شىرزات باۋدۇن بىلەن «مىللىي مۇستەقىللىقنى پىلانلىغان» لىقى ئېيتىلغان تاھىر ئابباس: «شىرزات باۋۇدۇن بىلەن ھېچقاچان كۆرۈشۈپ باقمىدىم»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇن ئۇزۇن مەزگىل ھالقىلىق ئورۇنغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ جازالانغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.04.12
شىرزات باۋدۇن بىلەن «مىللىي مۇستەقىللىقنى پىلانلىغان» لىقى ئېيتىلغان تاھىر ئابباس: «شىرزات باۋۇدۇن بىلەن ھېچقاچان كۆرۈشۈپ باقمىدىم» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇن سىن كۆرۈنۈشىدە ئىقرار قىلدۇرۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى ئاپرېل.
Social Media

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇن خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى رادىكاللىقنى تۈگىتىش كۈرىشى» دە ئۇزۇن مەزگىل ھالقىلىق ئورۇنغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ جازالانغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت 6-ئاپرېل ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇققا» چېتىلىش، «دىنىي رادىكاللىق» نى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. يۇقىرى سوتنىڭ قارارىدا شىرزات باۋۇدۇننىڭ 2003-يىلى قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى تاھىر ئابباس بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، «مىللىي مۇستەقىللىق» نى پىلانلىغانلىقى، شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يۇقىرى سوتنىڭ قارارىدا يەنە شىرزات باۋۇدۇننىڭ 2006-يىلى قاراقاش ناھىيەلىك چوڭ مەسچىتنىڭ خاتىپى ئابلاجان بېكىر بىلەن ھەجگە بېرىپ، تاھىر ئابباس بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. بىراق بۇ دېلودا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى، دەپ كۆرسىتىلگەن قاراقاشلىق تاھىر ئابباس 9-ئاپرېل رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب بەردى.

2017-يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان تاھىر ئابباسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھېچقاچان ش ت ئى ھ نىڭ ئەزا بولۇپ باقمىغان، ھېچقاچان شىرزات باۋدۇن ۋە ئابلاجان بېكىر بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان ياكى ئۇلار بىلەن تونۇشلۇقىمۇ بولمىغانىكەن. ئۇ: «بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ تامامەن يالغانلىقى» نى بىلدۈردى.

تاھىر ئابباس: «بۇ ۋىدېيونىڭ تەپسىلاتىنى بىزمۇ كۆردۇق. بۇ ۋىدېيو تامامەن يالغان. شىرزات باۋۇدۇن، دېگەننى مۇشۇ قېتىم ۋىدېيودا كۆردۈم. مېنىڭ ئىسمىم چىققانلىقى ئۈچۈن نېمە گەپتۇ، دەپ كۆردۇق. ئۇنىڭ ھەممىسى يالغان. مەن 2006-يىلى ھەرەمگىمۇ بارمىغان، مەن 2002-يىلدىن كېيىن ۋەتەنگىمۇ بېرىپ باقمىغان، 2002-يىلى بېرىپ بىر ئاي تۇرۇپ توي قىلىپ يېنىپ كەلگەندىن بېرى. شىرزات باۋدۇن، دېگەن ئادەمنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئابلاجان داموللام دېگەن ئادەم بىلەنمۇ تونۇشمايمىز. ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق. پەقەت بىزنىڭ 10-20 يىل مىسىردا تۇرغانلىقىمىز بار. مىسىردا ئوقۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنى ۋە ئاشخانا ئېچىپ، 2017-يىلىدىكى ۋەقەدە تۈركىيەگە يېنىپ كەلگەن».

مۇخبىر: 2003-يىلى قاراقاشقا بارغاندا شىرزات بىلەن كۆرۈشكەنلىكىڭىز يالغانمۇ؟

تاھىر ئابباس: «مەن ۋەتەنگە 2002-يىلى بارغان. 2002-يىلى بارغاندا ئىككى كۈندىن كېيىن ساقچىخانىدىن ئادەم كەپتىكەن. ساقچىخانىغا بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز، دېدى. بارسام، بىر ئاي سولاپ قويدى. سولاپ قويغاندىن كېيىن ئۇنى-بۇنى سوراپ گۇناھ تاپالماي بىر ئايدىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. قويۇپ بەرگەندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە توي قىلىپ يېنىپ چىققان. يېنىپ چىقىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەنگە بېرىپ باقمىدىم».

مۇخبىر: 2006-يىلى ئابلاجان بەكىر داموللام بىلەن شىرزات مەككىگە بارغاندا «سىز بىلەن كۆرۈشتى» دېگىنىچۇ؟

تاھىر ئابباس: «ئابلاجان داموللامنىمۇ تونۇمايمەن. قاراقاشلىق بولغان بىلەن جامەنىڭ ئىمامى شۇ ئادەم بولۇپتىكەن، شۇنداق، دەپ ئاڭلىغان. بىراق ئۇ ئادەم بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان. ئۇ ئادەم مېنى يۈزتۇرانە كۆرسە تونۇمايدۇ. مەنمۇ كۆرسەم تونۇمايمەن. ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز ۋە ئالاقىمىز يوق. 2006-يىلى مەككىدە كۆرۈشكىنىمىزمۇ يالغان، مەن 2006-يىلى مەككە تەرەپكىمۇ بارمىغان».

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ قارارىدا، شىرزات باۋۇدۇننىڭ كۆرسەتكەن «ئالاھىدە خىزمىتى» ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەرىپىدىن شىنجاڭدا «مۇستەقىل دۆلەت» قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە نامزات قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ 2015-يىلى چەتئەلگە خىزمەت تەكشۈرۈشكە چىققاندا چەتئەلدىكىلەرنى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، باشقىلارنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا قىزىقتۇرغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە قاراقاش چوڭ مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابلاجان بەكىرنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى قوللاپ، دىنىي زاتلارنى قىزىنىڭ تويىدا «قانۇنسىز قۇرئان ئوقۇش» پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدا قىزىنىڭ تويىدىكى «قانۇنسىز قۇرئان ئوقۇش» پائالىيىتىنىڭ قانداق پائالىيەت ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر شىرزات باۋۇدۇننىڭ قىزىنىڭ نىكاھىنى ئوقۇغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ھالبۇكى خىتاينىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تويىدا «نىكاھ ئوقۇش» نى «دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دەپ چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

شىرزات باۋدۇن يېقىندا خىتاي تېلېۋىزىيە قانىلى CGTNدە ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق تەشكىلاتى» غا قانداق ياردەم قىلغانلىقلىرىنى «ئىقرار قىلغان».

ئامېرىكادىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق دېلولاردا قىيىن-قىستاقنى كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىدىكەن. ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ: «سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارىنىڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلمەيمىز، چۈنكى خىتاي ھازىر پۈتۈنلەي بىر قارا قۇتا. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى دېلولار تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا بۇ دېلولارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بىراق خىتايدا بۇ خىل دېلولارغا قىيىن-قىستاق، روھى بېسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ۋاستىلارنى ئىشلىتىدۇ. بۇ كىشىلەر قاتتىق بېسىم ۋە قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئۇلارغا ماسلىشىدۇ. قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئۇلار نېمە دېسە شۇنى قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا تېررورلۇق، رادىكاللىققا قارشى بەزى يەرلىك مۈجمەل قانۇن-نىزاملارنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى شۇنىڭ بىلەن جازالىغان. بۇنىڭدا دائىرىلەر 2016-يىلدىن كېيىن چىقىرىلغان بۇ قانۇن-نىزاملار بىلەن بۇنىڭدىن 10-15 يىل بۇرۇنقى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى جازالىغانىدى. ئادۋوكات تېڭ بىياۋنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋال خەلقئارا قانۇن پرىنسىپلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنى بىز قانۇندا قانۇننى كەينىگە ياندۇرۇپ تەتبىقلاش، دەيمىز. بۇنداق قىلىش قانۇننىڭ پرىنسىپىغا پۈتۈنلەي خىلاپ. خىتايدا بولسىمۇ، ھازىر چىقارغان قانۇن بۇرۇن بولغان ئىشلارغا تەدبىقلانمايدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ قانۇننىڭ پرىنسىپىغا خىلاپ. قانۇننى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك پۈتۈن دۆلەتلەر ئەمەل قىلىدىغان پرىنسىپ. ئەسلى خىتاينىڭ قانۇنىدىمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ».

بىراق تېڭ بىياۋ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى قانۇن مەسىلىسىدىن ھالقىپ بىر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەۋرىگە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ قارارىدا شىرزات باۋۇدۇننىڭ يەنە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى بىر مىليون 200 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە بىر يۈرۈش ئۆي بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىراق ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بەزى كىشىلەر، بۇ پۇلنىڭ قاراقاشتىكى بىرەر يۈزدەك مۇسۇلماننىڭ بەدەل ھەج ئۈچۈن بەرگەن پۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى، بۇ پۇلنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قاراقاش چوڭ مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابلاجان بەكىرگە ھاۋالە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئابلاجان بەكىر بۇ پۇلنى 2006-يىلى ھەجگە بارغاندا بىرگە ئېلىپ چىقىپ، مەككىدىكى بىرىگە بەدەل ھەج قىلىپ قويۇشى ئۈچۈن بەرگەن. بىراق مەزكۇر ھەج ئۆمىكى تەركىبىدىكى شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئەينى چاغدا ئابلاجان بەكىر بەدەل ھەج ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان بۇ پۇلنى دائىرىلەرگە مەلۇم قىلمىغان بولۇشى، ئۇ قولغا ئېلىنغاندا بۇ ۋەقە ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنىڭ «جىنايى پاكىتى» دەپ ئۇنىڭغا ئارتىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر، ئابلاجان بەكىرنىڭ چوڭ تۇتقۇندا قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن يىللىق كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭغا بەدەل ھەج ئۈچۈن پۇل بەرگەن كىشىلەرنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ «تېررورلۇق تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەن ۋاقىتتا خىتاينىڭ شىرزات باۋۇدۇننى بۇ تەشكىلات بىلەن باغلاپ جازالىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.