ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ نەتىجىسى» ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.05.30
shewket-imin-chen-cheungo.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 12-مارت، بېيجىڭ.
AP

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلارنىڭ 29-ماي ۋە 30-ماي كۈنلىرىدىكى سانلىرىدا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ 2-5 يىللىقى پىلان نەتىجىلىرى» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا چاتما ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىنكى مەزكۇر خىزمەتنىڭ 2-5 يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئاتالمىش نەتىجىلەر مەدھىيەلەنمەكتە.

29-ماي كۈنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىتايچە سانىدا «شىنجاڭ گېزىتى» دىن كۆچۈرۈپ بېسىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ 2-5 يىللىقى پىلان نەتىجىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاق گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلدى» سەرلەۋھەلىك ماقالىدا، 27-ماي كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىغىلىشى»، 16-ماي كۈنى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قۇربان تۇلۇمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى» قاتارلىقلار ھەققىدە خەۋەر بېرىلىپ، «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ 2-5 يىللىق پىلانىنى ئورۇنداش مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «مىللەتلەر ئىناق»، «جەمئىيەت مۇقىم» ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەنلىكى تەكىتلەندى.

ماقالىدىكى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك رايونىدىكى ئاھالىلەر ھەققىدىكى خەۋەردە، يىغىلىشتا ئىپادە بىلدۈرگەن ئاھالىلەرنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھايات تومۇرى دەپ بىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دۆلەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ جۇڭگو چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى كۈرەش روھىنى يېتىلدۈرۈش» كە ۋەدە بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

«قۇربان تۇلۇمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى» ھەققىدىكى خەۋەردە قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىلىرىدىن ياسىن مەمەت ۋە رۇقىيە مەتسەيدىنىڭ مىللەتلەر ئىناقلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات خاراكتېرىدىكى سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياسىن مەمەت «مەن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم. كۆپچىلىكنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىنى، رايوندا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى يارىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن، مەزكۇر خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى رۇقىيە مەتسەيدى بولسا: «يۇرتىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېگەن.

«شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ 2-5 يىللىقى پىلان نەتىجىلىرى» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا 30 ماي-ئېلان قىلىنغان 2-پارچە ماقالىدە، شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ 2-5 يىللىقى مەزگىلىدە رايوندا بەرپا قىلىنغان ئىناق-مۇقىم ۋەزىيەت نەتىجىسىدە رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدە يۈكسىلىش بارلىققا كەلگەنلىكى مەدھىيەلەنگەن. ماقالىدا ئىلگىرى ۋەيران بولۇش گىرداۋىدا قالغان «1-ئاۋغۇست پولات تۆمۈر شىركىتى»، نېفىت-خىمىيە سانائەت شىركەتلىرى قاتارلىق بىرقىسىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت-زاۋۇتلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى، 2018-يىلى رايوننىڭ سانائەت ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدە 6. 1% ئۆسۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىدا يەنە ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىدا ئىنتېرنېت قاپلىنىش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى، ئىقتىساد تېز يۈكسىلىپ، 2018-يىلى بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي 10% ئاشقانلىقى، ھەرقايسى جايلاردا قۇرۇلغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىمۇ مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىدە زور پايدا ياراتقانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان سانلىق مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە رايوننىڭ تاشيول، تۆمۈريول، ھاۋا قاتنىشىدا ئىلگىرىكىدىن كېڭىيىش ۋە يېڭىدىن لىنىيەلەر بەرپا قىلىنىپ، يۈرۈشلەشكەن ۋە گىرەلەشكەن قاتناش لىنىيەسى بەرپا قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە يەنە رايوندىكى ئاھالىنىڭ كىشى بېشىغا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، «2018-يىلغا كەلگەندە شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ كىرىمى تۇنجى قېتىم 20 مىڭ يۈئەنلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى، ئاھالىلەرگە توغرا كېلىدىغان كىرىم، 20 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن.

«شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ 2-5 يىللىق پىلان-نەتىجىلىرى» ماۋزۇسى ئاتىدىكى يۈرۈشلۈك ماقالىلەر، خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قاتتىق تەنقىتكە ئۇچراپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «» دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش ۋە قايتا تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ئەپەندى ۋە ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىملارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بىر شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرى» ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشى، ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش نەتىجىلەر بولسا ئەمەلىيەتتە «دائىرىلەرنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنى لاگېرلارغا قاماش نەتىجىسىدە خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن يارىتىلغان مۇقىملىق» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەم مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى» دېيىشكە بولىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ئەپەندى، مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان، رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ھوقۇق ئەركىنلىكى ۋە رايوندىكى بارلىق ماددىي بايلىقلىرى تارتىۋېلىنىپ، ئۇيغۇرلار قاتتىق تەقىب قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل تەشۋىقاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقى سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم بولسا، مەزكۇر ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «مۇقىملىق» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنى لاگېرلارغا سولىغان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلشات ئەپەندى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاينىڭ بۇ جايغا كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ يەرلەشتۈرگەن خىتاي كۆچمەنلىرى مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»، 2009-يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2010-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە ئېچىلغان يىغىن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى رايوندىكى نارازىلىقنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، رايوندا يېڭىدىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ 19 ئۆلكە شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ھالبۇكى ئەينى ۋاقىتتا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر يىغىنىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ پىكرى ئېلىنمىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە شەھەرلىرىدىكى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ رايوندىكى يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىگىلىشى سەۋەبىدىن يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەردە يېرىدىن ۋە بايلىقلىرىدىن ئايرىلىش، ئىشسىزلىق قاتارلىق تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ئەينى چاغدا ناھايىتى توغرا پەرەز قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا 10 يىل توشاي دېگەن بۈگۈنكى كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ھوقۇقسىز ھالەتكە مەھكۇم بولۇپلا قالماستىن بەلكى پۈتكۈل مىللەت بويىچە لاگېرلارغا سولىنىپ، جازالىنىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتتە قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.