د ئۇ ق ھەيئىتى سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابېنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابې شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، مازىرىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسادىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رەشىت ئەپەندى، جازا لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىم 26-27-سېنتەبىر كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ 5 چوڭ مەتبۇئاتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپون خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئاڭلاتقان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابې شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت مۇراسىمىغا قاتناشتى. 2022-يىلى 27-سېنتەبىر.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيەدە بىر يۈرۈش مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ياپونىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمىغا قاتنىشىش، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قانۇن ماقۇللىتىش، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيىتىنى خاتىرلىتىشتۇر. بۇلاردىن سىرت ياپونىيەدىكى مەتبۇئاتلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش كەڭ دائىرىلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت».

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابې شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت مۇراسىمىغا قاتناشتى. 2022-يىلى 27-سېنتەبىر.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 26-سېنتەبىردە 5-6 مۇھىم تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «26-سېنتەبىردە ياپونىيەدىكى 5-6مۇھىم تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىلەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. بۇ سۆھبەتلىرىمىزدە ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى، ب د ت دە بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بۈگۈن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا بولدى».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابې ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «27-سېنتەبىردە شىنزو ئابې شەرىپىگە دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى توكيوغا يېتىپ كەلدى. بىزمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە شىنزو ئابېنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدۇق».

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىشىدا ئىككى مەقسىتى بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىشتە ئىككى مەقسىتىمىز بار. ئۇزۇن مۇددەتلىكى بولسا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇش. يېقىن مۇددەتلىك پىلانىمىزنى دېسەك بۇ يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىدا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قارار بىزنىڭ تەلىپىمىزدىن بەك يىراق. شۇڭا كېڭەش پالاتاسىدا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان ئەيىبنامىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈش. يەنە بىرى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا قانداق تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ياپونىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەمەلى يھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت».

جازا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ياپونىيەدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ياپونىيەگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى10-ئاينىڭ6-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.