun-buxelchem-balbure-1.png

ھەمدۇللا ۋەلى 2020-يىلى 2-ئايدا ئ‍ۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، شۇ يىلى 11-ئايدا سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. نۇرمۇھەممەت روزى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ھەمدۇللا ۋەلىنى مەككەدىكى ئىجارە ئالغان ئۆيىدە تۇرغۇزغانلىقى ئۈچۈن، ئۇمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 4 كىشىنىڭ ئىچىدە ئىككى ئايالمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بۇخەلچەم ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزى بابۇرە مىرئەخمەت ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بۇ تۆتەيلەننى بۇ يىل 13-ئاپرېل كۈنى خىتايغا قايتۇرماقچى بولغان، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان ئىكەن.

seudi-tutqun-hemdulla-weli-nurmuhemmet-rozi-2.jpg

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار» (Safeguard Defenders) تەشكىلاتى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پروگرامما دېرىكتورى لاۋرا خارس (Laura Harth) خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۆت ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئون نەچچە ياشلىق كېچىك بىر قىزمۇ بار. سەئۇدى دائىرىلىرى ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن ئۇلارنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق ھېچقانداق جىنايەت ئارخىپى يوق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانۇنى ۋەكىلىمۇ يوق. بۇ كىشىلەرگە خەلقئارا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. ئۇلار خىتايغا ‹سوۋغات› سۈپىتىدە بېرېۋىتىلىش خەۋپىدە تۇرماقتا.»

2019-يىلى 2-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، «بىز خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىنى قوللايمىز ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېگەن. ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ھىمايە قىلغانىدى.

تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئېچىدىكى ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق قىزى سۈمەييە 2020-يىلى دادىسى تۇتۇلۇپ كەتكەندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ناھايىتى قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئانىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2017-يىلى ئۈزۈلگەن بولۇپ، ئەمدى دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغىلىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشقان ئىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى، ئۇلارنى بىخەتەر بولغان ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشىنى ئىزچىل ھالدا تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بۇ كىشىلەر ئەگەر خىتايغا ئەۋەتىلسە ئۇلارنىڭ جازا لاگېرلىرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىشى ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى مۇمكىنلىكى» نى تىلغا ئالغان. باياناتتا يەنە «خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچراش خەۋپى بولغان بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك مەجبۇرىيىتى بارلىقى، شۇڭا سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنى بىكار قىلىپ، دەرھال تۈرمىدىن ئازاد قىلىشى كېرەكلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

لاۋرا خارس خانىم، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى ئاخبارات قاناللىرىنىڭ بۇ تۆت ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئاخبارات قاناللىرىدا، مەيلى پارلامېنتلاردا ئاۋازى بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇر مۇسۇلمان تۇتقۇنلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇلار ھازىر تولىمۇ جىددىي بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن خەتەر تېخىمۇ ئاشقاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق تەسكىلاتلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم بىرلىشىپ، تېگىشىلىك ئورۇنلارغا تەلەپلىرى يەتكۈچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

سۈمەييە ھەمدۇللا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پەقەت خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ياكى باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، بەلكى دادىسى بىخەتەر بىر جايغا يۆتكەلمىگۈچە، ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.